guide
ئۇيغۇر ئۇسسۇلى ۋە تەبىئەت
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
979 قىتىم
    سەنئەت ﻫاياتنى ئۆز رەڭدارلىقى بىلەن بېيىتىپ ئىنسانلارغا مەدەنىيەت تارقىتىدۇ، ﻫۇزۇر ئاتا قىلىدۇ. ئىنسانلار ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە تىلدىن پايدىلىنىشنى بىلمىگەچكە، تۈرلۈك ئىما – ئىشارەتلەر ۋە ﻫەرىكەتلەر ئارقىلىق ئالاقە قىلىشقان. ئۇسسۇل سەنئىتى ئەنە شۇ ئىما – ئىشارەت ۋە ﻫەرىكەتلەردىن مەيدانغا كەلگەن سەنئەتتۇر. ئەڭ دەسلەپتە كىشىلەر تەبىئەت توغرىسىدا يېتەرلىك تونۇشقا ئىگە بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تەبىئەتتىكى تۈرلۈك – تۈمەن ئۆزگىرىشلەرگە ﻫەيران قېلىپ، بۇ ئۆزگىرىشلەرنى تەبىئەتتىن تاشقىرى ئىلاﻫىي تۇيغۇ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ تونۇپ كەلگەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى بارغانسېرى ئېشىپ، ئىلاﻫىي تۇيغۇلارنىڭ ئورنىنى بارا – بارا ئوبيېكتىپ چىن ﻫېس – تۇيغۇلار ئىگىلەشكە باشلىغان. ئۇسسۇل ئىپتىدائىي دەۋردىكى تەبىئەتنى سەﻫنە قىلىشتىن، بۈگۈنكى سەﻫنە مۇﻫىتىغا قەدەم قويۇشقىچە مەيلى ئۇسسۇل مەزمۇنى ياكى ئۇسسۇلچىلارنىڭ ئۇسسۇل ئورۇنداش ماﻫارىتى جەﻫەتتىن بولسۇن، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ تەرەققىي قىلىشتەك جەريانلارنى بېسىپ ئۆتكەن.
    ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ باشتىن – ئاخىر تەبىئەت بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى ﻫېس قىلغىلى بولىدۇ. قەدىمكى يازمىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ سۇ چېچىپ ئۇسسۇل ئوينايدىغانلىقى، ئوتقا بېقىپ ئۇسسۇل ئوينايدىغانلىقى، ﻫايۋانلارنى دوراپ ئۇسسۇل ئوينايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. ﻫازىرقى زاماندىكى ‹‹شامان ئۇسسۇلى››، ‹‹نازىركوم››، ‹‹يىلان ئۇسسۇلى››، قاتارلىق ئۇسسۇللارغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئۇسسۇلى تەبىئەتتىن يارالغان، تەبىئەتنى سەﻫنە قىلغانلىقىنى ﻫېس قىلالايمىز. ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ جېنى بولغان بوش دەسسەش مىمىكىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇپراقنى ئۇلۇغلاش روﻫىيىتىنى ئىپادىلىگەن بولسا، كۆپلىگەن ئۇسسۇل ﻫەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سۇنى ئۇلۇغلاش، قۇياشقا، يورۇقلۇققا تەلپۈنۈش، ئاۋامنى ئۇلۇغلاش، ئەمگەكنى سۆيۈش، تەبىئەتنى سۆيۈش، يېشىللىقنى سۆيۈش، تاغۇ – دەريالارنىڭ گۈزەللىكىدىن ﻫۇزۇرلىنىش، باتۇرلۇق، چاققانلىق، گۈزەللىكتىن سۆيۈنۈش روﻫى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
    دېمەك، تەبىئەت ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ ﻫاياتلىق مەنبەسى، تەرەققىيات سەﻫنىسى بولۇپ، ئۇيغۇر ئۇسسۇلى تەبىئەتكە قانچە يېقىنلاشقانسېرى شۇنچە ﻫاياتىي كۈچكە تولىدۇ، جەلپكارلىقى ئاشىدۇ. شۇڭا، ياخشى بولغان ئۇسسۇل ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىشتا تەبىئەتكە تايىنىش، تەبىئەتتىن ئىبارەت بۇ زور ماتېرىيال ئامبىرىدىن مەزمۇن ۋە شەكىل ئېلىپ، ئۇنى دەۋر روﻫى بىلەن سۇغۇرۇش، شۇنداقلا ئۇنى ﻫازىرقى ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ئاساسىدا بەدىئىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش لازىم.