ﻫازىرغىچە توپلانغان ‹‹ تۇرپان مۇقامى ››
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 724 قىتىم

‹‹ تۇرپان مۇقامى ›› دىن ﻫازىرغىچە توپلانغانلىرى 11 يۈرۈش مۇقام ، ئۇلار ‹‹ راك مۇقامى ›› ، ‹‹ چەبىيات مۇقامى ›› ، ‹‹ مۇشاۋىرەك مۇقامى ›› ، ‹‹ چارگاﻫ مۇقامى ›› ، ‹‹ پەنجىگاﻫ مۇقامى ›› ، ‹‹ ئوشاق مۇقامى ›› ، ‹‹ ناۋا مۇقامى ›› ، ‹‹ سابا مۇقامى ›› ، ‹‹ ئىراق مۇقامى ›› ، ‹‹ بايات مۇقامى ›› ۋە ‹‹ دولان مۇقامى ›› دىن ئىبارەت . ‹‹ تۇرپان مۇقامى ›› نىڭ ﻫەر بىرى ‹‹ مۇقەددىمە ›› ، ‹‹ چېكىت ›› ، ‹‹ باش چېكىت ›› ، ‹‹ يالاڭ چېكىت ›› ، ‹‹ جۇلا ›› ، ‹‹ سەنەم ›› ، ‹‹ سەلىقە ›› ۋە ‹‹ چۈشۈرگە ›› قاتارلىق بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ . تۇرپان مۇقامىدىكى ‹‹ پەنجىگاﻫ مۇقامى ›› نىڭ ‹‹ سەنەم ›› بۆلىكى بىلەن ‹‹ سەلىقە ›› بۆلىكى ئارىسىدا ئۈچ خىل رىتىم بىلەن ئۆزگىرىدىغان ‹‹ نازىركوم ›› بار . بۇ بىر يۈرۈش ‹‹ تۇرپان مۇقامى ›› 66 مۇزىكىلىق كۈينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، تولۇق ئورۇنلاشقا ئون سائەت ۋاقىت كېتىدۇ .