سىنتاكىسسلىق سۆز بىرىكمىلىرى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 789 قىتىم
سىنتاكىسسلىق سۆز بىرىكمىلىرى
مۇستەقىل لېكسىكىلق مەنىگە ئىگە بولغان ئىككىدىنئارتۇق سكزنىڭ ئوي – پىكىرنى ئىپادىلەش ئېﻬتىياجىغا ئاساسەن ، مەلۇم سىنتاكىسسلىق قائىدىلەر ئارقىلىق ۋاقىتلىق بىرىكىشىدىن ﻫاسىل بولغان سىنتاكىسسلىق بىرلىك سۆزبىرىكمىسى دەپ ئاتىلىدۇ .
سىنتاكىسسلىق سكز بىرىكمىسى بەزى جۈملىلەردە ئاز ، بەزى جۈملىلەردە كۆپ بولىدۇ . سىنتاكىسسلىق سۆز بىرىكمىسى بىرخىل ئەركىن بىرىكمە بولۇپ ، تىلىمىزدىكى يەككە سۆزلەرگە ئوخشاشلا تۈرلۈك يوللار بىلەن بىرىكىپ جۈملە ﻫاسىل قىلىدىغان بىرلىك .
سۆز بىرىكمىلىرى تۇراقلىق سۆز بىرىكمىسى ۋە تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ .
موئەييەن سىنتاكىسسلىق مۇناسىۋەتتە كەلگەن ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزلەرنىڭ ئالاقە ئېﻬتىياجىغا ئاساسەن ۋاقىتلىق بىرىكىشىدىن ﻫاسىل بولغان يىغىندىسى تۇراقسىز سۆز بىرىكمىسى دەپ ئاتىلىدۇ .
سىنتاكسسلىق سۆز بىرىكمىسى تۈزىلىش جەﻫەتتىن ئاددى ۋە مۇرەككەپ بىرىكمە شەكىلدە كېلىدۇ .