guide
توقسۇ خەلقىنىڭ مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش ﻫۈنەر-سەنئىتى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
933 قىتىم
    مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش ﻫۈنەر–سەنئىتى توقسۇ ناﻫىيەسىدە نەچچە ئەسىردىن بۇيان، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەن.
    توقسۇ ناﻫىيەسى قەدىمكى كۈسەن خانلىقى تەۋەسىدىكى مۇﻫىم بىر يۇرت بولۇپ، مىلادىيە 13-ۋە 15-ئەسىرلەردە قەدىمكى كۈسەن خانلىقىنىڭ مەركىزى بولغان كۇچا ناﻫىيەسىدىن چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش ﻫۈنەر–سەنئىتى توقسۇغا كىرگەنلىكى مەلۇم. ‹‹كۈسەن مەدەنىيىتى››نىڭ شاﻫىدى بولغان قىزىل مىڭئۆي تام رەسىملىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى دېﻬقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق، سودا، قول-ﻫۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. يېمەك-ئىچمەك جەﻫەتتە بۇغداي، قوناق، گۈرۈچ، چارۋا گۆشى، سۈت، قېتىق، قايماق ... قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلغان، كىيىم-كېچەك جەﻫەتتە چارۋا مەﻫسۇلاتلىرىنىڭ تېرىلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ كىيگەن ۋە ئىپتىدائىي ﻫالەتتىكى باربىت، قالۇن، راۋاب، داپ، دۇتار، دۇمباق، ناغرا، سوناي، پەنجىتار... قاتارلىق چالغۇلارنى ياساپ چېلىپ كەلگەن. ئومۇمەن، ئۇيغۇرلار ‹‹مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ياساش ﻫۈنەر-سەنئىتى››گە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ﻫازىرقى زاماندىكى كۆركەم، ئاۋازى ئۆزگىچە يېقىملىق مىللىي چالغۇلىرىنى روياپقا چىقارغان.

    خەلق سەنئەتكارلىرى نەغمە قىلماقتا
    ئىلگىرى توقسۇ ناﻫىيەسىنىڭ يۇلتۇزباغ بازىرى ۋە ئىچىئېرىق يېزىسىدىكى بىر قىسىم قول-ﻫۈنەرۋەن ئۇستىلىرى ئۇستازلىرىدىن ئۆگەنگىنى بويىچە، سىدام (ﻫېچقانداق گۈل ۋە رەڭگىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارمىغان) دۇتار، تەمبۇر، ساتار، راۋاب، داپ قاتارلىق چالغۇلارنى ئۈجمە ياغىچىدىن ياساپ كەلگەن ﻫەمدە كېيىنكىلەرگە مىراس قالدۇرۇش ئۈچۈن، شاگىرت تەربىيەلىگەن. ۋەكىللىك ۋارىسلاردىن ئىسمائىل يۇنۇس 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇستازى (ﻫاپىز نامان) دېگەن كىشىدىن مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساشنى ئۆگىنىپ، ﻫازىرقى ﻫايات بار شاگىرتلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن. ئىسمائىل يۇنۇس 1960-يىللارغا كەلگەندە ئوغلى نۇردۇن ئىسمائىل، قوشنىسى ﻫېيت ئىمىن، قايۇم قادىر، يۇلتۇزباغ بازىرىنىڭ قۇمكۆل كەنتىدىكى راشى قوشاق، ئۈچقات يېزىنىڭ ئازنابازار كەنتىدىكى نىياز ئاقيول قاتارلىق شاگىرتلارنى تەربىيەلەپ ۋارىس قالدۇرغان. ﻫازىر ناﻫىيە تەۋەسىدە ئىچىئېرىق يېزا جاي كەنتىدىن نۇردۇن ئىسمائىل، ﻫېيت ئىمىن، قايۇم قادىر، ئۈچقات يېزىسىنىڭ ئازنابازار كەنتىدىن نىياز ئاقيول، توقسۇ بازىرىدىن ﻫىمىت ئىدرىس، ناﻫىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن ئوسمان ناسىر قاتارلىق 125 كىشىدىن ئارتۇق مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش ۋارىسلىرى (ئۇستىلىرى) بار. بۇلار ئارىسالدى ۋاقىتلاردا ﻫەرخىل مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئائىلە ئىقتىسادىنى ياخشىلاپلا قالماي، بەلكى مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش تېخنىكىسىنىمۇ خېلى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزگەن. ﻫازىر بۇلارنىڭ ﻫەربىرى يىلىغا ئوتتۇرا ﻫېساب بىلەن 100 دىن ئارتۇق مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساپ، ناﻫىيە بازىرى ۋە شىنجاڭنىڭ ﻫەرقايسى جايلىرىغا سېتىپ چىقارماقتا، ئۇلار ياسىغان چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە باﻫاسى 300 يۈەندىن 2500 يۈەنگىچە بولماقتا. ئۇلار ياسىغان مىللىي چالغۇ ئەسۋابلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋالىدىغان چالغۇ بۇيۇمىغا ئايلىنىپلا قالماي يەنە، بۇ خىل چالغۇلارنىڭ كىچىكلىتىلگەن شەكىللىرى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى مەدەنىيەت-سەنئەت ﻫەۋەسكارلىرىنىڭ ئائىلىلىرىدە ئەتىۋارلاپ ساقلايدىغان قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتارلىق دولەتلەردىكى سەنئەتخۇمار خەلقلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان قىممەتلىك چالغۇ بۇيۇملىرى بولۇپ قالدى.

    ئۇستىلار چالغۇ ئەسۋاب ياسىماقتا

    چالغۇ ياساشتا ئىشلىتىلىدىغان سايمانلار
    ئەگرى سىزغۇچ (بولۇڭ ئۆلچەش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سىزغۇچ)، چوت، ﻫەرە (چوڭ-كىچىك بولۇپ، ئىشلىتىش ئورنىغا ئاساسەن تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، تۈرى بەش خىلدىن ئاشىدۇ)، پىچاق، رەندە (جىياق رەندىسى، ياپسا رەندىسى، كالتە رەندە، مۇش رەندە، ۋاسا رەندە، كىچىك رەندە قاتارلىقلار)، ئۈشكە، قاتارلىقلار چالغۇ ياساشتىكى ئاساسلىق قوراللار ﻫېسابلىنىدۇ.
    ئۈجمە ياغىچى، ئۆرۈك ياغىچى، ياڭاق ياغىچى، سۆڭەك (ئات، كالىنىڭ قۇۋرۇغا سۆڭىكى، كالا مۈڭگۈزى، سۇلياۋ، بىرىكمە ماتېرىيال، يىلىم (ياغاچ يەملەشتە ئىشلىتىلىدىغان يىلىم) تار، تېرە (ئات، ئېشەك، يىلان تېرىسى) قاتارلىقلار چالغۇ ياساشتىكى ئاساسلىق ماتېرىياللار ﻫېسابلىنىدۇ.
    چالغۇلارنىڭ ئالاﻫىدىلىكىنى تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىدىن چۈشىنىشكە بولىدۇ:
    (1) ماتېرىيال جەﻫەتتىكى ئالاﻫىدىلىكى: دۇتار، تەمبۇر، راۋاب، ساتار، داپ قاتارلىقلارغا ماتېرىيال تاللاش ۋە ياساشتا ئوخشاشلا قاتتىق تەلەپ قويۇلىدىغان بولۇپ، ئۈجمە، ئۆرۈك، ياڭاق ياغىچى تاللىنىپ، گۈل-گۈلى بويىچە تەييارلاپ ئىشلىتىلگەچكە، سىرتقى شەكلى كۆركەم بولۇپ، ئالاﻫىدە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.
    (2) مەدەنىيەت جەﻫەتتىكى ئالاﻫىدىلىكى: ئۇلار مىللىي چالغۇ بولۇش ئالاﻫىدىلىكى بىلەن ئائىلىلەردە، مۇراسىملادا، ﻫەرخىل ئاممىۋى يىغىلىش ۋە كۈڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ. چوڭلار، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئورتاق ئىشلىتىشىگە ماس كېلىشتەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
    (3) ﻫۈنەر-سەنئەت جەﻫەتتىكى ئالاﻫىدىلىكى: مىللىي چالغۇلارنى ياساش خەلق ئىچىدە بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ماتېرىيالىمۇ خەلق ئىچىدىن چىقىدۇ. ياساش ئۇستىلىرىمۇ خەلق ئىچىدە بولۇشتەك خەلقچىللىق ئەنئەنىسىگە ۋە قويۇق يەرلىك ئالاﻫىدىلىكىگە ئىگە. شەكىل جەﻫەتتە ئومۇملاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
    (4) مەﻫسۇلات جەﻫەتتىكى ئالاﻫىدىلىكى: ئەنئەنىۋى قول ﻫۈنەر-سەنئەت خاراكتېرىگە ﻫەم ۋارىسچانلىققا ئىگە، ﻫەم قەدىمكى بىلەن ﻫازىرقى زامان تېخنىكىسى بىر گەۋدىلەشكەن، ﻫەم قەدىمىيلىكنى روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان قىممەتلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك بۇيۇملۇق خاراكتېرىگە ئىگە. ئۇ يەنە مىللىي چالغۇ بولۇش سۈپىتى بىلەن يەككە چېلىشقا، باشقا چالغۇلار بىلەن تەڭكەش قىلىپ چېلىشقا ماس كىلىدىغان ئۇنىۋېرساللىققا، مەنىۋى گۈزەللىككە ۋە نەپس ﻫۈنەر-سەنئەت ئالاﻫىدىلىكىكە ئىگە.

