تەمبۇر
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 966 قىتىم
توقسۇ ناﻫىيەسى قەدىمدە يىپەك يولىدىكى مۇﻫىم بىر بازار بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈرلۈك مەدەنىيەت–سەنئەت ئامىللىرى ئۆزئارا ئۇچراشقان ﻫەم شەكىللەنگەن. چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش ﻫۈنەر–سەنئىتى ئەنە مەدەنىيەتلەر ئىچىدىكى ئالاﻫىدە جۇلالىنىپ تۇرىدىغان قىممەتلىك بايلىقتۇر. سەنئەتخۇمار توقسۇ خەلقى ئۆز مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك چالغۇ ئەسۋابلار ياساشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. تەمبۇر ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.
تەمبۇر — ئۇزۇن دەستىلىك چالغۇ بۇلۇپ، مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار ئىچىدە دەستىسى بىر قەدەر ئۇزۇن چالغۇلارنىڭ بىرى ﻫېسابلىنىدۇ. ئومۇمى ئوزۇنلۇقى 140 سانتىمېتىر، باش قىسمى يېرىم يۇمىلاق شەكىلدە (يېرىم نوگايغا ئوخشايدۇ ). ئاساسلىقى ئۈجمە ياغىچىدا ياسىلىدۇ. تەمبۇر ياساشتىمۇ ماتېرىيال تاللاش ئىنتايىن مۇﻫىم بولۇپ، خۇددى دۇتارغا ماتېرىيال تاللىغاندەك تەلەپ قويۇلىدۇ. تەمبۇر بەش تارىلىق چالغۇ بولۇپ (بەش تال پولاتسىم تار قىلىپ سېلىندۇ). ئاۋازى ئاجايىپ مۇڭلۇق، ئەكس سادالىق، يۇقىرى تەسىرچانلىققا ئىگە چالغۇدۇر. تەمبۇر كۆپىنچە ‹‹مۇقام›› ۋە مەشرەپلەردە يالغۇز ياكى باشقا چالغۇلار بىلەن تەڭكەش قىلىنىدۇ، يەنە تەمبۇرنى چالغۇچى ئۆزى چېلىپ ئۆزى ناخشا ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ.

نەپس ياسالغان تەمبۇر
تەمبۇر بارماق بىلەن چېكىپ چالىدىغان چالغۇ بولۇپ، سىرتقى شەكلى، دەستىسى ئۇزۇن يېرىم نوگايغا ئوخشايدۇ. ئۈجمە، ياڭاق ياغىچىدا ياساشقا بولىدۇ. بېشىنىڭ ئىچكى قىسمى ئۇيۇپ ياكى ياغاچ تالالاردىن يەملەپ، يۈزىگە ئاۋاز ئۆتكۈزۈشچانلىقى يۇقىرى بولغان، يەنى ئۈجمە ياغىچىنىڭ يۈرەك قىسىمىدىن سەل يىراق بولغان ياغاچتىن يۈزلۈك تەييارلاپ، چۆمۈچ شەكىللىك يۈزىگە يەملەپ ياسىلىدۇ. باش قىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 45 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 17 سانتىمېتىر، باش بىلەن ساپ قىسمى تۇتاشتۇرۇلىدىغان بۆلىكى ۋورۇنكا شەكلىدە بولىدۇ. تەمبۇر بېشىنىڭ يۈز قىسمىغا بىر دانە خارەك (بۇلبۇلەك) ئورنىتىلىدۇ. ساپ قىسمىغا 33 دانە پەدە ئورنىتىلىدۇ. ساپنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغا يەنە بىر دانە خارەك، بەش دانە قۇلاق ئورنىتىلىدۇ. ئاندىن دۇتارغا ئوخشاش ناﻫايىتى نەپىس گۈللەر بىلەن بېزىلىدۇ ۋە سىلىقلاپ سىرلىنىدۇ ﻫەمدە بەش تال پولات سىم تار سېلىنىدۇ. ئاستىنقى بىر جۈپ تارىسى مېلودىيە ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، قالدى ئۈچ تال تارىسى قوشۇمچە ئاۋاز، يەنى ئەكس سادا قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. تەمبۇرمۇ دۇتارغا ئوخشاش كەڭ ئىستېمالغا ئىگە.(تامام)