guide
ئىملا قائىدىسى - ياردەمچى سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
957 قىتىم
ياردەمچى سۆزلەرنىڭ ئىملاسى


1) باغلىغۇچىلار ۋە تىركەلمىلەرنىڭ ئىملاسى
ئۇيغۇر تىلىدىكى «بىلەن، ۋە، ﻫەم، ﻫەمدە، ئۈچۈن، ياكى، يا، بەلكى، چۈنكى، يەنى، ئارقىلىق، ئارقىسىدا، توغرۇلۇق، توغرىسىدا، ﻫەققىدە، ئەمما، بىراق ...» قاتارلىق باغلىغۇچى ۋە تىركەلمىلەر مۇستەقىل ئىنتوناتسىيىگە ئىگە بولغان ياردەمچى سۆزلەر بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئالدى - كەينىدىكى سۆزلەردىن ئايرىلىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن، كىم توغرۇلۇق، سېنىڭ ﻫەققىدە، ئەخمەت توغرىسىدا، مېنىڭ ئۈچۈن، مەن بىلەن سەن، مەن ۋە سەن، مەن ياكى سەن، سەن ئارقىلىق
2) يۈكلىمىلەرنىڭ ئىملاسى
يۈكلىمىلەر (ئۇلانمىلار) جۈملىدە سۆز، سۆز بىرىكمىسى ۋە جۈملىلەرنىڭ ئاخىرغا ئۇلىنىپ كېلىپ، سۆزلىگۈچىنى تۈرلۈك سۇبيېكتىپ قاراشلىرىنى (مەسىلەن، سوراق، گۇمان، تەكىت ...) بىلدۈرىدىغان ياردەمچى سۆزلەردۇر. يۈكلىمىلەر ئومۇمەن ئۆزنىڭ ئالدىدىكى سۆزلەرگە قوشۇلۇپ يېزىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى يۈكلىمىلەر ئاساسەن تۆۋەندىكىلەر:
مۇ، ما، چۇ، غۇ قۇ، ئا، ئە، زە، لا، ئۇ يۇ، دە، ﻫە
بۇلاردىن «ئۇ، يۇ » يوكلىمىلىرى ئەسلىدە «ۋە» باغلىغۇچىسنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلى بولسىمۇ، سۆزلەرگە قوشۇلغاندا باغلىغۇچىلىق رولىدا ئەمەس، بەلكى تەكىتلەش رولىدا، بىر ﻫەرىكەتنىڭ كەينىدىنلا يەنە بىر ﻫەرىكەتنىڭ ئۇلىنىپ پەيدا بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش رولىدا كېلىدۇ. مەسىلەن:
كەلدىيۇ كەتتى
سېنىڭ مەنۇ سېنىڭ مەن (خەلق قوشىقى)
يۇقىرىقى يۈكلىمىلەر ئىچىدە پەقەت «دە، ﻫە» ئىملا ئەنئەنىمىزگە ئاساسەن، ئالدىدىكى سۆزلەردىن سىزىقچە ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ، مەسىلەن:
ئۇ ئورنىدىن دەس تۇردى-دە، دۈشمەنگە ئېتىلدى.
سەن بۇ يەرگە بۇرۇن كەلگەن-ﻫە؟
3) ياردەمچى پېئىللارنىڭ ئىملاسى
(1) «ئال»پېئىلى سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارنىڭ ئاخىرىغا « ئا - ئە/ي » قوشۇمچىلىرى قوشۇلۇش بىلەن ياسالغان رەۋشىداشلاردىن كېيىن كېلىپ ئىمكانىيەت تۈسىنى بىلدۇرسە مەزكۇر «ي» تاۋۇشى چۈشۈپ قالماي تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ئىشلەي + ئالا + مەن = ئىشلىيەلەيمەن
ياساي+ئالا +مەن =ياسىيالايمەن
ئوقۇي +ئالا +مان =ئوقۇيالايمەن
(2) « ئىدى، ئىكەن، ئىمىش» ياردەمچى پېئىللىرى تۇرغۇن سۆزلەر (پېئىل تۈركۈملىرىدىن باشقا) گە قوشۇلۇپ كەلسە، ئالدىدىكى سۆزلەردىن ئايرىپ يېزىلىدۇ، نۇتۇقتا «ئىدى، ئىكەن، ئىمىش» ياردەمچى پېئىللىرىنىڭ بېشىدىكى «ئى» تاۋۇشى چۈشۈرۈلمەي ئالدىدىكى سۆزگە قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
ئىملاسى: كىتاب - كىتاب ئىدى، كىتاب ئىكەن، كىتاب ئىمىش.
تەلەپپۇزى: كىتاب - كىتابىدى، كىتابىكەن، كىتابمىش.
ئىملاسى: قىزىل - قىزىل ئىدى، قىزىل ئىكەن، قىزىل ئىمىش.
تەلەپپۇزى: قىزىل - قىزىلىدى، قىزىلىكەن، قىزىلمىش.
ئىملاسى: ئائىلە - ئائىلە ئىدى، ئائىلە ئىكەن، ئائىلە ئىمىش
تەلەپپۇزى: ئائىلە - ئائىلىدى، ئائىلىكەن، ئائىلىمىش.
(3) «ئىدى، ئىكەن، ئىمىش» ياردەمچى پېئىللىرى «-غان، -قان، -گەن، -كەن» بىلەن ياسالغان سۈپەتداشلار، « -ش، -ىش، -ۇش، -ۈش» بىلەن ياسالغان ئىسىمداشلار ۋە « -پ، -ىپ، -ۇپ، -ۈپ» بىلەن ياسالغان رەۋىشداشلاردىن، ۋاسىتىلىك ئۆتكەن زامان پېئىللىردىن كېيىن كەلسە، ئالدىنقى سۆزلەرگە قوشۇلۇپ يېزىلىدۇ، شۇنداقلا نۇتۇقتا بۇ ئىككى تەركىب ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ئىپادە قىلىنىدۇ. مەسىلەن:
ئوقۇغان - ئوقۇغاندى، ئوقۇغانىكەن، ئوقۇغانىمىش
ئاتقان - ئاتقانىدى. ئاتقانىكەن، ئاتقانىمىش
يېزىپ - يېتىۋىدى يېزىۋىكەن
كۆرۈپ - كۆرۈپتۇ، كۆرۈپتىكەن، كۆرۈپتىمىش
ئوقۇش - ئوقۇشدى، ئوقۇشىكەن، ئوقۇشىمىش
(4) سۈپەتلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ، سۈپەتلەرنىڭ ئاشۇرۇش دەرىجىسىنى بىلدۈرىدىغان «پ» بىلەن ئاياغلاشقان تەركىبلەر سۈپەتكە قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ئاپئاق، ئاپئاشكارا، قىپقىزىل، كۆپكۆك، چوپچوڭ، قاپقارا، تۈپتۈز، سىپسىلىق، دوپدومىلاق ...