    توقسۇدىكى ئۇستىلار ياسىغان تۈرلۈك چالغۇلار
    ئومۇمەن، دۇتار، تەمبۇر، راۋاب، داپلار مىللىي چالغۇ ئەسۋابى بولۇش ئالاﻫىدىلىكى بىلەن، توقسۇ ناﻫىيەسىنىڭ قىممەتلىك خەلق مەدەنىيەت مىراسى سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇنى قېزىش، قۇتقۇزۋېلىش، قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش نۆۋەتتە مۇﻫىم ئەﻫمىيەتكە ئىگە. 2000-يىلىدىن بۇيان، توقسۇ ناﻫىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى ۋە توقسۇ ناﻫىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى ئىچىئېرىق يېزا جاي كەنتىدىكى دېﻬقانلارنىڭ مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش قول ﻫۈنەر-سەنئىتىنى تەكشۈرۈپ–تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئۇنى قول ﻫۈنەر–سەنئەت تۈرىگە كىرگۈزۈشنى بېكىتتى. يەنە كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەتتىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا بۇ ﻫەقتە تەجرىبە–تەتقىقات دوكلاتى تەييارلاپ، ئۇنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە كىرگۈزۈشكە يوللىدى.
    2006-يىلى توقسۇ ناﻫىيەلىك غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشقا رەﻫبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، قول ﻫۈنەر-سەنئەت تېخنىكىسى ۋارىسلىرىنىڭ ئاغزاكىي بايانلىرىنى ئۈنگە ئېلىش، خاتىرىلەش ۋە سىنئالغۇغا ئېلىپ، VCD ياكى DVD پىلاستىنكىسى قىلىپ ئىشلەش ئارقىلىق بۇ خىزمەتكە بولغان رەﻫبەرلىكنى كۈچەيتتى ﻫەمدە كۆپ قېتىم چوڭ تىپتىكى خەلق قول ﻫۈنەر-سەنئىتى بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇردى. ئىچىئېرىق يېزىسنىڭ جاي كەنتىنى مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش كەنتى، ئالاﻫىدە كەنت ﻫەمدە مۇﻫىم قوغدىلىدىغان رايون قىلىپ بېكىتىپ، بۇ كەنتنى ئەسلى خۇسۇسىيىتى بۇيىچە قوغداش كۈچەيتىلدى. جاي كەنتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇﻫىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، تەرتىپكە سېلىش، ياخشىلاش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئېلىپ باردى ﻫەمدە بۇنىڭغا ناﻫىيە مالىيەسىدىن 220 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىلدى.

    ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى (پولات ئابدۇكېرىم خوجا فوتوسى)
    ناﻫىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئارقىلىق مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ياساش ﻫۈنەر-سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ تەكتىنى ئېنىقلاپ، مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرىنى ياساش تېخنىكىسى ماتېرىيال ئامبىرى قۇرۇپ چىقتى. مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش تېخنىكىسى بويىچە مۇﻫاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، كەسىپكە ئېتىبار بېرىش، قوغداش ۋە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتتى. مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش ۋارىسلىرىنى تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇپ، خەلق ئىچىدە بىر تۈركۈم ۋارىسلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى ﻫەمدە مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش ئۇستىلىرىغا ياردەم پۇلى بېرىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ. ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىدى.
    بۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتە، توقسۇ ناﻫىيەسىنىڭ مىللىي چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش كەسپى كۆلەملىشىش ۋە كەسىپلىشىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە .