guide
ياردەمچى سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
891 قىتىم
ياردەمچى سۆزلەرنىڭ ئىملاسى
 
1.“ئىدى،ئىكەن،ئىمىش“ ياردەمچى پېئىللىرى تۇرغۇن سۆزلەردىن كېيىن كەلسە،ئالدىدىكى سۆزلەردىن ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
 
ئىدى _ كىتاب ئىدى،قىزىل ئىدى،ئالتە ئىدى،شۇنداق ئىدى….
 
ئىكەن_ كىتاب ئىكەن،قىزىل ئىكەن،ئالتە ئىكەن،شۇنداق ئىكەن….
 
ئىمىش _ كىتاب ئىمىش،قىزىل ئىمىش،ئالتە ئىمىش،شۇنداق ئىمىش…..
 
بۇ ياردەمچى پېئىللار پېئىل تىپىدىكى سۆزلەردىن  كېيىن كەلسە، ئالدىدىكى تەركىبكە قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
 
ئىدى _ ئوقۇغانىدى،بارماقچىدى؛يېزىۋىدى،يازارىدى،يازسىدى….
 
ئىكەن _ ئوقۇغانىكەن، ئوقۇيدىكەن؛ بارماقچىكەن؛يېزىپتىكەن،يازسىكەن، يازىدىكەن،………..
 
ئىمىش _ ئوقۇغانمىش،بارماقچىمىش،يازارىمىش
 
  2 .“ مۇ،ما،غۇ،قۇ،ئا،ئە،زە،لا“ ئۇلانمىلىرى سۆز يىلتىزلىرىغا قوشۇلۇپ يېزىلىدۇ. “ دە،ﻫە،يۇ “ ئۇلانمىلىرى ئالدىدىكى سۆزلەردىن سىزىقچە ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن :
 
ئالدىڭىزمۇ؟         مەنما؟       سىزچۇ ؟           مەنغۇ كېلەرمەن    شۇنداققۇ دەيمەن؟
 
ئېيتىپ بېقىڭا؟          شۇنداق دېگىنە. سەنزە ، كېلىپلا،       كۆرۈپلا……….
 
ئۇ كەلدى – دە،ئولتۇرماي كەتتى.
 
شۇنداق ئويلاپسەن – دە، كۆرۈپسەن- دە،     سەنمۇ يېزىپسەن – دە.
 
باردۇق- ﻫە .               كۆردۇق _ ﻫە.               كەتتۇق _ ﻫە  .
 
كەلدى _ يۇ، كەتتى. باردى _ يۇ ئالدى
 
3.“ بىلەن، ۋە، ﻫەم، ﻫەمدە، ئۈچۈن، ياكى، يا، بەلكى، چۈنكى، ئارقىلىق،ئارقىسىدا، توغرۇلۇق، توغرىسىدا، ئەمما، بىراق، لېكىن……..“ قاتارلىق ياردەمچى سۆزلەرنىڭ ﻫەممىسى ئالدى ۋە ئارقىسىدىكى سۆزلەردىن ئايرىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
 
مەن بىلەن سەن       مەن ۋە سەن          مەن ﻫەم سەن
 
سېنىڭ ئۈچۈن         سەن توغرۇلۇق        مەن ياكى سەن
 
   4.سۈپەتلەرنىڭ ئالدىدا كېلىپ،سۈپەتلەرنىڭ ئاشۇرۇش دەرىجىسىنى بىلدۈردىغان “ پ “ بىلەن ئاياغلاشقان تەركىبلەر سۈپەتكە قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:
ئاپئاق،ئاپئاشكارا،كۆپكۆك،سېپسېسىق،قىپقىزىل،دۇپدۇمىلاق،قاپقارا، ياپيېشىل…..