سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ ئىملاسى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 1073 قىتىم
سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ ئىملاسى
سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار يىلتىز ياكى ئۆزەكلەرگە قوشۇلۇپ يېزىلىپ، سۆزلەرگە يېڭى لېكسىكىلىق مەنە بېرىدۇ. مەسىلەن:
ئەمگەكچى، تىرىشچان، ئەپچىل، ئارتۇقچىلىق، كەمچىلىك، ئىشخانا، كەسىپداش، قەدىردان، گۈلزار، بىلىمسىز، ﻫايانكەش... قاتارلىقلار.
سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار سۆزلەرگە قاتمۇ قات ئۇلىنىپ يېڭى لېكسىكىلىق مەنە ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن:
تىرىشچانلىق، ئۈنۈمدارلىق، بىئەدەپلىك، قوشۇمچىلىق، سەزگۈرلۈك.
سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلار ئۇلىنىپ ياسالغان سۆزلەردە ئىپادىلەنگەن يېڭى مەنە تۈپ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ. مەسىلەن:
« ئىش» دېگەن ئىسىمدىن ياسالغان ئىشىچى، ئىشچان، ئىشخانا، ئىشلىق، ئىشسىز، ئىشلەپچىقىرىش» دېگەن سۆزلەرنىڭ ﻫەممىسىنىڭ مەنىسى « ئىش» دېگەن ئاساسىي مەنە ئۈستىگە قۇرۇلغان.
ئەسلى ئەرەب، پارس تىلىنىڭ قوشۇمچىلىرى بولمىسىمۇ، ﻫازىر ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەرگە ئۇلىنىپ، يىڭى سۆزلەرنى ياسىغان «ۋى، ىي، -ىي »قوشۇمچىلىرىمۇ ئۇيغۇر تىلىنى قوشۇمچىلىرى ﻫېسابلىنىدۇ.
بۇ قوشۇمچىلار كۆپىنچە ئۇيغۇر تىلىدا قوللىنىلىدىغان ئەرەب، پارس تىلى سۆزلىرىنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىپ كېلىپ، شۇ سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سۈپەتلەرنى ياسايدۇ. مەسىلەن:
ئەنئەن - ئەنئەنىۋى خىسلەت
سەﻫرا - سەﻫرايى كەبىر
ئىجاد- ئىجادىي ئەمگەك
ئەپسانە- ئەپسانىۋى ﻫېكايە
ياۋا - ياۋايى ﻫايۋان
تارىخ- تارىخىي قارار
ئەسكەرتىش: گەرچە ئۇيغۇر تىلىدا يىلتىزى ئايرىم قوللىنىلىمىسىمۇ، ئەسلىدە يۇقىرىقى قوشۇمچىلار ئارقىلىق ياسىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدا يەنىلا ئەرەب، پارس تىلىنىڭ خۇسۇسىيىتى بويىچە سۈپەت ئورنىدا قوللىنىلىدىغان سۆزلەرگىمۇ مۇشۇ قائىدە بويىچە مۇئامىلە قىلىنىدۇ، مەسىلەن، مۇسپىي، مەنپىي، سەلبىي ... قاتارلىقلار.
ئەرەب، پارس تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان بۇ قۇشۇمچىلارنى سۆز ياساشتا ئىزچىللاشتۇرۇش ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىم خاراكتېرلىك سۆزلەرنىڭ ئۈچىنچى شەخس بىلەن تۈرلەنگەندىكى شەكلىنى مەزكۇر سۆزنىڭ سۈپەتكە ئايلانغان شەكلى بىلەن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.
تۆۋەندىكى مىساللارنى سېلشتۇرۇڭلار:
كىتاب - ئۇنىڭ كىتابى كىتابىي بىلىم
تارىخ - جۇڭگو تارىخ تارىخىي قارار
ئىقتىساد - خەلق ئىقتىسادى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش
شۇنىڭدەك سۆزلەرنىڭ ياسىلىشىدا كېلىپ چىقىدىغان بەزى ئاﻫاڭداشلىق ﻫادىسىلىرىنى پەرقلەندۈرۈشكىمۇ پايدىلىق. مەسىلەن:
ئالىي - ئالىي مەلۇماتلىق، ئالىيلىق
ئالا - ئالا كۆڭۈل، ئىلىلىق قىلماق
قارىي - قارىي بالا، قارىيلىق
قارا - قارا كىيىم، قارلىق تۇتماق
يۇقىرىقى قوشۇمچە بىلەن ياسالغان سۈپەتلەردىن ئۈلگىلەر:
ئاددىي، ئاسىيى، ئەشەددىي، پانىي، باقىي، بەدىئىي، تاسادىپىي، تەبىئىي، خۇراپىي، روﻫانىي، قەتئىي، ئالىي، خالىي...
«ۋى، يى» قوشۇمچىسى ئارقىلىق ياسالغانلىرى:
ئامما - ئاممىۋى ئەپسانە - ئەپسانىۋى
تەربىيە - تەربىيىۋى زامانە - زامانىۋى
ئىدىيە - ئىدىيىۋى مەنە - مەنىۋى
جىنايى، سەﻫرايى، سەۋدايى، ياۋايى ...