سانلارنىڭ ئىملاسى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 686 قىتىم
سانلارنىڭ ئىملاسى
ئىملا قائىدىسىدە سانلارنىڭ ئىملاسى ئاساسەن يېزىلىشى ئىخچام، ئوقۇشقا ئاسان بولۇشنى كۆزدە تۇتۇپ بېكىتىلگەن.
1) بىردىن ئونغىچە بولغان ساناق سانلار ئىملادا ﻫەرپ بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
بىر ئوقۇغۇچى، بەش تال ئالما، توققۇز يۈەن پۇل
2) ئىككى خانىلىقتىن يۇقىرى تۆت خانىلىقتىن تۆۋە سانلار رەقەم بىلەن يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
600 كىلوگرام بۇغداي. 50 مو يەر، 32 ﻫەرپ
3) دەرىجە سانلار رەقەم بىلەن يېزىلسا، كەينىدىن دەرىجە سان بەلگىسى «-»قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
«4- ماي» ياشلار بايرىمى، «11-سېنتەبىر» ۋەقەسى
4) بىر قانچە دەرىجە سان قاتار كەلگەندە، مەيلى ﻫەرپ بىلەن يېزىلسۇن ياكى رەقەم بىلەن يېزىلسۇن، ئارىسىغا پەش قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى سىنىپلار مەجلسخانىغا يىغىلسۇن. 7- ئاينىڭ 6-، 7-، 8-كۈنلىرى ئىمتىﻬان ئېلىنىدۇ.
5) سانلىق مەلۇماتلاردىكى كۆپ خانىلىق ساناق سانلار رەقەم بىلەن يېزىلسىمۇ ياكى ئارىلاش يېزىلسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن:
235 ,424 كىلوگرام بۇغداي ياكى 532 مىڭ 424 كىلوگرام بۇغداي
6) مۆلچەر سانلار رەقەم بىلەن يېزىلسىمۇ، ياكى ﻫەرپ بىلەن يېزىلسىمۇ بولىدۇ، رەقەم بىلەن يېزىلغاندا ئىككى مۆلچەر ساننىڭ ئوتتۇرىسىغا سىزىقچە قويۇلىدۇ. نۇتۇقتا كونتېكىستتىكى ئېﻬتىياجغا قاراپ « -دىن، -تىن » قاتارلىق قوشۇمچىلار قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
8-12گىچە ئوقۇغۇچى (سەككىزدىن ئونىككىگىچە ئوقۇغۇچى)
5-10 چاقىرىم ئارىلىق (بەشۇن چاقىرىم ئارىلىق)
بەش يۈزچە لەشكەر (بەشيۈزچە لەشكەر)
7) ئاددىي كەسىر ۋە ئونلۇق كەسىرلىك سانلارنى ﻫەرپلىك ئىپادە بىلەن يازغاندا، بەشتىن ئۈچ، ئىككى پۈتۈن ئالتىدىن بىر، ئۈچ پۈتۈن ئوندىن ئىككى دەپ يېزىلىدۇ.
8) رىم رەقەملىرى كىشى ئىسىملىرى، ئەسىرلەر، سۇلالىلەر، كىتاب بابلىرى ۋە توملىرىنى ئىپادىلەشتە، دەرىجە ساننى بىلدۈرۈپ كېلىدۇ ﻫەم خىمىيە فورمۇلىلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ. رىم رەقەملىرىدىن كېيىن ﻫېچقانداق بەلگە قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:
Ⅻ ئەسىر، Ⅹ توم، Ⅳ باب، ئالېكساندىر Ⅱ، كاربون Ⅳ ئوكسىدى.
9) مەلۇم مۇددەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان كۆرگەزمە ياكى يەرمەنكىلەردىكى يىلغا ۋەكىللىك قىلىدىغان سانلارنىڭ ئالدىغا « -يىللىق » دېگەن سۆز قوشۇلماي، خەلقئارا قائىدە بويىچە شۇ يىلىنى بىلدۈردىغان ساننىڭ باش تەرپىگە« '» بەلگىسى قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
2002' ئۈرۈمچى چېگرا سودا يەرمەنكىسى
10) رەقەم بىلەن يېزىلدىغان سانلار، شۇنىڭدەك پىرسەنت بەلگىسى بىلەن يېزىلىدىغان سانلاردىن كېيىن، ئەگەر شەخس قوشۇمچىسىنى قوشۇشقا توغرا كەلسە، شەخس قوشۇمچىسى سانلارغا بىۋاسىتە ئۇلاپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
بۇ قوغۇننىڭ 16سى مېنىڭ، 12سى ياسىننىڭ.
ۋەزىپىنىڭ %90 ئى ئورۇنلاندى، %10 ئى ئورۇنلانمىدى.
11) ئۆلچەن بىرلىكلىرى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ يېزىلىشى يۆنىلىشىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
سۇنىڭ ئېقىش مىقدارى: سېكۇنتىغا 20 لىتىر. («سېكۇنت /20 لىتىر» ئەمەس)
12). كۆپ خانىلىق سانلارنى ئىپادىلەشتە سانلارنىڭ ﻫەر ئۈچ خانىسىدىن كېيىن بىر ئوڭ پەش «,» قويۇلىدۇ. ئونلۇق كەسىردە بولسا پۈتۈن سان بىلەن پارچە سان ئارىسىغا چېكىت «.»قويۇلىدۇ
221,516 1,224,435 5.3 10.5
ئەسكەرتىش: ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار ۋە ئارىفمېتىكىلىق ﻫېسابلاشلارغا قاتنىشىدىغان سانلارنىڭ ئىملاسى توغرىسىدا تېخى ئېنىق، مۇكەممەل قائىدە تۇرغۇزۇلمىدى، ئۇلارنىڭ ئىملاسى ﻫەققىدە كېيىن ئايرىم قائىدە چىقىرىلىدۇ.
5. چەت تىللاردىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
ئۇيغۇرتىلى ئۆزنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا چەت تىللاردىن نۇرغۇن سۆزلەرنى قوبۇل قىلدى. بۇ يەردە ئاساسلىقى، خەنزۇ، رۇس، ئەرەپ. پارس تىللىرى، شۇنداقلا رۇس تىلى ئارقىلىق بىر قىسىم ياۋروپا تىللىرىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى سۆز قوبۇل قىلىپ ئالغان بۇ تىللاردىكى سۆزلەرنىڭ فونېتىكىلىق قۇرۇلمىسى بىلەن ئۇيغۇر تىلى سۆزلىرىنىڭ فونېتىكىلىق قۇرۇلمىسى ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرقلەر مەۋجۇد. شۇڭا، ئۇزاق تارىخىي جەريانىدا مەزكۇر سۆزلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش يۈزلىنىش بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇنلىشىپ بەرمەسلىك ئەﻫۋالى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلار داۋام قىلىپ بىزنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلدى.