ﻫازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 1180 قىتىم
ﻫازىرقى زامان ئۇيغۇرتىل-يېزىقى
تاش رەﻫمان
ﻫازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى
1 . گرامماتىكا ۋە ئۇنىڭ تەركىبىي قىسىملىرى
گرامماتىكا تىلنىڭ قۇرۇلما قانۇنى بولۇپ ، سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىش ، ياسىلىش قائىدىلىرى بىلەن سۆز – جۈملىلەرنىڭ بىرىكىش قائىدىلىرىدىن ئىبارەت ئىككى يۈرۈش قائىدىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . «گرامماتىكا» دېگەن ئاتالغۇ يەنە سۆزلەرنىڭ ياسىلىش ، تۈرلىنىش قائىدىلىرى ۋە سۆز – جۈملىلەرنىڭ بىرىكىش قائىدىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم دېگەن مەنىدىمۇ قوللىنىلىدۇ .
گرامماتىكا ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتىنىڭ دائىرىسىگە قاراپ مورفولوگىيە (سۆزلەرنىڭ ياسىلىش ۋە تۈرلىنىش قائىدىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن) ۋە سىنتاكسىس (سۆز – جۈملىلەرنىڭ بىرىكىش قائىدىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن) دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ . شۇڭا ، ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى مۇشۇ ئىككى جەﻫەتتىن بايان قىلىشقا بولىدۇ .
2 . ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولوگىيىلىك خۇسۇسىيىتى
1) سۆزنىڭ تۈزۈلۈشى
ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت تەركىبىدىكى سۆزلەر تۈزۈلۈش (قۇرۇلما) ئالاﻫىدىلىكىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ :
(1) تۈپ سۆز — بىرلا باش مورفېمىدىن تۈزۈلگەن سۆزلەردۇر . مەسىلەن ، ئىش ، ئۈن ، خىزمەت ، ساندۇق ، ئەمگەك . . .
(2) سۆز تۈركۈملىرى
سۆزلەرنىڭ مەنىسى ۋە گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ئايرىلغان تۈرى سۆز تۈركۈمى دەپ ئاتىلىدۇ .
ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەر مەنىسى ۋە گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن ، ئىسىم (مەسىلەن ، تاغ ، سۇ ، كۈلكە) ، سۈپەت (مەسىلەن ، قىزىل ، ئېگىز ، يۇمىلاق) ، سان (مەسىلەن ، بەش ، ئىككىنچى ، ئونچە) ، رەۋىش (مەسىلەن ، بۈگۈن ، دەرﻫال ، ناﻫايىتى) ، ئالماش (مەسىلەن ، مەن ، قانداق ، ئۆزۈم ، ئاللىكىم) ، پې’ئىل (مەسىلەن ، ياز - ، ماڭ ، ئىشلە - . . .) ، تەقلىد (مەسىلەن ، ۋاراڭ – چۇرۇڭ ، پال – پۇل ، شىر – شىر) ، تىركەلمە (مەسىلەن ، ئۈچۈن ، توغرۇلۇق ، ئارقىلىق) ، باغلىغۇچى (مەسىلەن ، ۋە ، ﻫەم ، لېكىن ، بىراق ، چۈنكى) ، يۈكلىمە (مەسىلەن ، مۇ ، چۇ ، زە ، قۇ ، دە ، ﻫە) ، ئىملىق (مەسىلەن ، پاﻫ ، ۋايجان ، ئاپلا) تىن ئىبارەت 11 تۈركۈمگە بۆلۈنىدۇ . بۇلاردىن ئالدىنقى يەتتىسى ئۆز ئالدىغا جۈملە بۆلىكى بولۇپ كېلەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن «مۇستەقىل سۆزلەر» دەپ ئاتىلىدۇ . تىركەلمە ، باغلىغۇچى ، يۈكلىمىلەر مۇستەقىل سۆزلەرگە ياكى جۈملىلەرگە قوشۇلۇپ گرامماتىكىلىق مەنە ياكى قوشۇمچە مەنە ئىپادىلەيدىغانلىقى ئۈچۈن ياردەمچى سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ . ئىملىق (ئۈندەش) سۆزلەر مۇستەقىل سۆزلەر بىلەن ياردەمچى سۆزلەر ئارىلىقىدا تۇرىدىغان ئالاﻫىدە سۆز تۈركۈمى ﻫېسابلىنىدۇ . پېئىلدىن باشقا مۇستەقىل سۆزلەر يەنە ئورتاق بىر مۇنچە خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولغىنى ئۈچۈن «تۇرغۇن سۆزلەر» دەپ ئاتىلىدۇ .
3) سۆزنىڭ مورفولوگىيىلىك شەكىللىرى
ئۇيغۇر تىلى مورفولوگىيىلىك شەكىللەرگە ئىنتايىن باي تىل . سۆزنىڭ مورفولوگىيىلىك شەكىللىرى سۆزگە سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارنىڭ قوشۇلۇشى ياكى مەخسۇس ياردەمچى سۆزلەرنىڭ بىرىكىپ كېلىشى ئارقىلىق ﻫاسىل بولىدۇ . بىر سۆزنىڭ تۈرلۈك مورفولوگىيىلىك شەكىللىرى ئۇ سۆزنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنى ئۆزگەرتمەستىن ، ئۇنىڭغا تۈرلۈك گرامماتىكىلىق مەنىلەرنى قوشىدۇ ياكى ئۇنىڭ گرامماتىكىلىق ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىدۇ .
(1) ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز تۈركۈملىرى ئىچىدە پې’ئىل تۈركۈمى مورفولوگىيىلىك شەكىلگە ئەڭ باي سۆز تۈركۈمى بولۇپ ﻫېسابلىنىدۇ . ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللار تۈرلىنىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى مورفولوگىيىلىك شەكىللەرنى ﻫاسىل قىلىدۇ : پېئىلنىڭ ئۆزەك قىسمىدا كۆرۈلىدىغان دەرىجە شەكىللىرى (مەسىلەن ، ياز – يازدۇر ، يېزىل ، يېزىش) ، بولۇشلۇق – بولۇشسىز شەكلى (مەسىلەن ، ياز – يازما) ؛ پېئىلنىڭ خەۋەر شەكلىدە كۆرۈلىدىغان تۈرلۈك مەيل شەكىللىرى (مەسىلەن ، يازدىم ، يېزىپتىمەن ، يازغۇدەكمەن ، يازسام ، يازاي ، يازغىيدىم . . .) ؛ ﻫال – زامان شەكىللىرى (مەسىلەن ، يازىمەن ، يېزىۋاتىمەن ، يازماقچىمەن ، يازدىم ، يازغانمەن ، يازغانىدىم ، يازاتتىم ، يېزىۋاتاتتىم ، يازماقچىدىم) ؛ شەخس شەكىللىرى (مەسىلەن ، يازىمەن ، يازىمىز ، يازىسەن ، يازىسىلەر ، يازىدۇ) ؛ پېئىلنىڭ سۈپەت ، ئىسىم ۋە رەۋىش رولىدا كېلىدىغان تۈرلۈك نۇرغۇن سۆز شەكىللىرى ، يەنى سۈپەتداشلار (مەسىلەن ، يازغان ، يازىدىغان ، يېزىۋاتقان ، يازار) ؛ ئىسىمداشلار (مەسىلەن ، يازماق ، يېزىش ، يازغانلىق) ۋە رەۋىشداشلار (مەسىلەن ، يېزىپ ، يازغاچ ، يازغىلى ، يازغۇچە) .
ئۇيغۇر تىلىدىكى پېئىللار يەنە تۇرغۇن سۆز شەكلىدە بىر قىسىم ياردەمچى پېئىللار بىلەن بىرىكىپ ، پېئىلنىڭ مۇرەككەپ ئۆزەك شەكىللىرىنى ﻫاسىل قىلىدۇ . پېئىلنىڭ بۇ خىل مۇرەككەپ ئۆزەك شەكىللىرى خىلمۇخىل تۈس ، ﻫال مەنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مول گرامماتىكىلىق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ . (مەسىلەن ، يېزىپ بول – يېزىپ قوي – يېزىۋەت – يېزىۋال) .
پېئىللار جۈملىگە كىرگەندە ، بىر ۋاقىتتا بىرقانچە خىل مورفولوگىيىلىك شەكىلنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ ، بىرقانچە خىل گرامماتىكىلىق مەنىنى ئىپادىلەپ كېلىشى مۇمكىن . مەسىلەن ، «كۆرۈشەلمىدىم» دېگەن پې’ئىل شەكلىنى ئالساق ، ئۆملۈك دەرىجە ، ئىمكان تۈس ، بولۇشسىزلىق ، ۋاسىتىسىز بايان مەيلى ، ئاددىي ئۆتكەن زامان ، 1 شەخس ، بىرلىكتىن ئىبارەت سەككىز خىل گرامماتىكىلىق مەنىنى ئىپادىلەپ كەلگەن .
(2) ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملارمۇ ئۆزگىرىشچان سۆز تۈركۈمى . ئىسىملار تۈرلىنىش ئارقىلىق ، تۆۋەندىكىدەك مورفولوگىيىلىك شەكىللەرنى ﻫاسىل قىلىدۇ : بىرلىك ۋە كۆپلۈك شەكلى (مەسىلەن ، ئۆي – ئۆيلەر) ؛ تەۋەلىك شەكىللىرى ( مەسىلەن ، ئۆيۈم ، ئۆيىمىز ، ئۆيۈڭ ، ئۆيۈڭلار ، ئۆيى) ؛ ﻫەرخىل كېلىش شەكىللىرى (مەسىلەن ، ئۆي ، ئۆينىڭ ، ئۆيگە ، ئۆيىنى ، ئۆيدە ، ئۆيدىن ، ئۆيدەك ، ئۆيدىكى ، ئۆيگىچە ، ئۆيچىلىك) .
ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملار يەنە «تىركەلمە» دەپ ئاتىلىدىغان ياردەمچى سۆزلەر بىلەن بىرىكىپ ، ئىسىم – تىركەلمە قۇرۇلمىلىرىنى ﻫاسىل قىلىدۇ . بۇ خىل قۇرۇلمىلار ئەمەلىيەتتە ئىسىمنىڭ ئانالىتىك كېلىش شەكىللىرى بولۇپ ﻫېسابلىنىدۇ . مەسىلەن ، ئۆي توغرۇلۇق ، ئۆي ئارقىلىق ، ئۆي ئۈچۈن .
ئىسىملار جۈملىگە كىرگەندە ، بىر ۋاقىتتا بىرقانچە خىل مورفولوگىيىلىك شەكىلنى مۇجەسسەملەشتۈرۈپ ، بىرقانچە خىل گرامماتىكىلىق مەنىنى ئىپادىلەپ كېلىشى مۇمكىن . مەسىلەن ، «بالىلىرىمنىڭ» دېگەن ئىسىم شەكلىنى ئالساق ، كۆپلۈك ، 1 شەخس ، بىرلىك ئىگىلىك كېلىشتىن ئىبارەت تۆت خىل گرامماتىكىلىق مەنىنى ئىپادىلەپ كەلگەن .
(3) ئۇيغۇر تىلىدا بىردىن ئونغىچە بولغان پۈتۈن سانلار ، ئونلار خانىنىڭ ﻫەربىر ئونلۇق پەللىسىدىكى پۈتۈن سانلار ۋە «يۈز ، مىڭ ، مىليون ، مىليارد» قاتارلىق چوڭ سانلار ئاددىي سان ﻫېسابلىنىپ ئايرىم يەككە سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، پۈتۈن سانلار مۇرەككەپ سان ﻫېسابلىنىپ چوڭ خانىلىق سانلارغا كىچىك خانىلىق سانلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن (مەسىلەن ، ئون بىر ، يەتمىش بەش ، يۈز بەش) ياكى كىچىك خانىلىق سانلارنىڭ چوڭ خانىلىق سانلارنى ﻫەسسىلەپ كېلىشىدىن (مەسىلەن ، ئىككى يۈز بەش مىڭ ، ئون ئۈچ مىڭ) ﻫاسىل بولىدۇ . يۈزلەر خانىسى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى خانىدىكى ئاددىي سانلارلا ﻫەسسىلىنىدۇ (مەسىلەن ، ئىككى يۈز ، بەش مىڭ ، تۆت يۈز مىڭ) .
ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاددىي ۋە مۇرەككەپ سانلارنىڭ ئەسلىي شەكلى مەنە ۋە مورفولوگىيىلىك شەكىل جەﻫەتتىن «ساناق سان» ﻫېسابلىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلىنىشى ئارقىلىق مۆلچەر سان (مەسىلەن ، ئونچە ، يۈزدەك ، يەتتە – سەككىز) ، تەرتىپ سان (مەسىلەن ، ئىككىنچى ، بەشىنچى) ، كەسىر سان (مەسىلەن ، تۆتتىن بىر ، ئالتىدىن ئۈچ) ، ئۆملۈك سان (مەسىلەن ، بەشەيلەن ، ئىككىيلەن) قاتارلىق سان تۈرلىرى ﻫاسىل بولىدۇ .
(4) ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىسى كۈچەيتىشكە ياكى ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولىدىغان سۈپەتلەر (دەرىجىلىك سۈپەتلەر) تۈرلىنىش ئارقىلىق ، ئەسلىي دەرىجە (مەسىلەن ، ئاددىي ، ئېگىز) ، كېمەيتمە دەرىجە (مەسىلەن ، ئۇزۇنراق ، ئېگىزرەك) ، ئاشۇرما دەرىجە (مەسىلەن ، ئاپئاق ، قىپقىزىل) ، ئەركىلەتمە دەرىجە (مەسىلەن ، چىرايلىققىنا ، ئېگىزگىنە) شەكىللىرىنى ﻫاسىل قىلىدۇ .
(5) ئالماش — ئىسىم ، سۈپەت ، سان قاتارلىق سۆزلەر بىلەن ئالمىشىپ ، ئۇلارنىڭ ئورنىدا كېلىدىغان سۆز تۈركۈمى . ئۇيغۇر تىلىدىكى ئالماشلار قايسى سۆز تۈركۈمدىكى سۆزنىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ كەلگەن بولسا ، ئاساسىي جەﻫەتتىن شۇ سۆز تۈركۈمى بىلەن ئوخشاش تۈرلىنىپ ، شۇ سۆز تۈركۈمىنىڭ مورفولوگىيىلىك شەكىللىرىگە ئوخشاش مورفولوگىيىلىك شەكىللەرنى ﻫاسىل قىلىدۇ .
(6) ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇرغۇن سۆزلەرنىڭ تولۇق باغلامچى رولىدىكى «بول - ، قىل -» قاتارلىق ياردەمچى پېئىللار بىلەن بىرىكىشىدىن شۇ سۆزلەرنىڭ پې’ئىل شەكلى ﻫاسىل بولۇپ ، خۇددى ئادەتتىكى پېئىللارغا ئوخشاش قوللىنىلىدۇ (مەسىلەن ، باغ قىل - ، ئادەم بول - . . .) .
4 ) كۆپ ۋارىيانتلىق قوشۇمچىلارنىڭ قوللىنىلىشى
ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز ياسىغۇچى ۋە سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئىككىدىن ئارتۇق شەكىلگە ئىگە . بىر قوشۇمچىنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەكىللىرى «ۋارىيانت» دەپ ئاتىلىدۇ .
قوشۇمچىلارنىڭ كۆپ ۋارىيانتلىق بولۇشىنى ئۇيغۇر تىلىدىكى تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ ، بىر قوشۇمچىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋارىيانتلىرى شۇ قوشۇمچە قوشۇلىدىغان ئۆزەكنىڭ تاۋۇش ئالاﻫىدىلىكىگە ماسلاشقان ﻫالدا قوشۇلىدۇ . ۋارىيانتلارنىڭ ئۆزەككە ماسلىشىش ئەﻫۋالى تۆۋەندىكىچە :
(1) « - دىن // - تىن» غا ئوخشاش بېشىدىكى تاۋۇش جاراڭلىق – جاراڭسىز جەﻫەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلار ، جاراڭلىقلىرى جاراڭلىق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەككە ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، قەغەز + دىن ، قولىمىز + دىن ؛ جاراڭسىزلىرى جاراڭسىز تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەكلەرگە ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، ئۆگىنىش +تىن ، ئاش + تىن .
(2)«- سا // - سە» گە ئوخشاش تەركىبىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش تىل ئورنى جەﻫەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلار ئۆزەكنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشقا تىل ئورنى جەﻫەتتىن ماسلىشىپ ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، ياز +سا ، كەل +سە . . .
(3«- ئى // - سى» غا ئوخشاش بېشىدا سوزۇق تاۋۇش بار – يوقلۇقى جەﻫەتتىنلا پەرقلىنىدىغان ۋارىيانتلارنىڭ سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغىنى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەكلەرگە قوشۇلىدۇ . مەسىلەن ، قەلەم + ئى ، كۆز + ئى . . . ؛ ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغىنى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەكلەرگە ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، ياخشى – سى ، بالا + سى . . .
(4 « - ي // - ئاي // - ئەي» گە ئوخشاش بېشىدا سوزۇق تاۋۇش بار – يوقلۇقى جەﻫەتتىن ﻫەم سوزۇق تاۋۇش تىل ئورنى جەﻫەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلارنىڭ سوزۇق تاۋۇشسىز كەلگىنى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەكلەرگە ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، سۆزلە + ي ، قارا + ي ؛ سوزۇق تاۋۇش بىلەن كەلگەنلىرى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەكلەرنىڭ ئاخىرقى بوغۇمدىكى سوزۇق تاۋۇشقا تىل ئورنى جەﻫەتتىن ماسلىشىپ ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، قايت + ئاي ، كۆندۈر + مەي . . .
(5) «- غان // - قان / / - گېن / / - كەن» گە ئوخشاش بېشىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار جاراڭلىق – جاراڭسىزلىق جەﻫەتتىن ، تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار تىل ئورنى جەﻫەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلار بىر تەرەپتىن ئۆزەكنىڭ ئاخىرىدىكى تاۋۇشقا جاراڭلىق – جاراڭسىزلىق جەﻫەتتىن ماسلاشسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۆزەكنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشقا تىل ئورنى جەﻫەتتىن ماسلىشىپ ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، ياز + غان ، ئوقۇت + قان ، كەل + گېن ، ئەت + كەن . . .
(6) «- لىق / / - لىك / / - لۇق / / - لۈك» ئوخشاش تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇش ﻫەم تىل ئورنى ، ﻫەم لەۋ ﻫالىتى جەﻫەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلار ئۆزەكنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشقا ﻫەم تىل ئورنى ، ﻫەم لەۋ ﻫالىتى جەﻫەتتىن ماسلىشىپ ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، كۇچا + لىق ، خوتەن + لىك ، قۇمۇل + لۇق ، بۈگۈر + لۈك . . .
(7 «- ڭلار / / - ئىڭلار / / - ئۇڭلار / / - ئۈڭلار» گە ئوخشاش بېشىدا سوزۇق تاۋۇش بار – يوقلۇقى جەﻫەتتىن ﻫەم بېشىدىكى سوزۇق تاۋۇش تىل ئورنى ۋە لەۋ ﻫالىتى جەﻫەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلارنىڭ ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن باشلانغىنى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ئۆزەكلەرگە ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، بالا + ڭلار ، يىڭنە + ڭلار ؛ لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغىنى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ۋە ئاخىرقى بوغۇمىدا لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش كەلگەن ئۆزەكلەرگە ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، دەپتەر + ئىڭلار ، كىتاب + ئىڭلار ؛ لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغىنى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان ۋە ئاخىرقى بوغۇمىدا لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇش كەلگەن ئۆزەكلەرگە تىل ئورنى جەﻫەتتىن ماسلىشىپ ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، كۈن + ئۈڭلار ، ئوقۇش + ئۇڭلار .
(8) «- دىڭ / / - تىڭ / / - دۇڭ / / - تۇڭ / / - دۈڭ / / - تۈڭ » ئوخشاش بېشىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلار جاراڭلىق – جاراڭسىزلىق جەﻫەتتىن ، تەركىبىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ﻫەم تىل ئورنى ، ﻫەم لەۋ ﻫالىتى جەﻫەتتىن پەرقلەنگەن ۋارىيانتلار ئۆزەكنىڭ ئاخىرىدىكى تاۋۇشقا جاراڭلىق – جاراڭسىزلىق جەﻫەتتىن ﻫەم ئۆزەكنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى سوزۇق تاۋۇشقا تىل ئورنى ۋە لەۋ ﻫالىتى جەﻫەتتىن ماسلىشىپ ئۇلىنىدۇ . مەسىلەن ، ئوينا + دىڭ ، سۆزلەش + تىڭ ، ئوقۇ + دۇڭ ، ئوقۇت + تۇڭ ، يەتكۈز + دۈڭ ، پۈتۈش + تۈڭ . . .
3 . ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىنتاكسىسلىق خۇسۇسىيىت
1 ) سىنتاكسىسلىق قۇرۇلما ، سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەت ۋە سىنتاكسىسلىق ۋاسىتە
سۆز بىرىكمىسى ۋە جۈملىلەرنىڭ قۇرۇلمىسى سىنتاكسىسلىق قۇرۇلما دەپ ئاتىلىدۇ .
سۆزلەرنىڭ بىرىكىشىدىن ﻫاسىل بولغان بىرىكمىنىڭ تەركىبلىرى (ئاساسەن بىۋاسىتە تەركىبلىرى) ئوتتۇرىسىدىكى گرامماتىكا جەﻫەتتىكى مۇناسىۋەت سىنتاكسىسلىق مۇناسىۋەت دېيىلىدۇ . ئۇيغۇر تىلىدا جۈملە ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ تەركىبىدىكى سۆزلەر بىر – بىرى بىلەن تۆۋەندىكىدەك نۇسخىدا مۇناسىۋەتلىشىدۇ :
(1) تەڭداش مۇناسىۋەت — بۇ خىل مۇناسىۋەتتىكى قۇرۇلما باراۋەر ئورۇندا تۇرىدىغان ، رولى ئوخشاش بولغان ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تەركىبتىن تۈزۈلگەن سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدۇر . ئۇيغۇر تىلىدىكى تەڭداش مۇناسىۋەتتىكى سۆز بىرىكمىلىرى ، تەڭداش مۇناسىۋەتتىكى قوشما جۈملىلەر مۇشۇ خىل مۇناسىۋەتتىكى قۇرۇلمىلاردۇر . مەسىلەن :
سۇ تەمسىز ، پۇراقسىز ، رەڭسىز سۇيۇق جىسىم .
(2 ) ئىگە – خەۋەرلىك مۇناسىۋەت — ئىگە ۋە خەۋەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدۇر . مەسىلەن : ئۇلار كەلدى . ئۆيۈڭلار قايسى ؟
(3 ) باشقۇرۇش — باشقۇرۇلۇش مۇناسىۋىتى — باشقۇرغۇچى تەركىب بىلەن باشقۇرۇلغۇچى تەركىبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدۇر . بۇنىڭدا باشقۇرغۇچى تەركىب ﻫەرىكەتنى ، باشقۇرۇلغۇچى تەركىب ﻫەرىكەتنىڭ ئوبيېكتىنى بىلدۈرىدۇ . مەسىلەن :
ناخشا / ئېيتىش ، ۋەتەننى / سۆيمەك
( يانتۇ سىزىقنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى باشقۇرۇلغۇچى ، سول تەرىپىدىكى باشقۇرغۇچى تەركىب)
(4 ) ئېنىقلاش – ئېنىقلىنىش مۇناسىۋىتى — ئېنىقلىغۇچى تەركىب بىلەن ئېنىقلانغۇچى تەركىبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىنتاكسىسلىق قۇرۇلمىدۇر . مەسىلەن :
ئوقۇغان / بالا ، مىللەتنىڭ / ئۈمىدى ، بەش / ئادەم
(يانتۇ سىزىقنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكىلىرى ئېنىقلىغۇچى ، سول تەرىپىدىكىلىرى ئېنىقلانغۇچى تەركىب )
سىنتاكسىسلىق ۋاسىتە — گرامماتىكىلىق شەكىللەرنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيىتىگە قاراپ ئايرىلغان تىپ بىرلىكلىرى . ئۇيغۇر تىلىدىكى سىنتاكسىسلىق (گرامماتىكىلىق) ۋاسىتىلەر تۆۋەندىكىچە :
( 1) سۆز تۈرلىگۈچى قوشۇمچە — سۆز ياكى سۆز يىلتىزىغا ئۇلىنىپ ، ﻫەرخىل گرامماتىكىلىق مەنە ئىپادىلەيدىغان مورفېمىلاردۇر . تىلىمىزدىكى ئىسىمنىڭ تەۋەلىك (شەخس) ۋە كېلىش كاتېگورىيىلىرىنىڭ قوشۇمچىلىرى ، پېئىلنىڭ شەخس – سان كاتېگورىيىلىرىنىڭ قوشۇمچىلىرى سۆز بىلەن سۆزنى مۇناسىۋەتلەشتۈرىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك سىنتاكسىسلىق ۋاسىتىدۇر . مەسىلەن ، خەلقنىڭ ئۈمىدى ، بالىلىرىمىز كەلدى . . .
(2) ياردەمچى سۆز (تىركەلمە ۋە باغلىغۇچى) — مەخسۇس تۈردە گرامماتىكىلىق مەنە بىلدۈرىدىغان سۆزلەردۇر . تىركەلمە ئىسىمنىڭ باشقا سۆزلەر بىلەن بولغان ، بولۇپمۇ پې’ئىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىشتە ۋاسىتىلىك رول ئوينايدۇ . (مەسىلەن ، ئوقۇش ئۈچۈن كەتتى . پەلەمپەي ئارقىلىق چىقتى .) ؛ باغلىغۇچىلار بولسا سۆز ۋە جۈملىلەر ئارىسىدىكى تەڭداش مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىشتە ۋاسىتىلىك رول ئوينايدۇ (مەسىلەن ، شەﻫەر ۋە يېزىلار گۈللەپ ياشنىدى . ئۇ دەرسنى ئوبدان ئاڭلىدى ﻫەم ياخشى خاتىرە قالدۇردى) .
(3 ) سۆز تەرتىپى — نۇتۇقتا سۆزلەرنىڭ ئىلگىرى – كېيىن تىزىلىش تەرتىپى . مەسىلەن ، پادىچى بالا ، ئۇلۇغ غايە . . .
(4) ئىنتوناتسىيە — جۈملە ياكى جۈملە ئۈزۈندىسىنىڭ ئاﻫاڭىنىڭ ئېگىز – پەس ئۆزگىرىشى بولۇپ ، ئۇنىڭ ۋاسىتىسىدە ئوخشىمىغان جۈملىلەر بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ . پائۇزىمۇ ئىنتوناتسىيىنىڭ مۇﻫىم بىر مەزمۇنى بولۇپ ، جۈملە بىلەن جۈملە ئوتتۇرىسىدىكى ، جۈملە بۆلەكلىرى بىلەن جۈملە بۆلەكلىرى ، سۆز بىلەن سۆز ئوتتۇرىسىدىكى ئاۋاز جەﻫەتتىكى تىنىشتىن ئىبارەت . مەسىلەن ، جالال ئاكام / سىزنى چاقىرىۋاتىدۇ . جالال / ئاكام سىزنى چاقىرىۋاتىدۇ . ئادىل – ئوقۇغۇچى . مەدەنىيەتلىك ، ئىنتىزامچان ، غايىلىك ، ئەخلاقلىق .
2) ئۇيغۇر تىلىدىكى سىنتاكسىسلىق بىرلىكلەر
ئۇيغۇر تىلىدا مورفېما ، سۆز ، سۆز بىرىكمىسى ۋە جۈملىدىن ئىبارەت تۆت خىل گرامماتىكىلىق بىرلىك بار بولۇپ ، بۇنىڭ كېيىنكى ئىككىسى سىنتاكسىسنىڭ تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرىدۇ ، شۇڭا سىنتاكسىسلىق بىرلىكلەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
(1) سۆز بىرىكمىسى — ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق مۇستەقىل سۆزنىڭ بىرىكىشىدىن ﻫاسىل بولغان ، بىر سۆزگە ئوخشاش رول ئوينايدىغان جۈملىنىڭ قۇرۇلۇش ماتېرىيالىدۇر . ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆز بىرىكمىلىرى تۈزۈلۈش جەﻫەتتىكى ئالاﻫىدىلىككە (ئىككى سۆزدىن ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزدىن تۈزۈلگەنلىكىگە) ئاساسەن ئاددىي سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن ، دېﻬقان بالىسى) ۋە مۇرەككەپ سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن ، ﻫاياتنىڭ گۈزەل چاغلىرى) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنسە ؛ تەركىبىدىكى بېقىندۇرغۇچى سۆزنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ ، ئىسىم خاراكتېرلىك سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن ، بىزنىڭ ئوقۇتقۇچى) ، سۈپەت خاراكتېرلىك سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن ، ئۆگىنىشتە ئەلا) ، ئىسىمداش خاراكتېرلىك سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن ، ئوقۇشقا بارماق) ، سۈپەتداش خاراكتېرلىك سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن ، بەش يىل ئوقۇغان) ۋە رەۋىشداش خاراكتېرلىك سۆز بىرىكمىسى (مەسىلەن ، ئاستا – ئاستا مېڭىپ) دېگەن تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ .
سۆز بىرىكمىسىدىن ئىبارەت بۇ بىرلىك جۈملىدىن تۆۋەندىكى ئالاﻫىدىلىكى بىلەن پەرقلىنىدۇ : ① سۆز بىرىكمىسى جۈملە ئىچىدىكى بىرلىك بولۇپ ، بايان خاراكتېرىگە ئىگە ئەمەس ؛
② سۆز بىرىكمىسى كەم بولغاندا ئىككى سۆزدىن تەركىب تاپىدۇ ؛ ③ سۆز بىرىكمىسى بىۋاسىتە تەركىبلەرنىڭ بىرىكىشىدىن تەركىب تاپىدىغان بىرىكمە .
(2 ) جۈملە — تولۇق بىر ئوي – پىكىرنى بىلدۈرىدىغان ، مۇئەييەن ئىنتوناتسىيىگە ئىگە بولغان ئەڭ كىچىك نۇتۇق بىرلىكى .
جۈملە تۆۋەندىكىدەك ئالاﻫىدىلىكلەرگە ئىگە : ① ﻫەرقانداق جۈملە تولۇق ئاياغلاشقان ئوي – پىكىرنى ئىپادىلەيدۇ ؛ ② ئۇ سۆز ۋە سۆز بىرىكمىلىرىنىڭ مۇئەييەن سىنتاكسىسلىق قا’ئىدە – قانۇنىيەتلەر بويىچە بىرىكىشىدىن ﻫاسىل بولغان مۇكەممەل تىل بىرلىكى بولۇپ ﻫېسابلىنىدۇ ؛ ③ ﻫەرقانداق جۈملە ئۆزىگە خاس ئىنتوناتسىيىگە ئىگە بولىدۇ .
ئۇيغۇر تىلىدىكى جۈملىلەر مەنىسىگە ئاساسەن : ① بايان (خەۋەر) جۈملە — ئوي – پىكىر بايان تەرىقىسىدە ئىپادىلەنگەن جۈملە (مەسىلەن ، ئۇ 1908 – يىللاردىن باشلاپ شېئىر ئىجادىيىتىدە تېخىمۇ دادىللىق بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ ، تېخىمۇ سالماقلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ ، باشقىلار بايقىمىغان نەرسىلەرنى بايقاپ ۋە ئۇنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن ئىپادىلەپ ، شېئىرىيەت ساﻫەسىدە خېلى زور ئۈنۈم ﻫاسىل قىلدى) ؛ ② سوئال جۈملە — ئوي – پىكىر سوئال تەرىقىسىدە ئىپادىلەنگەن جۈملە (مەسىلەن ، بۇ شېئىردىكى رېئاللىق ﻫەممە كىشى كۆرگەن ، لېكىن ﻫېس قىلالمىغان ، تونۇپ يەتمىگەن ئاشۇ ئاپەتلىك يىللارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك شېكايىتى ئەمەسمۇ ؟) ؛ ③ ئۈندەش جۈملە — تۈرلۈك ﻫېس – ﻫاياجانلىق پىكىرلەرنى ئىپادىلىگەن جۈملە (مەسىلەن ، سېنى تۇغۇپ ئۆستۈرگەن قاراقاش دەرياسى بىلەن يۇرۇڭقاش دەرياسىغا بارىكاللا ! شۆﻫرىتىڭنى جاﻫانغا يايغان ﻫۈنەرۋەن خوتەن خەلقىگە ﻫەشقاللا !) ؛ ④ بۇيرۇق جۈملە — بۇيرۇق ، تەلەپ ، ئۆتۈنۈش ، شوئار ، چاقىرىق ، ئارزۇ – ئىستەك ۋە مەسلىﻬەت مەزمۇنىدىكى ئوي – پىكىرلەرنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە . (مەسىلەن ، دەرﻫال يولغا چىقىڭلار !) دېگەن تۆت تۈرگە بۆلىنىدۇ .
جۈملە يەنە تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن : ① ئاددىي جۈملە — تولۇق ئاياغلاشقان يەككە ئوي – پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە . (مەسىلەن ، بۇ تەسۋىر ئۆز ئوغلى ئۈچۈن كۆيۈپ – پىشىپ يۈرگەن مېﻬرىبان ئانىنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ تولۇقلايدۇ .) ؛ ② قوشما جۈملە — مەزمۇن جەﻫەتتىن بىر – بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تارماق جۈملىلەرنىڭ مەلۇم سىنتاكسىسلىق قا’ئىدە بويىچە بىرىكىشىدىن تۈزۈلۈپ ، بىرقەدەر مۇرەككەپ ئوي – پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان جۈملە (مەسىلەن ، ئوغۇلنىڭ مەردلىكى ئاتىغا تالىق ، قىزنىڭ ئۇزلۇقى ئانىغا تالىق ، داننىڭ توقلۇقى تۇپراققا باغلىق ، گۈلنىڭ جامالى ياپراققا باغلىق) دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ .