سەككىز يىل، 99 قەدەم
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 982 قىتىم
مەشرەپ ئۇيغۇر خەلق سەنئىتىنىڭ جۇغلانمىسى ۋە مۇجەسسىمى، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنىڭ مەۋجۇت بولۇش، نامايان بولۇش ۋە ۋارىسلىق قىلىنىشىدىكى جانلىق سورۇنى. مانا شۇ مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ، ئەدەبىيات – سەنئىتىمىزنىڭ جۇلاسى بولغان، خەلقىمىز ياخشى كۆرۈپ ئوينايدىغان ۋە كۆرىدىغان مەشرىپىمىزنى ئېكران ئارقىلىق ئاممىغا قايتىدىن تونۇتۇۋاتقان ۋە شۇ يولدا كېچە – كۈندۈز جاپا چېكىپ ئىشلەۋاتقان شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسىنىڭ بارلىق خادىملىرى يېقىندا بۇ پىروگراممىنىڭ 100 – سانىنى كۈتۈۋېلىش يۈزىسىدىن، ‹‹پارلاق›› مېﻬمانسارىيىدا سۆﻫبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. ﻫەر قايسى ساﻫەلەردىكى ئالىم، مۇتەخەسسىسلەر، جامائەت ئەربابلىرى، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەۋاتقان، ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسىنى ئىقتىسادىي جەﻫەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان كارخانىچىلار، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى ۋە مەشرەپ پىروگراممىسنىڭ سادىق كۆرۈرمەنلىرى بۇ سورۇنغا داخىل بولدى.
سۆﻫبەت دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك رېژىسسور مۇختار بۇغرانىڭ رىياسەتچىلىكىدە باشلاندى:
‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسىنىڭ كۆرۈرمەنلىرى،مەشرەپ قەدرىنى بىلگۈچىلەر ﻫەم مەشرىپىمىزنىڭ خەلقىمىز بىلەن ئىزچىل يۈز كۆرۈشۈپ، ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىشىدىكى سەۋەبكارلار، ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە كۈچ چىقارغان كارخانىلار، ئورۇنلار ئاممىغا كۆڭۈللۈك مەشرەپ ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن، مەشرەپ گۈل چېيىنىتالىشىپ ئېلىپ، بىزنىمۇ، ئۆزلىرىنىمۇ، ئۆزگىلەرنىمۇ شاد ئەتكۈچىلەر، بىز سىلەرگە رەﻫمەت ئېيتىمىز.
سورۇن ئەﻫلى قىزغىن چاۋاكلىرى بىلەن ئۇلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى. مۇختار بۇغرا مەشرەپ پىروگراممىسىنىڭ 100 – قەدىمىنى قانداق بېسىش توغرىسىدا سۆز ئېچىلىشتىن بۇرۇن مەشرەپنىڭ تارىخى ۋە تېلېۋىزوردا كۆرسىتىلىۋاتقان ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسىنىڭ بۇ بىر قانچە يىلدىكى مۇساپىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
مەشرەپ ناخشا، مۇزىكا، ئۇسسۇل، ئەلنەغمە، تەنتەربىيە ماﻫارىتى، دارۋازلىق، سېرك، سېﻬىرگەرلىك قاتارلىق بەدىئىي شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، ئەﻫلى – ئاۋام، ئەل – جامائەتنى تەبىئەت، جەمئىيەت ۋە ئىنسانىيەت ﻫەققىدىكى ﻫۈنەر – سەنئەت، ئەخلاق –پەزىلەت ۋە ئادەم بولۇش ﻫەققىدىكى بىلىم، چۈشەنچىلەر بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئۇچراشتۇرىدىغان كاتتا ئىجتىمائىي مۇنبەر. بۇنىڭدىن سەككىز يىل مۇقەددەم شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسىنى تەسىس قىلىپ، خەلق ئىچىدىكى بۇ ئەنئەنىۋى سەنئىتىمىزنى زامانىۋى سەﻫنىگە ئېلىپ چىقتى. سەككىز يىلدىن بۇيان، بۇ پىروگرامما مىللىي روﻫتىن، يەرلىك ئالاﻫىدىلىكتىن چەتنىمىگەن ئاساستازامانىۋى سەﻫنىنىڭ خاسلىقىدىن پايدىلىنىپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەﻫەر، ناﻫىيە، بازارلار بىلەن ﻫەم خۇسۇسىي كارخانا، شىركەت خوجايىنلىرى بىلەن كۆڭۈلدىكىدەك ﻫەمكارلىشىپ، 99 قەدەمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باستى، يەنىمەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ﻫەر مىللەت ئاممىسىغا سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرىدىن تىزىلغان 99 تال گۈلنى كۆڭۈل سوۋغىسىقىلىپ سۇندى. بۇ 99 تال گۈل ئوخشىمىغان پۇرىقى بىلەن ئۆزگىچە خۇش ﻫىدلارنى ئەتراپقا تارقىتىپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئوتلۇق ﻫېسسىياتى ۋە تەلپۈنۈشلىرىگە جور بولۇپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە پىروگراممىلىرى ئىچىدە كۆرۈش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، ﻫەممە كىشى كۆرۈشكە ئالدىرايدىغان پىروگرامما بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەشرىپىنىڭ ب د تئىلىم – پەن، مەدەنىيەت، مائارىپ تارمىقىغا يوللانغاندىن كېيىن، ئىنسانىيەتنىڭ قوغداپ قېلىشقا تېگىشلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى99 قەدەمنى سالماق بېسىپ كەلگەن مەشرەپتىن ئىبارەت بۇ ‹‹بالا››غا زور غايىۋى كۈچ ۋە مەدەت بولدى. مانا بۇ ‹‹بالا›› 100 – قەدىمىنى بېسىش ئالدىدا كۆپچىلىك ئالدىغا مەسلىﻬەت سوراپ كەلدى.
مەشرەپ قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇر خەلقىگە ﻫەمراﻫ بولۇپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، دېدى پىروفېسسور، شائىر ئىمىن ئەﻫمىدى ئەپەندى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مەشرەپ سورۇنلىرى بارغانسېرى تۈگەۋاتقان، ئۇيۇشتۇرىدىغانلار بارغانسېرى ئازلاۋاتقان پەيتتە بۇ پائالىيەتنى تېلېۋىزور ئېكرانىغا چىقىرىپ، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇشقا كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى. مەشرەپنىڭبالىلارنى، ياشلارنى، تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلىدىغان رولىنى جارى قىلدۇردى. تېلېۋىزور ئېكرانى بۇرۇنقى مەشرەپ ئۆتكۈزىدىغان مەﻫەللىلەردەك، باغ – ﻫويلىلاردەك كەڭ بولمىسىمۇ، مەشرەپ بۇرۇنقىدەك نەچچە كېچە – كۈندۈز ئۆتكۈزۈلمىسىمۇ، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى چەكلىك ۋاقىت، چەكلىك سورۇندا خەلق ئىچىدىكى مەشرەپكە تەئەللۇق قائىدە – يوسۇنلارنى، مىرشاپ، پاششاپ دېگەندەك پېرسوناژلارنى ئاساسەن ساقلاپ قالدى، مەشرەپنىڭ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغانلىقىنى، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىدىغانلىقىنى خەلققە بىلدۈردى.
— سەككىز يىلدىن بۇيان، ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسى 99 قەدەمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك باستى ﻫەم ب د ت تەرىپىدىنمۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى، بۇ مەشرەپنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىدە ئىنتايىن مۇﻫىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، – دېدى كومپوزىتور ياسىن مۇخپۇل ئەپەندى ئارقىدىنلا.
ئاتاقلىق رەسسام، جامائەت ئەربابى غازى ئەﻫمەد، ئوبزورچى ئەنۋەر ئابدۇرېﻬىم، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۆرپ – ئادەت تەتقىقاتچىسى تۇرسۇن ساۋۇت قاتارلىق ئۇستازلار مەشرەپ پىروگراممىسى سەﻫنەمەشرىپى بولۇپ قالمىسا، رىياسەتچى سۆزىنىڭبەدىئىيلىكى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، خەلق سەنئەتكارلىرىمىزغا ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان پۇرسەت كۆپرەك بېرىلسە، ۋاقىت مۇۋاپىق ئۇزارتىلسا، دېگەندەك تەكلىپ – پىكىرلەرنى بەردى، ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى ئۇستازلار بىلەن مەشرەپنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى توغرىسىدا كەڭ – كۇشادە مۇڭداشتى.
‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسىنىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى ۋە رېژىسسورى ئادىلە ئابلىز: بۈگۈن ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسىنى قانداق باشقۇرۇش توغرىسىدا قىممەتلىك پىكىرلەر بېرىلدى. بىز بۇ پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بىر قانىتى بولغان مەشرەپنى مەزمۇنى ساغلام، مېلودىيەسى يارقىن، خەلققە تېخىمۇ يېقىن، بەدىئىيلىكى يۇقىرى قىلىپ ئىشلەش ئۈچۈن تىرىشىمىز. پات يېقىندا ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىمىزنىڭ 100 – سانىنى نورۇز بايرىمى ۋە ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ﻫۇزۇرىغا سۇنىمىز، مەشرەپ خەلقنىڭ ئىنتىلىشلىرىنى ئىپادىلەيدىغان، روﻫىغا ئىلﻬام بەخش ئېتىدىغان، مەنىۋى ئېﻬتىياجىغا ئوزۇق بېرەلەيدىغان پائالىيەت. ‹‹مەشرەپ›› پىروگراممىسى سەنئەت سۆيەر خەلقىمىزنىڭ قوللىشىدا تېخىمۇ رەڭدار، تېخىمۇ جەلپكار بولۇپ، خەلقىمىزگە تېخىمۇ زور مەنىۋى ئوزۇق بەخش ئەتكۈسى، – دېدى.