توقسۇ خەلقىنىڭ راۋاب ياساش ﻫۈنىرى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 713 قىتىم
توقسۇ ناﻫىيەسى قەدىمدە يىپەك يولىدىكى مۇﻫىم بىر بازار بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈرلۈك مەدەنىيەت–سەنئەت ئامىللىرى ئۆزئارا ئۇچراشقان ﻫەم شەكىللەنگەن. چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش ﻫۈنەر–سەنئىتى ئەنە مەدەنىيەتلەر ئىچىدىكى ئالاﻫىدە جۇلالىنىپ تۇرىدىغان قىممەتلىك بايلىقتۇر. سەنئەتخۇمار توقسۇ خەلقى ئۆز مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك چالغۇ ئەسۋابلار ياساشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. راۋاب ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.

ئۇيغۇر چالغۇسى — راۋاب (پولات ئابدۇكېرىم خوجا فوتوسى)
راۋاب — كۆپىنچە ئۈجمە، ئۆرۈك، ياڭاق ياغىچىدا ياسىلىدۇ. سىرتقى شەكلى ئالاﻫىدە بولۇپ، قۇلاق ۋە قۇلاق ئورنى، راۋاب بېشى (ئەكس سادا قاپقىقى)، دەستە (ساپ)دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. بېشىنىڭ ئىككى تەرىپىگە مىللىي ئالاﻫىدىلىك نامايەن قىلىنغان قوچقارنىڭ بىر جۈپ مۈڭگۈزىنىڭ شەكلى ياسىلىپ ئورنىتىلىدۇ، بۇ راۋاۈنىڭ ﻫۆسنىگە زىننەت بېغىشلايدۇ. راۋابنىڭ يۈزىگە ئات ياكى ئىشەك تېرىسى كېرىلىدۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك راۋابلارغا ئاساسەن، يىلان تېرىسى كېرىلىدۇ. راۋابنىڭ ئادەتتە بەشتىن يەتتىگىچە تارىسى بولىدۇ. راۋابمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تاجىك مىللەتلىرى ئارىسىدا بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان چالغۇ بولۇپ، زەخمەك بىلەن چېكىپ چېلىنىدۇ. راۋابنى يەككە چېلىشقا، باشقا چالغۇلار بىلەن تەڭكەش قىلىشقا، ئۆزى چېلىپ ئۆزى ناخشا ئېيتىشقا ﻫەم ئۇسسۇلغا تەڭكەش قىلىشقا ﻫەم سەپەردە كېتىۋېتىپ (پىيادە ياكى ئات ئۈستىدە) چېلىشقىمۇ بولىدۇ.

ئۇيغۇر چالغۇسى — راۋاب (قۇربان سابىر فوتوسى)
راۋابنىڭ باش قىسمى يېرىم شار شەكلىدە بولۇپ، دىيامېتىرى 15 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ، ئۇ ياغاچتىن ئىچىنى ئۇيۇپ، چۆمۈچ شەكىلگە كەلتۈرۈپ ياسىلىدىغان چالغۇ بولۇپ، ساپ قىسىمىغا 20 دانە پەدە ئورنىتىلىدۇ، بەشتىن يەتتىگىچە پولات سىمدىن تارا سېلىنىدۇ. ئاستىنقى ئىككى تال تارىسى d، قالدى ئۈچ تال ياكى بەش تال تارىسى daa ,daaaa ئاۋازغا تەڭشىلىدۇ. ئالدىنقى (ئاستىنقى) تارىسى مېلودىيە ئورۇنلاش ئۈچۈن، قالغان تارىلىرى سادا قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل راۋابنىڭ ئاۋازى ياڭراق، جۇشقۇن بولۇپ، ئۆزگىچە گۈزەل ئاۋاز چىقىرىدۇ. راۋاب ئازسانلىق مىللەت خەلقلىرى ياخشى كۆرىدىغان چالغۇ بولۇپ قالماستىن، ئۇيغۇر سەﻫنە ۋە ئەل ئىچى سەنئىتىدە ناﻫايىتى مۇﻫىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭدا باشقا مىللەتلەرنىڭ مۇزىكىلىرىنىمۇ ئورۇنلىغىلى بولىدۇ. ﻫازىر ئۇنىڭ نەپس ئىشلەنگەن ﻫەم كىچىكلىتىلگەن شەكىللىرىمۇ ياساپ چىقىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ پولات تارىلىرى ئوخشاشلا ئاۋاز چىقىرالايدىغان بولغاچقا، (گەرچە ئورۇنلاشقا ماس كەلمىسىمۇ) باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىكى سەنئەتخۇمار كىشىلەر ئۇنىڭدىن ﻫۇزۇرلىنىدۇ ۋە ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا دوستلار ئارا سوۋغا قىلىدىغان قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇمى بولۇپ ﻫېسابلىنىدۇ. مەيلى قايسى شەكلى بولسۇن ناﻫايىتى يۇقىرى سەنئەت قىممىتىگە ئىگە.