ﻫېيتگاﻫ جامەسىنىڭ تارىخى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 07-11
- كۆرۈلۈشى:
- 1583 قىتىم
ﻫېيتگاﻫ جامەسى قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ جامە، ﻫېيتگاﻫ مەيدانى قەشقەردىكى ئاۋات سودا،مەدەنيەت مەركىزىدۇر، ئۇ قەشقەرگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئۆزىگە تارتماي قالمايدۇ. ئۇنىڭ كۈن چىقىش تەرەپكە ئېچىلغان چوڭ دەرۋازىسى، پەشتىقى، ئاق گۈمبىزى، ئىككى تەرەپتىكى نەقىشلىك مۇنارلىرى شەﻫەرگە ئالاﻫىدە كۆركەملىك بېغىشلاپ تۇرىدۇ.
جامەنىڭ قۇرۇلۇش سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكى، بۇنىڭغا ئىشلىگەن تامچى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ نەقەدەر ماﻫارەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر بىناكارچىلىقىنىڭ خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ﻫەر يىلى ئىككى ﻫېيتتا چېلىنىدىغان ناغرا، سۇناي ئاۋازى كىشىلەرنى ئۆزىگە شۇنداق جەلپ قىلىدۇكى، بۇ قىزىقارلىق مەنزىرىدىن كۆز ئۈزۈپ ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ناغرا سۇنايچىلارنىڭ تەرەننۇم قىلىشى بىلەن، بۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە دېگۈدەك ئاۋام خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.ئۆز زامانىسىدىكى ئەخمەت ئاكا سۇنايچى، روزى ئاكا (باشى) لار ئۆزلىرىنىڭ ماﻫارىتى بىلەن بارلىق ﻫېيت ئىشتراكچىلىرىنىڭ رەﻫمىتىنى ئالاتتى. شۇ سەۋەبتىنمۇ ﻫەربىر قېتىملىق ﻫېيتتا ئالاﻫىدە ئالقىشقا ئىگە بۇلاتتى. گېزى(ۋاقتى)كەلگەندە بۇ ﻫېيتگاﻫ جامەسى ئالدىدا ئوينىلىدىغان ساما ئۇسۇلى ﻫەققىدىمۇ ئازراق سۆز قىلىپ ئۆتسەك يامان كەتمەس؛ قەشقەر خەلقى،ناغرا،سۇناينىڭ يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلاشقا بەكمۇ خۇشتار، روزى ﻫېيت، قۇربان ﻫېيتتىكى ئالتە كۈنلۈك ئارام ۋە خۇشاللىق ۋاقتىنى ئاشۇ ناغرا،سۇناينىڭ يېقىملىق سادالىرى ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ.ﻫېيت كۈنلىرى ئومۇم كىشىلەرنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ساما سېلىش بۇ يەردىكى خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ شۇغۇللىنىدىغان ئەنئەنىۋىي پائالىيىتىدۇر. «ساما» بىر خىل سەنئەتلىك ئويۇن بولۇپ، ئۇ ئادەتتىكى كۆڭۈل ئېچىشتا ئوينىلىدىغان ئۇسسۇلىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئۇسسۇل ئادەتتە يالغۇز كىشى، ئىككى كىشى ياكى بىر قانچە كىشى تەرىپىدىن ئورۇنلانسا، «ساما» نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ئورۇنلىنىدۇ. يۈزلىگەن كىشىلەر ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ﻫەربىر كىشى ئۆز دائىرسىدە بىر خىل رەتلىك ئايلىنىدۇ. تاماشىبىن شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ بىر خىل رەتلىك ئايلانغانلىقىنى كۆرگەندە گويا بىرلا كىشى ﻫەرىكەتلىنىۋاتقان ﻫېس قىلىدۇ. «ساما»دا پەقەت ناغرا، سۇناينىڭ ئاﻫاڭ يۆتكىلىشى بىلەن رىتىم ئالمىشىدۇ. مەيدانغا چۈشۈپ «ساما» سالغانلارمۇ ناغرا- سۇناينىڭ مۇڭلۇق، يارقىن، يېقىملىق ئاۋازىدىن ئۆزىنى ئۇنتۇيدۇ.بۇ مەيدانغا يىغىلىپ ﻫېيت تەنتەنىسى قىلىۋاتقان جامائەتمۇ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالىدۇ.
بۇ ئىككى ﻫېيت مەزگىلدە ﻫېيتگاﻫ مەيدانىدا ﻫېيت تەنتەنىسىنى ئۆتكۈزىدىغانلار يالغۇز قەشقەر شەﻫرىدىكى ئۇيغۇرلار بولۇپ قالماستىن،قەشقەرنىڭ ﻫەرقايسى ناﻫىيىلىرىدىن ﻫەتتا چەت ۋىلايەتلەردىنمۇ كىشىلەر كېلىپ ﻫوزۇرلىنىدۇ. مانا مۇشۇ مەزگىللەردە قەشقەر شەﻫىرى خۇددى ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. كىشىلەر ئۇنتۇلغۇسىز خۇشاللىق ﻫېس قىلىشىدۇ.ﻫېيتگاﻫ جامەسىنىڭ تارىخىي خاتىرىلەر ۋە رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ﻫېيتگاﻫ جامەسىنىڭ ئورنى بۇندىن بەش ئەسىر بۇرۇن ئىچكىرىكى شەﻫەرنىڭ غەرب تەرىپىدىكى قەبرىستانلىق ئىدى.
مىلادىي 1442-يىلى قەشقەرگە ﻫۆكۈمران بولغان ﻫاكىم بەگ-ساقىت مىرزا ئۆزىنىڭ ۋاپات بولغان ئۇرۇق-جەمەتلىرىنى مۇشۇ قەبرىستانلىققا دەپنە قىلغان. ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن ﻫازىرقى ئىچكىرىكى مەسچىت ئورنىدا بىر كىچىك مەسچىت سالدۇرغان. تۇنجى مەسچىت ياسىلىپ ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ ﻫاكىم بېگى ئوبۇل ﻫادى بەگنىڭ تاغىسى مىرزا ئەزىز ۋەلى دېگەن كىشى ۋاپات بولۇپ مۇشۇ ئۇرۇنغا دەپنە قىلىنغان. ﻫىجىرىيىنىڭ944- يىلى (مىلادى 1558- يىلى) ئوبۇل ﻫادى بەگ مەسچىتنى كېڭەيتىپ يېڭىباشتىن ياساتقان ﻫەمدە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان ئادەتتىكى مەسچىتنى جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان جامە قىلىپ ئۆزگەرتكەن. مىلادى 1787- يىلى (ﻫىجىرىيە 1201- يىلى) يېڭىشەﻫەر ناﻫىيە خانئېرىق يېزىسىدىن زۇلپىيە خېنىم مەككىنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن توپلىغان پۇلنى سەرپ قىلىپ ﻫېيتگاﻫ جامەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ يېڭىباشتىن ياسىغان.
XIX ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەرگە ﻫۆكۈمران بولغان تۇرپانلىق ئىسكەندەر ۋاڭ ﻫايات تۇرۇپ ئۆزىگە، ﻫىجىرىيىنىڭ1224- يىلى (مىلاد 1809- يىلى) شەﻫەرنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى پايناپ يېزىسىغا ﻫەشەمەتلىك گۈمبەز ياساتقان.
