guide
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
897 قىتىم
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى
ئابلىمىت مۇﻫەممىدى





ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخى ئۇزاق ، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ ، قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە ، تۈر ۋە تەركىبلىرى كۆپ خىل . مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ ، ئالاﻫىدە پايدىلىنىش قىممىتىگە ۋە تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە . تەرەققىيات مۇساپىسى ، ئۆزگىرىش جەريانلىرى ۋە مىللى خاسلىق نۇقتىسىدىن ئۇنى تۆۋەندىكىدەك كونكىرت تۈرلەرگە ئايرىش مۈمكىن :

1-ئىپتىدائىي ئېتىقاد بويىچە قويۇلغان ئەنئەنىۋى ئىسىملار
2-ئاسمان جىسىملىرى ۋە تەبىئەت ﻫادىسىلىرى ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
زامانىۋى ئاۋۋالدىن تارتىپ تا بۇ كەمگىچە تەبىئەت قوينىدا ياشاپ ، تەبىئەتنىڭ نېمەتلىرىدىن بەﻫرىمان بولۇپ ، تۈرلۈك تەبىئەت ﻫادىسىلىرى بىلەن كۈرەش قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرى ئۇلۇغلىغان ، چوقۇنغان ، تۆتېم قىلغان ۋە بەﻫىر ئالغان ئاشۇ مۆجىزىكار شەيئىلەرنىڭ نامىنى ئەۋلاتلارغا ئىسىم قىلىپ قويۇپ ، ئۇنى دەۋرىمىزگىچە يەتكۈزگەن . مەسىلەن ، كۈن (كۈنخان ، كۈنتۇغدى) ، قۇياش ، ئاي ،(ئايگۈزەل ، ئايتولۇن ، ئاينىسا ، ئاينۇر ) ، چاقماق (چاقماقجان) . يۇلتۇز ، چولپان (چولپانجان) ، نۇر (نۇرخان ، نۇرگۇل ، نۇرنىسا) ، ئەختەر( ئەختەرنىسا) ، شەمسى(شەمشىنۇر ، شەمشىقەمەر) ، قەمەر ( قەمەرنىسا ، قەمەرخان) ، ساباﻫ (ساباﻫىدىن) ، ئقلىم (ئىقلىمپاشا ، ئىقلىمخان) .
 
3-ئەمگەك سايمانلىرى ۋە تۇرمۇش بويۇملىرى نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇر خەلقى مېﻬنەتخۇمار ، قاپا – مۇشەققەتكە چىداملىق ، كىشىلىك ﻫاياتقا ۋە تۇرمۇشقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان ، ئەقىل – پاراسىتى ۋە غەيرەت – شىجائىتى بىلەن تۈرلۈك ئاپەتلەر بىلان ئېلىشىپ ، گۈزەل مۇﻫىت ، ئەۋزەل شارائىت ياراتقان ۋە ئېسىل نېمەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن . شۇڭا ، ئۇلارنىڭ كىشى ئىسىملىرىدا ئەمگەك سايمانلىرى نامى ۋە تۇرمۇش بويۇملىرى نامى خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ . مەسىلەن پالتا (پالتاخۇن) ، سۈپۈرگە (سۈپۈرگەباي) ، ، چورۇق (چورۇقئاخۇن) ، بوسۇغا (بوسۇغا باي) ، چىنە (چىنىخان) ، گۈرجەك، توقا ، سائەر ، خاتىرە ، سۇپۇرا ، قەلەم ، قۇتا ، سۈرەت ….. قاتارلىقلار .

4-ﻫايۋانات ۋە قۇشلار نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار تىرىكچىلىك داۋامىدا ، تېرىقچىلىق ، چارۋىچىلىق ۋە سودا – سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ، تەبىئەتنىڭ ئەۋزەل نېمەتلىرى بىلەن كۆپ ئۇچراشقان ، ئۇلاردىن خوۋلۇق كۆرگەن ، ئۇلارنى قولغا ئۈگۈتۈپ ئۇلاردىن پايدىلانغان …. مەسىلەن ، يولۋاس ( يولۋاسخان) ، شىر (شىرخان ، شىرزات) ، ئارسلان ، شۇڭقار ، بۈركۈت ، بۇلبۇل ، قۇندۇز ، بېلىق ، تورغاي ، سەمەندەر ، پەرۋانە ، سۇمرۇغ ، سۆسەر ….. ئۆز تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇ شەيئىلەر بارا – بارا ئۇلارنىڭ كىشى ئىسىملىرىغا ئايلىنىپ ، تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن .

5-دەل – دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈك نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى كۆپىنچە بىپايان دەشتلەرگە تۇتاش ئۈزۈك – ئۈزۈك بوستانلىقلاردا ئۆتكەن . ئۇلار ئورمان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشى دوستلىرى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ﻫېس قىلغانلىقتىن ، ئۇلارنىڭ نامىنى ئەۋلادلىرىغا ئىسىم قىلىپ قويۇپ ، تەبىئەتنى سۆيۈش ، ئورمان ئەﻫيا قىلىش ، دەل – دەرەخلەرنى ئاسراپ ، تەبىئى مۇﻫىتنى قوغداشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى مىراس قالدۇرغان . مەسىلەن ، چىنار ، شەمشاد ، يۇلغۇن ، توغراق ، يانتاق ، زەيتۇن ، ياسىمەن ، سۇۋادان ، ئامۇت .

6-مەدەن ۋە مېتاللار نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار خېلى بۇرۇنلا تاش قوراللار ۋە مېتال قوراللار بىلەن ئوۋچىلىق ، دېﻬقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرغان . مېتال قوراللار بىلەن ئۆز يۇرتىنى ياۋلاردىن قوغدىغان ، كان ئېچىپ ، مېتال تاۋلاپ مەﻫسۇلاتلىرىنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن ئايرىۋاشلىغان . ئۇلارنىڭ نامىنىمۇ ئەۋلادلىرىغا ئىسىم قويۇپ قوللانغان . مەسىلەن ، تاش (تاشباي ، تاشگۈل) ، تۆمۈر ، پولات ، تاشپولات ، گۆﻫەر ، تاشتۆمۈر ، ئوران ، ئالتۇن ، كۈمۈش ……

7-كۆكتات ۋە گۈل – گىياﻫ ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار ئۇزاق يىللىق ناچار تەبىئى شارائىت ئاستىدىكى جاپالىق شارائىت ئاستىدىكى تىرىكچىلىك پائالىيەتلىرىدە تەبىئەتنىڭ ئەۋزەللىكلىرىدىن ئىمكانقەدەر تولۇق پايدىلىنىپ ، ياشاش مۇﻫىتىنى تىرىشىپ ئۆزەەرتىش ئۈستىدە كۆپ ئىزدەنگەن ، كۈرەش قىلغان . مۆجىزە خاراكتېرلىق مەئىشەتلەرنى يارىتىپ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆﻫپىلەرنى قوشقان . ئۇ مۆجىزىلەر ئەۋلادلىرىغا ئىسىم قىلىپ قويۇلۇپ ،ئابىدىگە ئايلانغان . مەسىلەن ، سامساق ، تۇرۇپ ، پىياز ، مايسا ، رەيﻬان ، مۇدەن ، مېرزىگۈل ، غۇنچەم ، لەيلى ، نېلۇپەر ، چوغلۇق ، لالە ، چېمەن ، تاجىگۈل ، گۈلسۇرۇخ .

8-مېۋە ۋە مېۋىلىك دەرەخ نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇر ئېلى دۇنيادا “مېۋە – چېۋە ماكانى ” دەپمۇ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە . ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كاتتا تۆﻫپىسىمۇ كىشى ئىسىملىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان . مەسىلەن ،ئانار (ئانارخان ، ئانارگۈل) ، ئالما (ئالمىخان) ، بادام (بادامگۈل) . جىنەستە ، چىلان ، ئامۇت ، نەشپۈت ، ئالبىرات ، يېمىش .

9-دورا ماتىرىياللاىرى ۋە خۇشبۇي ماتىياللار نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ناﻫايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە . ئۇ ﻫېلىﻬەم ئېلىمىزنىڭ تىببىي ساقلىقنى ساقلاش ساﻫەسىدە ئىنتايىن مۇﻫىم ئورۇن تۇتىدۇ . ئەجدادلىرىمىز سېخىي تەبىئەتتىكى دورىلىق ماتېرىياللارنى بايقاپ ، تەتقىق قىلىپ ، ئۇنى ئاغرىقلارنى ئازابتىن ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرىدىغان تۇتىياغا ئايلاندۇرغان ﻫەمدە ئۇلارنى ئەۋلادلىرىغا ئىسىم قىلىپ قوللانغان . مەسىلەن ، ئىپار ، ئەنبەر ، گۈلنەپشە ، زىرە (گۈلزىرە) ، سۇمبۇل ، بىدىيان .

10-رەڭ – بوياقلار نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار ﻫەر خىل رەڭلەردىن ئۆزگىچە ئستېتېك زوق ئېلىپلا قالماستىن ، رەڭلەردىكى كىشىگە بېرىدىغان ئوخشىمىغان تۇيغۇ – تەسىرلەر بىلەن ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش – ئادەتلىرىدىكى تۈرلۈك پائالىيەت ۋە چۈشەنچىلىرىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ ، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ بىشارىتى سۈپىتىدە قوللىنىپ كەلگەن . مەسىلەن ، ئاقخان ، ئاپئاق ( ئاپيول ، ئاپپاققىز ، ئاقئاخۇن ، ئاقپاشا ، ئاقنىياز ) ، سېرىق (سېرىقبەگ ، سېرىقئاخۇن ) ، قاراخان ، قارائايىم ، كۆكنۇر باي ، بىنەپشىخان ، فرۇزە .

11-ۋاقىت ۋە پەسىل ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار ئەمگەك سۆيەر ، پائالىيەتچان خەلق بولغاچقا ، ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى چوڭقۇر ﻫېس قىلغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسلام دىنىي ئەقىدە قائىدىلىرى بويىچە قاتتىق تەكىتلىنىدىغان ۋاقىت ، كۈن ۋە پەسىللەرمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس ﻫېسابلايدىغان مەزمۇنلار قاتارىغا قويۇلغان . شۇڭا ، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا ۋاقىتقا ئالاقىدار ئىسىملارمۇ خېلى كۆپ . مەسىلەن ، باﻫار ، جۈمە ، نەۋرۇز ، ئازنا (ئازنىخان ، ئازنىباقى ، ئازنەك ) ، تاڭنۇر ، سۈبﻬى ، سۈبﻬىنۇر ، زامان ، رامىزان ، ئەسىر ، سۈر ئەت ، ئېرا ، شەنبە .

12-جاۋاﻫىراتلار ۋە ئەتىۋارلىق بويۇملار ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
جاۋاﻫىرات ۋە نەپىس ماللار سودىسى ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ ئىقتىسادىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان يۇقۇرى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە كەسپ دەپ قارىلىدۇ ، شۇڭا ، ئۇ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىغىمۇ سىڭىپ كىرگەن . مەسىلەن ، ئالماس ، ئالتۇن ، كۈمۈش ، مەرۋايىت ، ياقۇت ، گۆﻫەر ، تاۋار ، مەشۈت ، تىللا ، زۇمرەت ، ئۈنچە ، مارقان ، لەئىل .

13-ئەسكىرىي ئاتالغۇلار ۋە قورال – ياراق ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
تارىختا ئۇيغۇرلار سانسىز جەڭ – يېغىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ، قان تۆكۈپ ئۆز ئېلىنى قوغدىغان ، قۇدرەتلىك خانلىقلارنى قۇرغان . شۇ ئۆچمەس تارىخنىڭ يالدامىلىرى سۈپىتىدە ئەۋلادلىرىغا ئەسكىرىي ئاتالغۇ ۋە قورال – ياراغ ناملىرىنى ئىسىم قىلىپ قالدۇرغان . مەسىلەن ، ئارمىيە ، قىلىچ ، خەنجەر ، غازى ، مۇزەپپەر ، مۇجاﻫىد ، قۇر بېشى ، ساداق ، ساللات ، پاراد ، شەمشەر ، زۇلپىقار ، تۇغ ، ئەلەم .

14-دىنىي ئاتالغۇلار بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار تارىختا كۆپ خىل دىنلارنى قوبۇل قىلىش داۋامىدا ، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن ، ئۆزلىرىنىڭ دىنغا بولغان ئىخلاسى ، ﻫۆرمىتى ۋە ئېتىقادىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىگە دىنىي تۈس ئالغان ئىسىملارنى قويغان . مەسىلەن ، ئىسلام ، ئاخۇن ، قۇشناچ ، خىزىر ، ئىمام ، مەزىن ، ﻫاجى ، ﻫېيت ، خاتىپ ، ئايەت ، ئايەم ، موللا ، ئىمان ، ئىبادەت ، خۇشبىدىن ، رىزۋان ، مۇتىۋەللى ، مەستۇرە ، شۈكۈر .

15-يەر – جاي ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار تارىختا قانچە – قانچە قېتىملاپ كۆچمەنلىك ، يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىشنىڭ ئەلەملىرىنى تارتقان . كۈرمىڭ ئەجىر – مۇشەققەتلەر بىلەن ئۆز ماكانلىرىنى ئاچقان ، گۈللەندۈرگەن . قوغدىغان . ۋەتەنپەرۋەرلىك ، يۇرت ئىشقى قان – قېنىغا سىڭگەن . شۇڭا ، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ئىچىدە ، زېمىن ، دۆلەت ، دىيار ، پامىر ، تارىم ، مەكىت ، سەيدەم ، بۇغدا ، قەشقەرى ، يەركەندى ، كۈسەن …. دەيدىغان ئىسىملار بار . يەنە ئىسلام دىنىدا ئالاﻫېدە تىلغا ئېلىنىدىغان مەككە ، مەدىنە ، قۇددۇس ، بەيتۇللا ، سۈرىيە ، قاﻫىرە …. دەيدىغان ئىسملارمۇ كۆپ .

16-مىللەت ، قەبىلە ، قەۋم ناملىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلاردىكى مىللەتپەرۋەرلىك ، ئەجدادلىرىغا بولغان ﻫۆرمەت ، سۆيۈنۈش ، ئۇرۇق – قەۋملىرىگە بولغان ئىپتىخار ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا قارلۇق ، ئۇيغۇر ، ئۇيغۇرنىسا ، تۇران ، تۈركەش ، مۇغۇل ، ئوغۇز …. دېگەن ئىسىملارنى قويۇپ ، ئۆز يىلتىزىنى ئۇنتۇماسلىققا ، ئۆز مىللىتىنى قەدىرلەش ۋە سۆيۈشكە ئۈندەپ كەلگەن .

17-يېمەكلىك ، تاتلىق – تۈرۈملەر نامى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار بۇرۇندىن تارتىپلا ئوزۇقلىنىش مەدەنىيىتىگە ئالاﻫېدە ئەﻫمىيەت بېرىپ كەلگەن ﻫەم تائام تەييارلاشتىكى نازۇك ﻫۈنەر – سەنئەتنى نامايەن قىلغان . ئۇيغۇر تاماقلىرى ئىچىدە ئاساسلىق تائاملاردىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان شېرىن – شەربەتلەرمۇ بار . بۇلارمۇ ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىغا يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن . مەسىلەن ، توقاچخان ، ﻫەمەك ، كۆمەچ ، پەرمۇدە ، پەشمەت ، شېكەر ، ﻫەسەلخان ، ناۋاتخان ، شەربەت ، تاتلىق ، شېرىن ، بەتتە ، رىشالە .

18-مەرتىۋە – مەنسەپ ئاتالغۇلىرى بىلەن قويۇلغان ئىسملار
ئۇيغۇرلار ئەۋلادلىرىغا يۇرت باشچىلىرى ، بىلىملىك ، چارە – تەدبىرلىك ، يۇرتپەرۋەر ، خەلقپەرۋەر ، پىداكار ئەزىمەتلىرىنىڭ ، سەردارلارنىڭ نامىنى ئىسىم قىلىپ ياد ئېتىدۇ . مەسىلەن ، خان ، خانقىز ، مەلىكە ، شاﻫزات ، رەئىس ، سەردار ، ئوغلان ، بەگ ، خوجا ، ﻫاكىم ، ئەمىر ، ئالىم ، رەﻫبەر ، پاشا ، بانۇم ، ۋەكىل .

19-مەشﻬۇر شەخسلەرنى ئۇلۇغلاپ قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار ئالىم ، ئەدىب ، سىياسىيون ، قوماندان ، چېمپىيون …. غا ئوخشاش تۆﻫپىكار كىشىلەرنى ئىنتايىن چوڭ بىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ﻫۆرمەت قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ نام – ئاتىقىنى ئەۋلادلىرىغا ئىسىم قىلىپ داۋاملاشتۇرۇش ئۇيغۇر ئېتنونىمىكسى (نامشۇناسلىق ئىلمىي) دىكى مۇﻫىم ئالاﻫىدىلىكلىرىنىڭ بىرىدۇر . مەسىلەن ، مۇﻫەممەد مۇستافا ، ﻫەزېر تىئېلى ، جەمشىد ، نۇشىرۋان ئادىل ، ﻫاتەمتاي ، بۈۋىپاتىمە ، فىردەۋسى ، لوقمان ، كامال ، تەڭرىقۇت ، ئەلشىر ، ئۆتكۈر ، لۇتپۇللا ، تەۋپىق ، ئاماننىساخان ، نۇزۇگۇم ، ئايبېك ، فۇرفەت .

20-چىراي ، قامەت ، تۇرق ئاتالغۇلىرى بىلەن قويۇلغان ئىسملار
ئۇيغۇرلار ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ ئەدەبلىك ، ئەخلاقلىق ، ئەقىللىق ، قامەتلىك ، كېلىشكەن بولىشىغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە بۇ جەﻫەتتىكى ئارزۇ – ئارمانلىرىنى : سۇبات ، ﻫۆسنى ، ﻫۆسنىگۈل ، زۇلفىيە ، گۈلچېﻬرى ، سەلتەنەت ، نازاكەت ، قابىل ، گۈزەل ، گۈلبەدەن ، گۈلمېﻬرى … قاتارلىق ئىسىملار بىلەنمۇ ئىپادىلەپ كەلدى .

21-مىجەز – خاراكتېر ئاتالغۇلىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلاردىكى بۇنداق ئىسىملار گۈزەللىك قارىشى تولۇق ئىپادىلەنگەن . باشقىلارنى سۆيۈندۈرىدىغان چىرايلىق ئىسىملاردىن بولۇپ ، مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا ، ئۇ ئىسىم قويغۇچىلار ۋە ئىسىم قويۇلغۇچى ئائىلىسىنىڭ پىسخىك خۇسسۇسىيىتى ۋە روﻫى ﻫالىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ . مەسىلەن ، خۇشرۇي ، شاتگۈل ، ئايگۈل ، مۇلايىم ، زېرەك ، سادىق ، مۆمىن .

22-شەيئىلەرنىڭ ئالاﻫېدە خۇسسۇسىيەتلىرى بويىچە قويۇلغان ئىسىملار .
ئۇيغۇرلار تەبىئەت دۇنياسىدىكى بەزى شەيئىلەرنىڭ ئىنسانلارغا ئۈمىد ، جاسارەت بەخش ئېتىشتەك ئالاﻫىدە خۇسسۇسىيەتلىرىنى پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قىلىپ قويۇپ ، ئۆز ئارزۇ – ئىستەك ، ئىرادىلىرىنى ئىپادىلىگەن . مەسىلەن ، قاينام ، تاشقىن ، ئۇچقۇن ، دولقۇن ، ئۆركەش ، گۈلخان ، سۈزۈك ، جۇلا ، زىلىل ، ئاپتاپ .

23-مەدەنىيەت – سەنئەت ئاتالغۇلىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئەدەبىيات – سەنئەت ئاتالغۇلىرىنى ئەۋلادلدرغا ئىسىم قىلىپ قوللانغان . مەسىلەن ، مەشرەپ ، مۇقام ، مەرغۇل ، سەنئەت ، ئىلﻬام ، شائىر ، سەنەم ، خۇشتار ، ساتار .

24-ئادەملەرنىڭ ئىجابىي خۇسسۇسىيەتلىرى ئاتالغۇلىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
ئەزىمەت ، باتۇر ، قەﻫرىمان ، خىسلەت ، مەردان ، جۈرئەت ، ئالىپ ، غالىپ ، جاسارەت ، قەيسەر ، ئىلغار ، غەيرەت ، جۇشقۇن ، جەسسۇر .

25-قايناق تۇيغۇ ، گۈزەل تىلەكلەر بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
بۇنداق ئىسىملار ﻫەم ئەنئەنىۋى ﻫەم يېڭى تۈسكە ئىگە چىرايلىق ۋە لىرىك بولۇپ ، كىشىگە يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ . گۈزەللىك تۇيغۇسى ، سۆيۈنۈش ﻫېسسى بەخش ئېتىدۇ . مەسىلەن ، سالام ، مۇبارەك ، مەرﻫابا ، ئىقبال ، ئۇلۇغ ، شەۋكەت ، زەپەر ، بەختىيار ، دىلرەبا ، قۇدرەت ، شەرەپ ، مەدەنىيەت ، دىلدار ، قۇتلۇق ، ﻫۇشيار ، ئۇمۈد ، مۇﻫەببەت ، ﻫەدىيە ، شەپقەت ، ئېﻬسان ، ئەقىدە ، نادىر ، پاكزات ، مۇنەۋۋەر ، گۈلروﻫ ، دىلناۋا ، مۇيەسسەر ، يولداش .

26-سىياسىي تۈس ئالغان ئىسىملار
بۇ تۈرگە تالىق ﻫەرقايسى دەۋر تارىخىي باسقۇچلاردىكى چاقىرىق ، پائالىيەت ۋە سىياسىي مۇددىئانىڭ مەﻫسۇلى بولۇپ ، ئۆز مەزگىلىدە مۇئەييەن ئەﻫمىيىتى بولغان . مەسىلەن ، ئازات ، كۈرەش ، ﻫۆرىيەت ، ئەرك ، جەڭگىۋار ، ئادالەت ، كوممۇنا ، جاﻫانگېر ، پىدائىي ، ئىسيان ، دەۋران ، جۇمﻬۇرىيەت ، ئىنقىلاب ، ئىسلاﻫات .

27-كەمسىتىش ، چۆكۈرۈش مەنىسىدىكى ئىسىملار
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى تەركىۋىدىكى بۇنداق ئىسىملارنى ئىككى جەﻫەتتىن چۈشۈنىشكە بولىدۇ ، بىرىنچىدىن ، ئەينى ۋاقىتتا يۇقۇرى تەبىقىدىكى دۆلەتمەنلەر ئۆز تەۋەلىكىدىكى چاكارلار ۋە ياللانما ئەمگەكچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە كەمسىتىش بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ، خورلاپ مەجبۇرى تاڭۈان ئىسىملار ؛ ئىككىنچىدىن ، بەزى ئائىلىلەر ئۆز پەرزەنتلىرىگە كۆز تەگمەيدۇ ، بالا – قازاغا ئۇچرىمايدۇ دەپ ، پەرﻫىز ئىسمىدىكى ئىسىملارنى قويۇشتىن كېلىپ چىققان . ﻫازىر بۇنداق ئىسىملار يوق دىيەرلىك . مەسىلەن ، ئەخلەت ، چاۋار ، قۇل ، زىيادە ، خەستە ، ئۆكتەم ، ئارتۇق ، خامۇش ، پېقىر ، قوراي ، رەقىپ .

28-تىلەك ، ئىلتىجا مەقسىتىدە قويۇلغان ئىسىملار
ئۇيغۇرلار ئۇزاققىچە پەرزەنت كۆرەلمەي ، پەرزەنتلىك بولغاندا ئاللاغا بولغان رازىمەنلىكىنى ئىپادىلەپ ، ئاللا بەردى ، ئىگەمبەردى ، غوجامبەردى ، خۇدابەردى ، ئاللاقۇلى دېگەنگە ئوخشاش ئىسىملارنى قويغان . مەسىلەن ، تۇرغۇن، تۇرسۇن ، تۇردى ، توختاش ، توختىسۇن ، سېتىۋالدى ، تىلىۋالدى دېگەنگە ئوخشاش .

29-چەتئەللەردىن ۋە باشقا مىللەتلەردىن قوبۇل قىلىنغان ئىسىملار
مەسىلەن ، مارىيا ، ئاپرېل ، زويا ، دىنا ، ۋېنىرا ، ئىلدوس ….

30-ئەر – ئاياللار ئورتاق قوللىنىدىغان ئىسىملار
مەسىلەن ، نۇر ، نۇرخان ، نۇرگۈل ، نۇرنىسا ، توختى ،قۇربان ، قۇرباننىسا ، ﻫەمرا ، ﻫەمراجان ……

31-دەبدەبىسىنىلا كۆزدە تۇتۇپ ، مەنىسى بىلەن ﻫېسابلاشماي قوبۇل قىلىنغان ئىسىملار
مەسىلەن ، قىلورە ، ئەلفىرە ، ئالمىرە ، كلارە ، ئىلدانە .

32-ئىش – ﻫەرىكەت ئاتالغۇلىرى بىلەن قويۇلغان ئىسىملار
مەسىلەن ، ئۆسەر ، ئۈزەر ، ﻫايات ، پەرۋاز ، ئۇچقۇر