قوشۇمچىلارنىڭ ئىملاسى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 900 قىتىم
قوشۇمچىلارنىڭ ئىملاسى
1. قوشۇمچىلار سۆز يىلتىزىغا قوشۇپ يېزىلىدۇ.مەسىلەن:
چىراي+ لىق= چىرايلىق ئۆي+ دىن= ئۆيدىن كىتاب+ خانا=كىتابخانا
2.ئەرەب تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان تۆۋەندىكىدەك بىر قىسىم ئەسلىي سۈپەت سۆزلەرگە ئۆز تەلەپپۇزى بويىچە ”ي“ قوشۇپ يېزىلىدۇ.مۇنداق سۈپەتلەر ئەگەر ئۈچىنچى شەخس تەۋەلىك قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلەنسە،سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە ئوخشاشلا ئاخىرىغا “ سى “ قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
بەدىئىي، مەنپىي، ئاددىي، مەخپىي، سەمىمىي، ئىجابىي، ئىجابىيسى
سەلبىي، سەلبىيسى تەبىئىي تەبىئىيسى ئالىي ئالىيسى ئەشەددىي
ئەشەددىيسى تەپسىلىي تەپسىلىيسى
3.پېئىللارنىڭ مەجبۇرىي دەرىجە قوشۇمچىلىرى تۆۋەندىكىچە قوشۇلىدۇ.
”ل،م،ن،ز،گ،غ،ڭ،ي“ بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارغا ”- دۇر، – دۈر “ قوشۇمچىلىرى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
چان _ چاندۇر قون _ قۇندۇر بۇز _ بۇزدۇر
ئەز _ ئەزدۈر چىگ _ چىگدۈر تۈگ _ تۈگدۈر
بوغ _ بوغدۇر تۇغ _ تۇغدۇر ماڭ _ ماڭدۇر
توڭ _ توڭدۇر كۆي _ كۆيدۈر قوي _ قويدۇر
ئال _ ئالدۇر قال _ قالدۇر يۇم _ يۇمدۇر
ئەسكەرتىش:
تۆۋەندىكى سۆزلەر يۇقىرىدىكى قائىدىگە بويسۇنمايدۇ. مەسىلەن:
كەل _ كەلتۈر ئۆل _ ئۆلتۈر سۇن _ سۇنغۇز_ …..(تاماق)
تۆۋەندىكىلىرىگە ئىككى خىل قوشۇمچى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
تام _ تېمىت…..،تامدۇر ئاق _ ئېقىت…….ئاقتۇر ئەم _ ئېمىت…..ئەمدۈر
4.“س،ق،ك،پ“ بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارغا ”_ تۇر، _ تۈر“ قوشۇمچىلىرى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئاس _ ئاستۇر باس _ باستۇر كەس _ كەستۈر
باق _ باقتۇر قاق _ قاقتۇر ياق _ ياقتۇر
چەك _ چەكتۈر بىرىك _ بىرىكتۈر زېرىك _ زېرىكتۈر
ياپ _ ياپتۇر قوپ _ قوپتۇر كۆپ _ كۆپتۈر
ئەسكەرتىش:
تۆۋەندىكى پېئىللار بۇ قائىدىگە بېقىنمايدۇ. مەسىلەن:
قوپ _ قوپۇر (تام) چىق _ چىقار قورق – قورقۇت
قىس _ قىسقۇز …………( ”قىستۇر- ”دىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ)
5.“ش“بىلەن ئاياقلاشقان تۆۋەندىكىدەك سۆزلەرگە “ – ۇر، – ۈر “ قوشۇمچىلىرى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئاش _ ئاشۇر تاش _ تاشۇر پۇش _ پۇشۇر پىش _ پىشۇر چۈش _ چۈشۈر

يەش _ يەشتۈر تەش _ تەشتۈر ئەش _ ئەشتۈر
6.“ ر “ بىلەن ئاياغلاشقان بىر بوغۇملۇق پېئىللار ﻫەم “ ت ”بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارنى مەجبۇرىي دەرىجىگە ئايرىش ئۈچۈ ن “ _ غۇز، _ قۇز، _ گۈز، _ كۈز “ قوشۇمچىلىرى قوشۇلىدۇ.شۇنىڭدەك “ ت،دۇر،تۇر،دۈر،تۈر“ بىلەن ئىپادىلەنگەن مەجبۇرىي دەرىجىلەرنى ئىككى قاتلاملىق مەجبۇرىي دەرىجىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈنمۇ “ _ غۇز، _ قۇز، _ گۈز، _ كۈز “ قوشۇمچىلىرى قوشۇلىدۇ. مەسىلەن:
ئات_ ئاتقۇز تارت _ تارتقۇز ئارت _ ئارتقۇز (يۈك)
ئەۋەت _ ئەۋەتكۈز قات _ قاتقۇز يۇت _ يۇتقۇز
يەت _ يەتكۈز پۈت _ پۈتكۈز ئۈچۈر_ ئۆچۈرگۈز
بەر _ بەرگۈز تەر _ تەرگۈز كەلتۈر_ كەلتۈگۈز
بار_ بارغۇز ﻫار _ ﻫارغۇز كۆيدۈر _ كۆيدۈرگۈز
ئىشلەت _ ئىشلەتكۈز ئايلاندۇر _ ئايلاندۇرغۇز

ئارت _ ئارتتۇر (ۋەزىپە) قات _ قاتۇر (مۇز)
يىت _ يىتتۈر ( بىر نەرسىنى) قايت _ قايتۇر
7. سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللار ۋە “ ر، ي “ بىلەن ئاياغلاشقان ئىككى بوغۇملۇق پېئىللارنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى “ ت “ قوشۇپ ياسىلىدۇ. مەسىلەن:
ياسا _ ياسات جابدۇ _ جابدۇت قىزى _ قىزىت
قاپار _ قاپارت كۆكەر _ كۆكەرت چاقىر _ چاقىرت
ئازاي _ ئازايت كۆيدۈر _ كۆيدۈر ت ماكچاي_ ماكچايت

دە _ دېگۈز يۇ _ يۇغۇز يە _ يېگۈز
ئولتۇر _ ئولتۇرغۇز ئاپار _ ئاپارغۇز ئەكىر _ ئەكىرگۈز
8. “ چ “ بىلەن ئاياغلاشقان پېئىللارنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى “ – ئار، – ئۇر، – ئۈر “ قوشۇمچىلىرى قوشۇلۇپ ياسىلىدۇ. مەسىلەن:
ئاچ _ ئاچۇر قاچ _ قاچۇر كەچ _ كەچۈر
ئۇچ _ ئۇچۇر ئۆچ_ ئۈچۈر كۆچ _ كۆچۈر

“ چاچ-“ پېئىلى بىلەن ”پىچ- ”پېئىلى بۇ قائىدىگە بېقىنماي، ”چاچتۇر “ ، ”پىچتۇر “ شەكلىدە كېلىدۇ.