ياردەمچى سۆزلەرنىڭ گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيىتى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 935 قىتىم
ياردەمچى سۆزلەرنىڭ گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيىتى
1. ياردەمچى سۆزلەر لېكسىكىلىق مەنە ئاڭلاتمايدۇ، گرامماتىكىىلق مەنە ئاڭلىتىدۇ، جۈملە بۆلىكى بولالمايدۇ. ياردەمچى سۆزلەرنىڭ مەنىسى كونكرېت تىل شارائىتىدا روشەنلىشىدۇ.
2. ياردەمچى سۆزلەر تۈرلەنمەيدۇ.
3. بىر قىسىم ياردەمچى سۆزلەر شەكىل جەﻫەتتىن قوشۇمچىغا ئوخشايدۇ، ئەمما تەلەپپۇزدا ئۇرغۇ ئارقىلىق، يېزىقتا تىنىش بەلگىلىرى ئارقىلىق قوشۇمچىلاردىن پەرقلىنىدۇ.
4. «دە، تە، ﻫە» يۈكىلمىلىرى ئالدىنقى سۆزدىن سىزىقچە ئارقىلىق ئايرىلىپ يېزىلىدۇ.
كۆنۈكمە: «-ما، -لا، -غۇ، -ئا» يۈكلىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت جۈملە تۈزۈڭلار.
كۆنۈكمە: «-ما، -لا، -غۇ، -ئا» لارنى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە رولىدا كەلتۈرۈپ سەككىز ياسالما سۆز ياساڭلار.
كۆنۈكمە: «ئەكسىچە» سۆزىنىڭ مۇستەقىل سۆز رولىدا ۋە قارمۇقارشى باغلىغۇچى رولىدا كېلىشىنى جۈملىدە كۆرسىتىڭلار.
كۆنۈكمە: «-تە، -دە، -ﻫە» يۈكلىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە جۈملە تۈزۈڭلار.
ئۈلگە: سىز ئۇسسۇلنى ياخشى ئوينايدىكەنسىز-ﻫە؟
بىلمەي قاپتىمەن-دە!؟ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇق-تە!؟
تەكرارلاش ۋە مەشىق سوئاللىرى
1. تۆۋەندىكىلەرگە جاۋاب بېرىڭلار.
1) قانداق سۆزلەرنى ياردەمچى سۆز دەيمىز؟
2) ياردەمچى سۆزلەرنىڭ رولى نېمىلەردىن ئىبارەت؟
3) تىركەلمە دېگەن نېمە؟
4) باغلىغۇچى دېگەن نېمە؟
5) يۈكلىمە دېگەن نېمە؟
6) يۈكلىمە بىلەن قوشۇمچىنىڭ قانداق پەرقى بار؟
7) ياردەمچى سۆزلەر قانداق گرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە؟
2. تۆۋەندىكى بوش ئورۇنلارنى تولدۇرۇڭلار.
1) ئايرىم تۇرغاندا ___ ئۆز ئالدىغا ___ سۆزلەر ياردەمچى سۆزلەر دەپ ئاتىلىدۇ.
2) تىركەلمىلەر بىلەن مۇستەقىل سۆزلەرنىڭ شەكىلداشلىقى ___،___،___ پەرقلەندۈرىدۇ.
3) «زە» يۈكلىمىسى ___،___بىلدۈرىدۇ.
4) «-ﻫە، -تە، -دە» يۈكلىمىلىرى ئالدىدىكى سۆزلەردىن ___،___،___يېزىلىدۇ.
3. تۆۋەندىكىلەرنى ئوقۇپ چىقىپ، تىرناقنىڭ ئىچىگە توغرىسىغا «√»، خاتاسىغا« ×» بەلگىسىنى قويۇڭلار.
1) ياردەمچى سۆزلەر تۈرلەنمەيدۇ. ( )
2) بەزى ياردەمچى سۆزلەر جۈملە بۆلىكى بولالايدۇ. ( )
3) «گەرچە» سۆزى باغلىغۇچى ئەمەس، قىستۇرما سۆز. ( )
4) بىر قىسىم مۇستەقىل سۆزلەر بەزىدە تىركەلمە رولىدا كېلىدۇ. ( ) مەنبەسى:ئاق تېلەك ماتېريال ئامبىرى