guide
قىممەتلىك مىراس
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
844 قىتىم

    2008 – يىلى ئۆكتەبىردە باي ناﻫىيەسىگە مۇخبىرلىققا بېرىپ ، ئۇ يەرنىڭ قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە مۇۋپپەق كۆردۈم . شۇ كۈنلەردە ناﻫىيەدە ‹‹ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە قول ﻫۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى ›› ئېچىلغانىدى . كۆرگەزمىدە ياتۇر يېزىسىنىڭ مەسە ، چورۇق تىكشنى ئاساس قىلغان موزدوزلۇق خەلق ﻫۈنەر – سەنئىتى ، قېيىر يېزىسىنىڭ قېيىر پالىسى توقۇشنى ئاساس قىلغان موزدوزلۇق خەلق ﻫۈنەر – سەنئىتى ، قېيىر يېزىسىنىڭ قېيىر مەسە ، چورۇق تىكىشىنى ئاساس قىلغان موزدوزلۇق خەلق ﻫۈنەر– سەنئىتى ، قېيىر يېزىسىنىڭ قېيىر پالىسى توقۇشىنى ئاساس قىلغان پالاسچىلىق ، كەشتىچىلىك ﻫۈنەر – سەنئىتى ، سايرام يېزىسىنىڭ سايرام قېتىقىنى ئۇيۇتۇشنى ئاساس قىلغان قېتىقچىلىق كەسپىگە ئوخشاش ئەنئەنىۋى ﻫۈنەر – كەسىپلەر نەق مەيداندا كۆرەك قىلىندى.
   موزدوزلۇق ﻫۈنەر – سەنئىتى
   باي ناﻫىيە ياتۇر يېزا ياتۇر كەنتىدىكى موزدوز ئىشلامتوقى تىككەن كوسەي ( يەرلىك كىشىلەر كۆن – خۇرۇمدىن قولدا تىكىلگەن ئاددىي ئاياغلارنى شۇنداق ئاتايدۇ ) نىڭ داڭقى يىراق – يېقىنغا مەشﻬۇر ئىكەن . بۇ ئاياغ كىيىملىرىنىڭ تىكىلىشى سىپتا ، خۇرۇمى يۇمشاق بولغاچقا ، كىيگەندە ئادەم راﻫەت ﻫېس قىلىدىكەن . ﻫەر يىلى كۈزدە ئىسلام توقىنى ئىزدەيدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىكەن . 81 ياشلىق ئىسلامئاخۇن بوۋاي ياشاڭغىراپ تۇرغان كۆزلىرىنى سۈرتۈپ ، كەكە ساقىلىنى تىتىرىتىپ ئولتۇرۇپ ، يالاڭ چەملىك مەسە ، چورۇقتىن كۈنىگە ئىككى پارەتىكەلەيدىكەن . ئۇنىڭ ئايلىق كىرىمى 2000 يۈەن ئەتراپىدا ئايلىنىدىكەن . بوۋاي ياشىنىپ قاپتۇ ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئاتا مىراس ﻫۈنىرىنى بۈگۈنكى ياشلار ئۆگىنىشكە ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدىكەن .
   ئاتا – بوۋىلىرىمىز كۆچمەن چارۋىچىلىق دەۋرىلىرىدىنتارتىپ ئادەتلەنگەن مەسە ، چورۇق كىيىش ئادىتى بۈگۈنكى زامانىۋى جەمئىيەتتە يوقىلىشقا يۈزلىنىپ ، كوسەيدەك مىللىي ئاياغ كىيىمىمىز تۇرمۇش ئىستېمالىمىزدىن قېلىۋاتقانبولسىمۇ ، ئەمما ئۇيغۇر كىيىم – كېچەكلىرى ۋە ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادىتىنى تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك ئىلمىي قىممەتكە ئىگە .
   سايرام قېتىقى ۋە قېتىقچىلىق
   قېتىق ﻫەممە كىشى بىلىدىغان ۋە ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان يېشىل يېمەكلىك ، دۇنيانىڭ كۆپ قىسم جايلىرىدا قېتىق ئۇيۇتۇش تېخنىكىسى ناﻫايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە . بىزدە قېتىق ﻫەققىدە گەپ بولۇنغاندا ، ﻫەممە كىشى باي ناﻫىيەسىنىڭ سايرام بازىرىدىكى دېﻬقان – چارۋىچىلارئۇيۇتقان قېتىقنى تىلغا ئېلىپ ، ئالاﻫىدە ماختايدۇ . چۈنكى ، سايرام قېتىقىنىڭ رەڭگى ئاق ، قايماقلىق ، قويۇق كېلىدۇ ، تەمى شۇ قەدەر تاتلىقكى ، باشقا جايلاردا ئۇيۇتقان قېتىقتىن ئالاﻫىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ .‹‹ سايرام قېتىقى ›› نامى بىلەن ئەنگە ئالدۇرۇلغان بۇ قېتىق باي ناﻫىيەسىنىڭ ئالاﻫىدە كوزىر مەﻫسۇلاتى بولۇپ ، باي ناﻫىيەسىنىڭ سىرتقا تونۇتۇشتىكى يەرلىك مەﻫسۇلاتتۇر .
   سايرام قېتىقنى ئۇيۇتۇشتا نام چىقارغان تۇراخۇن تۇراپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، سايرام بازىرىنىڭ قېتىق ئۇيۇتۇش تېخنىكىسى ئۇزاق تارىخقا ، ئالاﻫىدە ئۆزگىچىلىككە ، مۇكەممەل بىر يۈرۈش تېخنىكىغا ئىگە ئىكەن . قېتىقچى دېﻬقانلار سۈتنى سېغىۋالغاندىن كېيىن ، سۇس ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتمەي يېرىم سائەت قاينىتىدىكەن ، ئاندىن سۈتنى چىنىلەرگە ئېلىپ سوۋۇتۇپ ، سۈتنىڭ تېمپېراتۇرىسى 30 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشكەندە كۆنەلگۈ سالىدىكەن ۋە چىنىنىڭ ئاغزىنى ياغاچ تاختايلار بىلەن يېپىپ ، پۇختا يۆگەپ ، سەككىز سائەت تۇرغۇزىدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن سايرام قېتىقى تەييار بولىدىكەن . قېتىق ئۇيۇتۇش جەريانى پاكىزلىقنى ، ئەستايىدىللىقنى تەلەپ قىلغاچقا ، ﻫەر كىم مەشغۇلات جەريانى ۋە تەرتىپىگە رىئايە قىلىدىكەن ، تەبىئىيكۆنەلگۈ ئورنىغا سۈنئىي ، خىمىيىلىك نەرسىلەرنى ئىشلىتىشتىن قەتئىي ساقلىنىدىكەن .
   قېيىر پالىسى ۋە پالاس توقۇمىچىلىقى
   قېيىز پالىسى باي ناﻫىيەسىنىڭ قېيىر يېزىسىدىن چىقىدىغان قىممەتلىك خەلق ﻫۈنەر – سەنئەت مىراسى . ئۇنىڭ يەرلىك ئاياللار شۇ يەرنىڭ ئۆسۈملۈكى ، مېنېرالماددىلىرى ماتېرىيال قىلىنغان بوياق بىلەن ساپ يۇڭدىن ئېگىرىلگەن يۇڭ يىپلارنى بوياپ توقۇيدىكەن .
   قېيىر يېزا مىڭبۇلاق كەنتىدىكى پالاس توقۇش ماﻫىرى پەرىدە ياقۇپنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ، پالاس توقۇشقېيىرلىقلارنىڭ ئاتا مىراس كەسپى ئىكەن . پالاس توقۇمچىلىقىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتتىكى قىممىتى يۇقىرى ئىكەن ، ئەڭ مۇﻫىمى ئۇنىڭ بوياق ماتېرىيالى تەبىئىي رەڭ ئىكەن . ﻫازىر قېيىر يېزىسى پەرىدە ياقۇپنى مەسئۇل قىلىپ ، 80 نەچچە بالىنى پالاس توقۇمچىلىقى تېخنىكىسى بىلەن تەربىيلەۋېتىپتۇ . پالاس توقۇمچىلىقى تېخنىكىسى ئاپتونوم رايون بويىچە بويىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپتۇ .
   باي ناﻫىيەلىك مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇرسۇن مۇسانىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، باي ناﻫىيەسى ﻫازىرغا قەدەر غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراس تۈرلىرىدىن 37 نى ئومۇميۈزلبك تەكشۈرۈپ چىقىپتۇ . جەمئىيئالتە تۈرلۈك خەلق مەدەنىيەت مىراسىنى ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە 1 – تۈركۈمدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپتۇ .