توقسۇ خەلقىنىڭ ساتار ياساش ﻫۈنىرى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 1128 قىتىم
توقسۇ ناﻫىيەسى قەدىمدە يىپەك يولىدىكى مۇﻫىم بىر بازار بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈرلۈك مەدەنىيەت–سەنئەت ئامىللىرى ئۆزئارا ئۇچراشقان ﻫەم شەكىللەنگەن. چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش ﻫۈنەر–سەنئىتى ئەنە مەدەنىيەتلەر ئىچىدىكى ئالاﻫىدە جۇلالىنىپ تۇرىدىغان قىممەتلىك بايلىقتۇر. سەنئەتخۇمار توقسۇ خەلقى ئۆز مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك چالغۇ ئەسۋابلار ياساشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ساتار ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.
ساتار — كامانچىلىق چالغۇ بولۇپ، گەۋدىسى بىر ئاز ئۇزۇن، بېشى يېرىم يۇمىلاق بولۇپ، ئۈجمە ياكى ئۆرۈك ياغىچىدا ياسىلىدۇ. ماتېرىيال تاللاش ئىنتايىن مۇﻫىم بولۇپ، دۇتارغا ماتېرىيال تاللاش بىلەن ئوخشاش تەلەپ قويۇلىدۇ. ئومۇمىي ئوزۇنلۇقى 140 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇ مىللىي ئوركىستېردىكى مۇﻫىم چالغۇلارنىڭ بىرى ﻫېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ 12 دانە تارىسى بولىدۇ، ساپ قىسمىغا 18 پەدە ئورنىتىلىدۇ. ئۇ مۇقام ئورۇنلاشتىكى ئاساسلىق چالغۇ بولۇپ، مۇقام ۋە مەشرەپلەردە مۇقەددىمە قىسىمىنى ئورۇنلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا ئۇنى باشلامچى چالغۇ دېيىشكە بولىدۇ. ساتارنىڭ ئەسلى نامى (ئىسىمى) ‹‹سەرتار›› بولۇپ، ‹‹باشلامچى چالغۇ›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۈ. ساتارنى يەككە چېلىشقىمۇ، باشقا ساز بىلەن تەڭكەش قىلىپ چېلىشقىمۇ ﻫەم ئۆزى ناخشا ئېيتىپ ئۆزى چېلىشقىمۇ بولىدۇ.
ساتارنى ياساش تەمبۇرغا ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇ ئاۋاز (سادا) قايتۇرۇش، باش، ساپ، كامالچە، بۇلبۇلەك (خارەك)، ئاساسىي تار قاتارلىق بۆلەكلەردىن تەركىب تاپىدۇ. باش قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 47 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 18 سانتىمېتىر بولۇپ، ئۈقمە ياغىچىدا ياسىلىدۇ. باش قىسمىنى ياساشتا ئالدى بىلەن بىر دانە ئۈجمە ياغىچىنى ئۆلچەم بويىچە يېرىم يۇمىلاق شەكىلدە تەييارلاپ، ئاندىن يۈز قىسىمىدىن باشلاپ ئۇيۇپ، چۆمۈچكە ئوخشاش تەييارلاپ، يۈزىگە ئاۋاز ئۆتكۈزۈشچانلىقى يۇقىرى بولغان ئۈجمە ياغىچىدىن يۈزلۈك تەييارلاپ، يۇمىلاق شەكىللىك يۈزىگە يەملىنىدۇ. ساپ قىسمى بىلەن باش قىسمى تۇتاشتۇرۇلىدىغان بۆلىكى ۋورۇنكا شەكىلدە تەييارلىنىدۇ، ئاندىن ساپ قىسمى ئۇزۇنلۇقى ۋە توملۇقى ماسلاشتۇرۇلۇپ تۇتاشتۇرۇلىدۇ. باش قىسمىنىڭ يۈزىگە ‹‹T›› شەكىللىك بىر دانە بۇلبۇلەك (ياكى خارەك) ئورنىتىلىدۇ. ساپ قىسىمىنىڭ يۈزىگە 18 دانە پەدە قويۇلىدۇ ۋە ساپ قىسىمىغا 12 دانە ئايرىم-ئايرىم ﻫەربىر تار ئۈچۈن بىردىن خارەك ئورنىتىلىدۇ ﻫەم ساپنىڭ سول يان تەرەپكە تەلەپ بويىچە ﻫەر بىر تار ئۈچۈن بىردىن قۇلاق تەرتىپلىك ئورنىتىلىدۇ. ساتارنىڭ بىرىنچى سىمى ئاساسلىق چېلىنىدىغان تار بولۇپ، ئاساسىي مېلودىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ياكى كامالچە ئاساسلىق سۈركەپ چېلىنىدۇ. قالدى تارلىرى بولسا ئەكس سادا قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ساتارنىڭ ساپ قىسمىنىڭ يۈزى، ئارقىسى، يان تەرەپلىرى ۋە باش، بوغۇز قىسمىنىڭ ئارقا، يان، بويۇن قىسمىغا ئۇستىخاندىن ياكى بىرىكمە سۇلياۋدىن ئۆزگىچە نەپىس گۈللەر قويۇلىدۇ. شۇڭا ئۇ خاس مىللىي چالغۇ بولۇپلا قالماي بەلكى، نەپس ئىشلەنگەن ﻫۈنەر-سەنئەت بۇيۇمىدۇر.