ئاۋاز ئارتىسلىرى ﻫەر تەرەپلىمە تەربىيەلىنىشكە ئەﻫمىيەت بېرىشى كېرەك
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 818 قىتىم
ئىسلاﻫات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. بولۇپمۇ رادىيو – تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى كۈنسايىن رەڭدارلىشىپ خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشى بېيىتىلدى. جۈملىدىن ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمە خىزمىتى 20 نەچچە يىللىق شانلىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ، ﻫازىرقى سەۋىيەگە يەتتى. خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان مەنىۋى ئېﻬتىياجىنى تېخىمۇ قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم ۋىلايەت، شەﻫەرلەردە تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمەبۆلۈملىرى قۇرۇلۇپ، تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمە قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايدى ﻫەمدە ئۇلار ئاۋاز بېرىپ ئىشلىگەن بىر قىسىم نادىر تەرجىمە فىلىملەر تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدەكىنو – تېلېۋىزىيە تەرجىمە فىلىم ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىش، قېلىپلىشىش ئىزىغا چۈشتى. ﻫەر قانداق بىر كەسىپ ئىگىسى كەسپىنى قەدىرلەپ، ئۆزىگە يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، توختاۋسىز ئىزدەنگەندىلا، كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ. ئاۋاز ئارتىسلىرى ئۈچۈن بۇ تەلەپ تېخىمۇ شۇنداق. چۈنكى، ئاۋاز ئارتىسلىرى تىل سەنئىتى ئارقىلىق مەنىۋى بايلىق ياراتقۇچىلار بولۇپ، ئۇلار ياراتقان ئوبرازنىڭ قانداق بولۇشى ئاۋاز ئارتىسلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىغا باغلىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋاز ئارتىسلىرى ئۆزىنى ﻫەر جەﻫەتتىن تەربىيەلىشى، ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى، تەخىرسىزلىكبىلەن ئۆگىنىشى كېرەك.
كىنو – تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمە قوشۇنىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، كىنو – تېلېۋىزىيە تەرجىمە فىلىملىرىمۇ كۈنسايىن موللاشتى، بۇنىڭ بىلەن تاماشىبىنلارنىڭ تەرجىمە فىلىملىرىگە بولغان تەلىپى تېخىمۇ ئاشتى. مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ئاۋاز ئارتىسلىرىدا مول كەسپىي ئالاﻫىدىلىك ۋە يۇقىرى كەسپىي ساپا ﻫازىرلىنىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋاز ئارتىسلىرى داۋاملىق ئۆگىنىش بىلەن بىللە، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەﻫمىيەت بېرىشى كېرەك:
1. ئاۋاز ئارتىسلىقى تىل جەﻫەتتە ئۆزىگە خاس ئالاﻫىدىلىككە ئىگە كەسىپ بولۇپ، كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرى تۇرمۇشتىن ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئاۋاز ئارتىسلىرىدىن چوقۇم ئەدەبىي تەلەپپۇز ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، ئاۋاز ئارتىسلىرى ئۆزىنى فىلىمدىكى بىر ئوبراز ﻫېسابلاپ ۋە شۇ ئوبرازنىڭ ئورنىدا سۆزلەپ، فىلىم ۋەقەلىكنىڭ راۋاجىغا قارىتا ئېنىق چۈشەنچە ﻫاسىل قىلىشى، بەرگەن ئاۋازى ئۇرغۇلۇق، تۇرمۇشلۇق بولۇشى كېرەك.
2. ئاۋاز ئارتىسلىقى ئىجادچانلىق روﻫىغا ئىگە كەسىپ بولۇپ، ئاۋاز ئارتىسلىرى ئۆز كەسپىدىن باشقا كەسىپلەرگە ئائىت بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇش بىلەن بىللە، خەنزۇ تىلىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان سەۋىيەگە ئىگە بولۇشى كېرەك.
3. ئاۋاز ئارتىسلىرى كەسىپ ئەخلاقى، جەمئىيەت ئەخلاقىغا رىئايە قىلغۇچىلاردىن بولۇش بىلەن بىللە، چوقۇم ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيۈشى، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش روﻫىغا ئىگە بولۇش كېرەك.
4. ئاۋاز ئارتىسلىرىدا ئۆزىگە ئىشىنىش ئىدىيەسى بولۇشى كېرەك. ئاۋاز ئارتىسلىرى مىكروفون ئالدىدا تەبىئىي بولۇشى، ئۆزىنى ئەركىن – ئازادە تۇتۇشى، فىلىمدىكى پېرسۇناژ قانداق شارائىتتا تۇرۇۋاتىدۇ، قايسى ئۇسلۇبتا سۆزلەۋتىدۇ، قانداق ﻫېسسىياتتا بولۇۋاتىدۇ دېگەندەك نۇقتىلارنى ئىگىلەشكە ماﻫىر بولۇشى كېرەك.