ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 1042 قىتىم
ئۇيغۇر مۇقاملىرى تارىخنىڭ ئۇزۇن ، تۈرىنىڭ كۆپ بولۇشىﻬەم ئۆزىگە خاس بىر قاتار ئالاﻫىدلىكلىرى بىلەن ، ئىنسانىيەتنىڭ سەنئەت خەزىنىسىدىكى ‹‹ بىباﻫا گۆﻫەر ››دەپ تەرىپلەنمەكتە . ئۇيغۇر مۇقاملىرى دائىرىسىگە ئادەتتە ‹‹ 12 مۇقام ›› ، ‹‹ دولان مۇقامى ›› ، ‹‹ تۇرپان مۇقامى ›› ، ‹‹ قۇمۇل مۇقامى ›› قاتارلىقلار كىرىدۇ . بۇمۇقاملارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە ، ئۆز ئارا ئورتاقلىق ﻫەم خاسلىقلارنىڭ بارلىقىنى بىلەلەيمىز .
ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىدىكى ئورتاقلىقلار تۆۋەندىكى بىر قانچە جەﻫەتتە كۆرۈلىدۇ :
بىرىنچى ، مەيلى ‹‹ 12 مۇقام ›› بولسۇن ياكى يەرلىك مۇقاملار بولسۇن ، شەكىلنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ﻫەممىسى 12 يۈرۈش بولۇپ ، بىر سىستېما شەكىللەندۈرگەن .
ئىككىنچى ، مەيلى ‹‹ 12 مۇقام ›› بولسۇن ياكى خەلق مۇقاملىرى بولسۇن ، ﻫەممىسى ئوخشاشلا مۇزىكا ،ناخشا ۋە ئۇسسۇلدىن ئىبارەت ئۈچ مۇﻫىم تەركىبي قىسىمدىن تۈزۈلگەن .
ئۈچىنچى ، مەيلى ‹‹ 12 مۇقام ›› بولسۇن ياكى خەلق مۇقاملىرى بولسۇن ، ئادەتتە مۇقەددىمە قىسمىدىن باشقا قىسىملىرىغا ئۇسسۇل ئويناشقا بولىدۇ . ‹‹ 12 مۇقام ›› نىڭ جۇلا ، سەنەم ، چوڭ سەلىقە ، كىچىك سەلىقىلىرى بىلەن مەشرەپ قىسمى مەخسۇس ئۇسسۇل پەدىلىرىبولۇپ ﻫېسابلىنىدۇ . خەلق مۇقاملىرىنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدىن باشقا ﻫەممە قىسىملىرىمۇ ئۇسسۇل پەدىلىرى بولۇپ ﻫېسابلىنىدۇ .
تۆتىنچى ، مەيلى ‹‹ 12 مۇقام ›› بولسۇ ياكى خەلق مۇقاملىرى بولسۇن ، كۆپ خىل چالغۇلار سەپلىنىدۇ .
بەشىنچى ، ﻫەر قايسى مۇقاملارنىڭ ئۆز تەركىبىدىكى نەغمىلەرنىڭ ئاﻫاڭ تۈسىنى بەلگىلەيدىغان ئورتاق مىلودىيگەئىگە مۇﻫىم ‹‹ مۇقەددىمە ›› سى بولىدۇ .
ئۇيغۇر مۇقامشۇناسلىقىدىكى ﻫازىرقى ئورتاقلاشقان قاراشلارغا ئاساسەن ، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى خەلق مەشرەپ مۇقاملىرى ۋە كىلاسسىك مۇقام ، دەپ ئىككى چوڭ تۈرگەبۆلۈشكە بولىدۇ . مۇقامشۇناس ئابدۇشۈكۈر مۇﻫەممەتئىمىننىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا ، ئەزەربەيجان مۇقاملىرىمۇ كىلاسسىك مۇقاملار ۋە خەلقمۇقاملىرىدىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بۆلۈنىدىكەن .
‹‹ ئۇيغۇر 12 مۇقامى ›› ئۇيغۇر مۇقام سەنئىتىنىڭ يۈكسەك چوققىسى بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ مەنبەسىنى يەنىلا خەلق مۇقاملىرىغا ئۇلاشقا بولىدۇ . چۈنكى ‹‹ خەلق مۇقاملىرى خەلقنىڭ ﻫاياتى ، قەلبى ، فولكلور مەدەنىيتىبىلەن بىۋاستە باغلانغان ئۆلمەس ‹ ئانا گەۋدە › بولۇپ ، كلاسسىك مۇقاملار مۇشۇ ‹ ئانا گەۋدە › ئاساسىداشەكىللەنگەن ۋە راۋاجلانغان ›› . مۇزىكىشۇناسلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا ، ‹‹ ئۇيغۇر 12 مۇقامى ›› نىڭ چوڭ نەغمىسىنىڭ ‹‹ تەئەززە ›› ، ‹‹ مۇستافا ›› ، ‹‹ جۇلا ›› ، ‹‹ سەنەم ›› ، ‹‹ پىشرەۋ›› ، ‹‹ كىچىك سەلىقە ›› لىرى بىلەن ‹‹ داستان ›› ، ‹‹ مەشرەپ ›› قىسىملىرىنىڭ رېتىم ئۇدار شەكىللىرىگە‹‹ دولان مۇقامى ›› ۋە ‹‹ قۇمۇل مۇقامى ›› نىڭ نۇرغۇن نەغمىلىرى خام ماتېرىيال بولغان . قازاقىستانلىق مۇقامشۇناس باتۇر ئەرشىدىنوفمۇ ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ لاد ئاساسى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ، ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكىلىرىنى ئارۇز ۋەزىن ئۆلچىمىگە مۇۋاپىق بولغان خەلق ناخشىلىرى تۈركۈمى ، بارماق ۋەزىن ئۆلچىمىگەمۇۋاپىق بولغان خەلق ناخشىلىرى تۈركۈمى ، دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلغان . مۇقاملارنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئۇنىڭ ناخشىلىرىنىمۇ يۇقىرىقى ئۆلچەمگە ئاساسەن ، ئۇلارنىڭ ئاددىي ۋە مۇرەككەپلىكىگە قاراپ ، خەلق مۇقاملىرى ۋە كلاسسىك مۇقاملار ، دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلغان .