قىسقارتىلما سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 805 قىتىم
قىسقارتىلما سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
1.يەككە ﻫەرپ بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا چېكىت قويماي يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ج خ ج _ جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتى
ج ك پ _ جۇڭگۇ كومۇنىستلار پارتىيەسى
ج خ ئى _ جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى
ش ئۇ ئا ر _ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى
2. بوغۇم بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەر قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
پارتىكوم _ پارتىيە كومىتېتى ئوبكوم _ ئوبلاستلىق كومىتېت
تىلكوم _ تىل-يېزىق كومىتېتى
3. كىشى ئىسىم-فامىلىلىرىنىڭ قىسقارتىلغان ﻫەرىپىدىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:
م.كاشغەرى( مەﻫمۇد كاشغەرى) ل. مۇتەللىپ( لۇتپۇللا مۇتەللىپ)
ئا.ت. ئۆتكۈر (ئابدۇرېﻬىم تىلەش ئۆتكۈر) ئا.نىزارىي( ئابدۇرەﻫىم نىزارى)
4. خەلقئارادا ﻫەرپ بويچە قىسقارتىپ قوللىنىش ئادەتلىنىپ كەتكەن قىسقارتىلغان سۆزلەر تىلىمىزغا قۇبۇل قىلىنغاندا خەلئارادىكى لاتىن ﻫەرپلىرىنىڭ قىسقارتىلغان شەكلى بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن :
WTO دۇنيا سودا تەشكىلاتى
GDP ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى
BBC ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى
KGB دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى
VCD ۋىدىيولۇق ئوپتىكىلىق دىسكا
DVD رەقەملىك ۋىدىيولۇق دىسكا
CD ئوپتىكىلىق دىسكا
5.خەلقئارادا ﻫەرپ بويىچە قىسقارتىلىپ بوغۇم تەشكىل قىلالايدىغان سۆزلەر تىلىمىزغا قۇبۇل قىلىنغاندا،ئىملادا قىسقارتىلغان لاتىن ﻫەرپى بويىچە يېزىشقىمۇ ياكى ئۇيغۇرچە يېزىشقىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن:
OPEC ياكى ئوپىك
SARS ياكى سارس
ADIS ياكى ئەيدىز
DOS ياكى دوس
ROM ياكى روم
RAM ياكى رام
6. بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ناملىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن ﻫەرپ بويىچە قىسقارتىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ب د ت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى
ش ئا ئە ت شىمالىي ئاتلانتىك ئەﻫدى تەشكىلاتى
م د ب مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى
ئو ت م ئولىمپىك تەنﻬەرىكەت مۇسابىقىسى
7.خەلقئارادا قىسقارتىپ يېزىپ كېلىۋاتقان ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئۇيغۇرچە يەككە ﻫەرپ بويچە قىسقارتىپ يېزىلىدۇ،ئارىسىغا چېكىت قويۇلمايدۇ. مەسىلەن :
س م سانتىمېتىر
ك م كىلومېتىر
ك ل كىلولىتىر
ك ۋ كىلوۋات
م گ مىللىگرام

م م مىللىمېتىر