guide
سان ۋە پىئىل توغرىسىدا
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
1051 قىتىم

سان ۋە پىئىل توغرىسىدا

سان ﻫەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
شەيئى ﻫەرىكەت- ﻫادىسىلەرنىڭ سانىنى ، سان جەﻫەتتىكى تەرتىپىنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى سان دەپ ئاتىلىدۇ .
سانلار ئكزلىرى بىلدۈرىدىغان لېكسىكىلىق مەنىلەرگە ، شەيئىلەرنى ﻫېسابلاش ئۇسۇلى ۋە رولىغا قاراپ ساناق سان ، تەرتىپ سان (دەرىجە سان ) ، مۆلچەر سان ،ئۆملۈك سان ، كەسر سان دەپ بەش تۈرگە بۆلىنىدۇ .
پېئىل ﻫەققىدە ئۇمومى چۈشەنچە
پېئىل سۆز تۈركۈملىرى ئىچىدە مەزمۇنى ئەڭ كەڭ بولغان ﻫەم ئەڭ مۇرەككەپ بولغان سۆز تۈركۈملىرىنىڭ بىرى .
شەيئىلەرنىڭ ئىش – ﻫەركىتىنى ، ﻫالىتىنى بىلدۈرىدىغان سۆز تۈركۈمى پېئىل دەپ ئاتىلىدۇ .
ئۇيغۇر تىلى لوغەت تەركىبىدە پېئىل تۈركۈمىگە كىرىدىغان سۆزلۈكلەر ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ ۋە تىل ئالاقىسىدە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدۇ .
پېئىل :
مورفولوگىيىلىك تۈزىلىشىگە قاراپ : تۈپ پېئىل ۋە ياسالما پېئىل
لېكسىكىلىق مەنىسىگە قاراپ : ﻫەركەت پېئىلى ۋە ﻫالەت پېئىلى
سىنتاكىسسلىق مەنىسىگە قاراپ : مۇستەقىل پېئىل ۋە ياردەمچى پېئىل
ئوبىكىت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قاراپ : ئۆتۈملۈك پېئىل ۋە ئۆتۈمسىزپېئىل  دىگەن تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ .
گرامماتىكىلىق كاتىگورىيىگە ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكىگە قاراپ شەخىسلىك   پېئىل ۋە شەخىسسىز پېئىل دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ .
شەخىسلىك پېئىللار بۇلۇشلۇق – بۇلۇشسىز كاتىگورىيىگە ، شەخىس – سان كاتىگورىيىگە ، مەيىل كاتىگورىيىسىگە ، دەرىجە كاتىگورىيىسىگە ، دەرىجە  كاتىگورىيىسىگە ، زامان كاتىگورىيىسىگە ، تۈس كاتىگورىيىسىگە ئىگە .
شەخىسسىز پېئىللار ئىسىمداش ، رەۋىشداش ، سۈپەتداشلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