سۈپەت توغرىسىداقىسقىچە بايان
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 851 قىتىم
سۈپەت توغرىسىداقىسقىچە بايان
شەيئىلەرنىڭ تۈرلۈك بەلگە – خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلدۈرىدىغان سۆزتۈركۈمى سۈپەت دەپ ئاتىلىدۇ . (سۈپەتلەر 8 تۈرلۈك گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە )
دەرىجە كاتىگورىيىسى :
شەيئىلەرنىڭ بەلگە خۇسۇسىيەتلىرىنى ، ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇپ ، ئۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان گرامماتىكىلىق كاتىگورىيە سۈپەتلەرنىڭ دەرىجە كاتىگورىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ .
ئۇيغۇر تىلىدا سۈپەتلەرنىڭ 5 خىل دەرىجىسى بار .
1) ئاددى دەرىجە _ شەيئىلەرنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئەسلى ﻫالىتى بويىچە ئادەتتىكىچە ئىپادىلەيدىغان سۈپەت دەرىجىسى .
2) سېلىشتۇرما دەرىجە _ ئاددى دەرىجىدىكى سۈپەتلەرگە ”راق ، رەك “ مورفىمىسىنى ئۇلاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ .
3)ئاشۇرما دەرىجە _ سۈپەت سۆزىنى تەكرارلاش ، سۈپەتنىڭ بىرىنچى بوغۇمىنىڭ ئاخىرىغا ”پ“ تاۋۇشىنى قوشۇپ ، ئاندىن سۈپەتنى تولۇق ئېيتىش ، ئاددى دەرىجىدىكى سۈپەتلەرنىڭ ئالدىغا ئاشۇرمارەۋىشلەرنى قوشۇش ئارقىلىق ياسىلىدۇ .
4)كېمەيتمە دەرىجە _ ئاددى دەرىجىدىكى سۈپەتلەرگە ” ىش، ۇش، ۈش، غۇش ، مىتۇل“ مورفىمىلىرىنى ئۇلاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ .
5)ئەركىلەتمە دەرىجە _ ئاددى دەرىجىدىكى سۈپەتلەرگە ”غىنە ، قىنە ، گىنە ، كىنە “ مورفىمىلىرىنى ئۇلاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ .
سۈپەتلەرنىڭ مورفولوگىيىلىك تۈزىلىشىگە قاراپ تۈپ سۈپەت ۋە ياسالما سۈپەت دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ .
شەيئىلەرنىڭ بەلگە خۇسۇسىيەتلىرىنى بىلدۈرىدىغان بىرلا توموردىن تۈزىلىدىغان سۈپەتلەر تۈپ سۈپەت دەپ ئاتىلىدۇ .
باشقا سۆز تۈركۈملىرىگە مەنسۇپ بولغان سۆزلەرگە (بولۇپمۇ ئىسىملارغا ) سۈپەت ياسىغۇچى تۈرلۈك مورفىمىلارنىڭ ئۇلىنىشى ۋە ئىككى باش مورفىمىنىڭ ئۆز-ئارا قوشۇلىشى ئارقىلىق ياسالغان سۈپەتلەر ياسالما سۈپەت دەپ ئاتىلىدۇ .
ﻫازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىدىكى ياسالما سۈپەتلەر مورفولوگىيىلىك ۋە سىنتاكىسسلىق يولدىن ئىبارەت ئىككى خىل يول بىلەن ياسىلىدۇ .
ﻫەر خىل سۆز تۈركۈملىرىگە تەۋە بولغان سۆزلەرگە سۈپەت ياسىغۇچى تۈرلۈك مورفىمىلارنىڭ ئۇلىنىشى ئارقىلىق ﻫاسىل بولغان سۈپەتلەر مورفولوگىيىلىك يول بىلەنياسالغان ياسالما سۈپەتلەر سۈپەتلەر دېيىلىدۇ .
ﻫازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبى تىلىدا كۆپرەك ئۇچىرايدىغان سۈپەت ياسىغۇچى مورفىمىلار :
1)ئىسىملارغا ئۇلىنىپ سۈپەت ياسايدىغان مورفىمىلار
2)پېئىللاردىن سۈپەت ياسىغۇچى مورفىمىلار
3)رەۋىشلەردىن سۈپەت ياسىغۇچى مورفىمىلار
4)سان – مىقتار سۆزلىرىدىن سۈپەت ياسايدىغان مورفىمىلار
5)سۈپەتلەردىن سۈپەت ياسىغۇچى مورفىمىلار قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .
ئىككى باش مورفىمىنىڭ ئۆز-ئارا بىتىكىشىدىن تۈزۈلگەن ياسالما سۈپەتلەر سىنتاكىسسلىق يول بىلەن ياسالغان سۈپەت دەپ ئاتىلىدۇ .