بۇ گۈمبەزنى خەلققە ئېغىر ئالۋاڭ سېلىپ ياساتقانلىقتىن، خەلقنىڭ نارازىلىقى غەزەپكە ئايلىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئىسكەندەر ۋاڭ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ﻫېيتگاﻫ جامەسىنى رېمونت قىلىپ كۆل چاپتۇرغان، ئېرىق ئېلىپ، سۇ باشلاپ كىرىپ ئورمان بىنا قىلغان. ﻫىجىرىيىنىڭ1235- يىلى (مىلادىنىڭ 1820- يىلى) قەشقەردە قاتتىق يامغۇر يېغىپ جامەنىڭ تورۇس- تاملىرى زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا، نىدىر خوجا ئەبرىشىمكا دېگەن كىشى ئومۇميۈزلۈك رېمونت قىلدۇرغان. ﻫىجىرىيىنىڭ1255-يىلى (مىلادىنىڭ1839- يىلى) قەشقەرنىڭ ﻫاكىم بېگى زوﻫورىدىن بەگ قەشقەرنىڭ تاشقىرىقى شەﻫەر دەپ ئاتالغان قىسمىغا سېپىل سوقتۇرۇپ شەﻫەرنى كېڭەيتكەن. شۇ چاغدا جامەنى سۈپەتلىك قىلىپ رېمونت قىلدۇرغان.
XIX ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىملىرىدا شىنجاڭغا ﻫۆكۈمرانلىق قىلغان بەدۆلەت (ياقۇپ بەگ)خەلقنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆپلىگەن مەسچىت، مەدرىس، مازارلارنى ياساتقان. شۇ جۈملىدىن ﻫىجىرىيىنىڭ 1290- يىلى (مىلادىنىڭ 1872- يىلى) ﻫېيتگاﻫ جامەسىنى كېڭەيتىپ باشقىدىن قەسىر قىلىپ ﻫازىرقى ﻫالەتكە كەلتۈرگەن. بۇ جامەنىڭ غەربىي تەرىپىنى مەسچىت، شەرق تەرپىنى مەدرىس قىلىپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ، مەدرىس قىسمىنىڭ شىمال، شەرق ۋە جەنۇب تەرەپلىرىگە 24 قاتار 72 ئېغىزلىق ﻫۇجرا، شەرقىي شىمال تەرىپىگە 100دىن ئارتۇق كىشى سىغىدىغان مۇنچا، مۇنار، گۈمبەز، پەشتاق، دەۋازا قاتارلىقلارنى ياساتقان. شۇنىڭ بىلەن ﻫېيتگاﻫ جامەنىڭ ﻫازىرقى ﻫالىتى شەكىللەنگەن.
ﻫىجىرىيىنىڭ 1320-يىلى (مىلادىنىڭ 1903- يىلى) قەشقەردە قاتتىق يەر تەۋرەش زىلزىلىسى يۈز بېرىپ، جامەنىڭ تاشقىرىقى مەسچىت قىسمىغا خېلى دەرىجىدە زەخىم يېتىپ بەزى تاملىرى ئۆرۈلگەن، مۇنار زەخىملەنگەن ئىدى. لېكىن ﻫىجىرىيە 1322- يىلى (مىلادىيە 1905-يىلى) قەشقەرنىڭ ئاتاقلىق بايلىرىدىن «ئاخۇن باي» دەپ ئاتالغان تۇردى باي ﻫاجىم بىلەن كېرىمئاخۇن بايۋەچچىلەر تەرىپىدىن قايتا رېمونت قىلىنغان.
ﻫىجىرىيىنىڭ 1352- يىلى (مىلادى 1934- يىلى) قەشقەرنىڭ مائارىپ ئىدارە باشلىقى ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رېمونت قىلىنىپ، دەرەخلەر تۇلۇقلاپ قويۇلغان، كۆللەر قايتا چېپىلغان. كۆللەرنىڭ ئەتراپىغا رىشاتكىلار ئورنىتىلغان.
ﻫىجىرىيىنىڭ 1354- يىلى (مىلادى 1936- يىلى) قەشقەردە «ئىسلامى مەدرىسى»-مەسچىت ﻫەيئىتى قۇرۇلۇپ، بىر قېتىم رېمونت قىلدۇرۇلغان. جامەنىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرىپىگە ئىككى يان دەرۋازا ئېچىلىپ، كىرىپ- چىقىش راۋانلاشتۇرۇلغان.
ﻫىجىرىيىنىڭ1355-يىلى (مىلادى 1937- يىلى) شەﻫەر كوچىلىرىنى كېڭەيتىش ﻫەرىكىتىدە جامەنىڭ شەرق تەرپىدىكى 24 ئېغىزلىق ﻫۇجرا بىلەن مۇنچا چېقىۋېتىلگەن. تام ئورنىغا سالاسۇنلۇق رىشاتكا بېكىتىلگەن.
ئازادلىقتىن كېيىن جامەنىڭ يېڭى باﻫارى باشلاندى. پارتىيە ۋە ﻫۆكۈمەت بۇ جامەنى «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان ئورۇن» قىلىپ بېكىتىپ بىر قانچە قېتىم چوڭ-كىچىك رېمونت قىلدۇردى. 1955- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندا كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىپ چوڭ كۆلەمدە رېمونت قىلىپ سىرلاپ، ئاقارتىپ تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى. 1983-يىلى 100 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ جامەنى چوڭ رېمونت قىلدى. جامەگە تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارنى بېكىتىپ، ئىگىدارچىلىقنى كۈچەيتتى.
ﻫازىر ﻫېيتگاﻫ جامەسى ۋە مەيدانى يالغۇز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى مىللەتلەرنىڭ دىنىي-مەدەنىي پائالىيەت مەركىزى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەنلەرنىڭ ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەت سورۇنىغا ئايلاندى. قەشقەر شەﻫىرى ئېچىۋېتىلگەن ئوچۇق شەﻫەر قىلىپ ئېلان قىلىنغاندىن بىرى ئىسلام دۆلەتلىرىدىن كەلگەن دوستلار ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت مۇﻫاجىرلىرىنىڭ قەشقەرگە كېلىشى بىلەن ئالدىن زىيارەت قىلىدىغان ئورنى ﻫېيتگاﻫ جامەسى بولماقتا، بۇ جامەنىڭ ئورنى، ئابرويى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە.
ﻫېيتگاﻫ جامەسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسى.
ﻫېيتگاﻫ جامەسى شىنجاڭ بويىچە، شۇنداقلا مەملىكىتىمىز بويىچە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەسچىت ۋە مەدرىسىدۇر. بۇ جامە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى دىنىي ساﻫەدىكىلەر ئارىسىدا زور تەسىرگە ئىگە، ﻫەمدە قەشقەرنىڭ ئىلىم- مەرىپەت، ﻫۈنەر- سەنئەت ماكانى بۇلۇشتەك ئېسىل خىسلىتىنىڭ نامايەندىسى، شۇنداقلا باتۇر، ئەمگەكچان، ئەقىل- پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلق بىناكارلىق سەنئىتىنىڭ تىپىك نەمۇنىسىدۇر. ﻫېيتگاﻫ جامەسىنىڭ شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلۇقى- 140 مېتىر، غەربتىن شەرققە بولغان كەڭلىكى120 مېتىر، ئۇمۇمىي يەر مەيدانى، 25.22 مو كېلىدۇ. بۇ جامە: دەرۋازا، ﻫويلا، مەسچىت، مەدرىس، ﻫۇجرىدىن ئىبارەت تۆت قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. دەرۋازا قىسمىدىن ئالغاندا مۇنار، دەرۋازا، گۈمبەز قاتارلىق ئۈچ قىسىم بىر- بىرىگە تۇتاشتۇرۇلۇپ بىر گەۋدە ﻫاسىل قىلىدۇ. جامە چوڭ دەرۋازىسىنىڭ كەڭلىكى 4.30 مېتىر، ئېگىزلىكى 4.70 مېتىر كېلىدۇ. چوڭ دەرۋازا ئورنىتىلغان تامغا مېﻬراب شەكىللىك نەقىشلەنگەن تەكچىلەر چىقىرىلغان. دەرۋازىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى تامغا رەڭدار زىننەتلەنگەن تۆت مېتىر كەڭلىكتە، يەتتە مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىككى مېﻬراب، ئەگمە شەكىللىك ناۋا ئاستىغا قۇرئان كەرىمنىڭ بىر نەچچە ئايەتلىرى يېزىلغان ئىككى مېتىر كەڭلىكتە، بىر مېتىر ئېگىزلىكتە رەڭدار نەقىشلىك بىر چاسا تاختا بار.
دەرۋازىنىڭ ئىككى يېنىدا ئېگىز، ﻫەيۋەتلىك، كۆركەم سېرىق سىر بىلەن چىرايلىق سىرلانغان ئىككى مۇنار بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 19 مېتىر كېلىدۇ. بۇ مۇنارلار شەﻫەرگە كۆركەم، ﻫەيۋەتلىك تۈس بېرىدۇ. بۇ ئىككى مۇنارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان گەج ۋە پىششىق خىش بىلەن ئېتىلگەن چاتما تامنىڭ ئارىلىقى 28 مېتىر كېلىدۇ. مۇنارنىڭ ئىچىدە ئايلانما پەلەمپەيلەر بولۇپ، مۇئەززىن، ئاخۇنۇملار شۇ پەلەمپەيلەر بىلەن ئۈستىگە چىقىپ مۇسۇلمانلارنى نامازغا چاقىرىدۇ. مۇنارنىڭ ئۈستىگە تۆمۈر دەستلىك ئالتۇن ﻫەل بېرىلگەن ئاينىڭ شەكلى ئورنىتىلغان ﻫەممە ئادەمنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ.جامەنىڭ شەرق تەرىپىدىكى چوڭ دەرۋازىسىدىن كىرىش بىلەن گۈمبەز ئىچىگە كىرىسىز، گۈمبەزنىڭ سەككىز بۇرجەكلىك ئايلانمىسى، ئۇنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدە جامە سەيناسىغا كىرىدىغان مېﻬراب شەكىللىك ئىشىكى بار. گۈمبەزنىڭ سىرتقى ئايلانمىسى 40 مېتىر، ئېگىزلىكى 12.5 مېتىر، ئۈستى ئېگىزلىكىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا بىر مۇنار بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ مۇنارنىڭ يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى 17.5 مېتىركېلىدۇ. بۇ گۈمبەز ئالەم گۈمبىزى بىلەن رىقابەتلەشكەندەك تىك تۇرىدۇ.
پۈتۈن مەسچىت سەينا (ﻫويلا) سىنىڭ كۆلىمى ئىككى مودىن ئارتۇق، ئىككى كۆل بار. بۇ جامەدە ﻫەر كۈنى3-4 مىڭ كىشى، جۈمە كۈنلىرى 5-10مىڭ كىشى ناماز ئوقۇيدۇ. ﻫېيت كۈنلىرىدە 40-50 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ناماز ئوقۇيدۇ. جامە ﻫويلىسى بىلەن ئايۋاننى جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان ماشرەڭ سىرلانغان رىشاتكا ئايرىپ تۇرىدۇ. رىشاتكىنىڭ ئېگىزلىكى 1.50 مېتىر، ئايۋانغا كىرىش ئۈچۈن ئۈچ ئورۇنغا ئىشىك ئورنىتىلغان. مەسچىت قىسمى ئىچكىرىكى مەسچىت (خانىقا) تاشقىرىقى مەسچىت (پېشايۋان)، ئايۋاندىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ئىچكىرىكى مەسچىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 36.5 مېتىر، كەڭلىكى 10.5 مېتىر، ئۇمۇمىي يەر كۆلىمى 456 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. جامەنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى تامغا چىقىرىلغان مېﻬرابتا خاتىپ ئاخۇنۇم خۇتبە ئوقۇيدۇ. تاشقىرىقى مەسچىت، ئايۋانلارنى قوشۇپ ئۈستى يېپىلغان قىسمىنى ﻫېسابلىغاندا 2660 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ئايۋان تورۇسلىرىنى يەتتە مېتىر ئېگىزلىكتىكى 140 تال تۈۋرۈك كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. دېمەك، جامە دەرۋازا، مۇنارلار، پەشتاقلار، گۈمبەز-رىشاتكىلار، ئاجايىپ نەقىشلەنگەن تۈرلۈك قۇرۇلمىلار بىلەن پۈتۈن شىنجاڭغا مەشﻬۇردۇر.