ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سېۋەت توقۇش ﻫۈنىرى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 914 قىتىم

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا، قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ ﻫايات كەچۈرۈش جەريانىدا، چارۋىچىلىق، دېﻬقانچلىق ۋە قول ﻫۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ، ياغاچ، تاش، سۆڭەك ۋە ﻫەرخىل مېتاللاردىن پايدىلىنىپ، تۈرلۈك قورال-ياراغ، ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساشنى، شۇنداقلا خېلى بۇرۇنلا ﻫايۋانلارنىڭ يۇڭى، كەندىر، زىغىر پاخىلى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، رەخت توقۇپ كىيىم قىلىپ كىيىشنى، ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىپ، ﻫەر تۈرلۈك تورمۇش بۇيۇملىرىنى ياساشنى ئۆگىنىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تېگىشلىك تۆﻫپىلەرنى قوشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سېۋەت توقۇش ﻫۈنىرى سەنئىتى ئۆزگىچە ئالاﻫىدىلىككە ئىگە بولۇپ، قەدىمكى زامانلاردىن بۇيان، ئۇلار يۇلغۇن، تال-توغراق ۋە سۆگەت قاتارلىق غولى بىر قەدەر ئەۋرىشىم بولغان دەرەخلەرنىڭ چىۋىقلىرى (ئۇششاق غوللىرى)دىن پايدىلىنىپ، ﻫەرخىل سېۋەتلەرنى توقۇپ تۇرمۇشتا ئىشلىتىپ كەلگەن. ئۇلار توقۇپ، ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان سېۋەتلەرنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1. توغرا سېۋەت
بۇ خىل سېۋەت ئاساسلىقى يۇلغۇن چىۋىقىدا چوڭ-كىچىك قىلىپ توقۇلىدىغان بولۇپ، شەكلى توغرىسىغا ئۇزۇنچاق، قاپ ئوتتۇرىسىغا سۆگەت بادىرسىدىن قىلىنغان يايى شەكىللىك باغ بېكىتىلگەن بولىدۇ. ئۇ، چوڭ-كىچىك قىلىپ توقۇلىدىغان بولۇپ، ئوت-چۆپ ۋە باشقا نەرسە-كېرەكلەرنى كۆتۈرۈپ مېڭىشقا ئەپلىك كېلىدۇ، كىچىكلىرى ئۆرۈك سېۋىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
2. ئاياغلىق سېۋەت
بۇ خىل سىۋەت ئاساسلىقى يۇلغۇن چىۋىقىدا يۇمىلاق شەكىلدە توقۇلىدىغان بولۇپ ، بۇ ئاساسلىقى ﻫايۋانلارغا ئوت-چۆپ ۋە يەم-خەشەك (ﻫەلەپ) بېرىش قاتارلىق ئىشلاردا پايدىلىنىشقا بەكمۇ باپ كېلىدۇ.
3. قاپقاقلىق سېۋەت
بۇ خىلدىكى سېۋەت ئاساسلىقى تال-توغراق چىۋىقىدا ، يۇمىلاق شەكىلدە ، چىۋىن قاتارلىق زىيانداش ﻫاشاراتلار كىرەلمىگۈدەك دەرىجىدە قېلىن توقۇلۇپ، قاپ ئوتتۇرىسىغا ﻫىم كەلگۈدەك تۇۋاق قىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۆرۈشىدىن تۇتىدىغان باغ چىقىرىلىدۇ.بۇنى ئەجدادلىرىمىز نان ، گۆش-ياغ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ساقلاشتا پايدىلانغان.
4. قوشۇقلۇق سېۋەت
بۇ ئىنتايىن ئەۋرىشىم ﻫەم ئۇششاق تال-توغراق چىۋىقىدا توقۇلىدىغان سۈپىتى ئۆزگىچە سېۋەت بولۇپ، شەكلى يۇمىلاق، ﻫەجىمى كىچىكرەك، ئۆزىنىڭ ئۆرۈشىدىن باغ چىقىرىپ توقۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن ئاتا-بوۋىلىرىمىز تاماق يېيىشتە پايدىلىنىدىغان قوشۇق قاتارلىق ئاشخانا سايمانلىرىنى ساقلاشتا پايدىلانغان بولغاچقا، شۇڭا ئۇ ‹‹قوشۇقلۇق›› سېۋەت دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.
5. تەۋەڭ
بۇ خىلدىكى سېۋەت يۇلغۇن، تال-توغراق، سۆگەت قاتارلىق دەرەخلەنىڭ چىۋىقلىرىدا توقۇلىدىغان بولۇپ، شەكلى تۈز ﻫەم چوڭ لېگەنگە ئوخشاش توقۇلىدۇ.ئۇنى ئاساسلىقى ناۋايلار تونۇر بېشىدا نان قويۇپ ساقلاش، بازارلاردا قولى ياكى بېشىدا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ نان سېتىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىپ كەلگەن.
6. سۈكەن
بۇ خىلدىكى سېۋەت بىر نەچچە تال، ئۇزۇنلىقى 70-80 سانتىمېتىر كېلىدىغان سۆگەت بادرىسىنى ئۆرۈش قىلىپ، يۇلغۇن ياكى سۆگەت چىۋىقىدا ئاستى تارراق، ئۈستى كەڭرەك تىراپىتسىيە شەكلىدە توقۇلىدىغان يەنە بىرخىل سېۋەت بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز بۇنى ئاساسلىقى ئېشەكلەرگە بىر جۈپتىن قىلىپ ئارتىپ، مېۋە-چېۋە قاچىلاپ يۆتكەشتە ئىشلىتىپ كەلگەن. ئەپسۇس، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قاتناش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە مېۋە-چېۋە قاچىلايدىغان نەرسىلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى نەتىجىسىدە بۇ خىل سېۋەت ئۆز رولىنى يوقاتتى.
7. باداڭ سېۋەت
بۇ خىل سېۋەتمۇ ئوخشاشلا يۇلغۇن چىۋىقىدا ئېگىزلىكى تەخمىنەن بىر مېتىردىن 1.5 مېتىرغىچە ، ئاستى ، ئۈستى چەمبەر شەكلىدە توقۇلىدىغان بولۇپ، بۇنى ئەجدادلىرىمىز ئاشلىقلارنى بىخەتەر ساقلاشتا ئىشلىتىپ كەلگەن. شۇڭا كونىلارنىڭ ‹‹ئاشنى باداڭدىن سوراڭ، ئىشنى كاداڭدىن (سوراڭ) ›› دېگەن ماقالىمۇ شۇنىڭدىن قالغانمىش.
8. خامان سېۋىتى
بۇ دەرەخنىڭ ئۇششاق چىۋىقلىرىدا ئاياغلىق سىۋەتنىڭ شەكلىدە ﻫايۋانلارنىڭ تۇمشۇقى پاتقۇدەك قىلىپ توقۇلۇپ، خامان ئېلىش ۋاقتىدا خامانغا قوشۇلغان ﻫايۋانلارنىڭ بۇغدايلارنى يەپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تۇمشۇقىغا كەيدۈرۈپ قويۇلىدىغان بىر خىل سېۋەت بولۇپ، ﻫازىر خامان ئېلىش ئىشلىرىنىڭ ماشىنىلىشىشىغا ئەگىشىپ بۇ خىل سېۋەتمۇ ئاساسىي جەﻫەتتىن ئۆز رولىنى يوقاتتى.
9. باسماق سېۋەت
بۇ خىل سېۋەتنىڭ ئاستى تار، ئاغزى تەرىپى كەڭ قىلىپ، تىراپىتسىيە شەكلىدە ئېﻬتىياجىغا قاراپ، تومراق چىۋىقلاردا چوڭ-كىچىك قىلىپ توقۇلىدىغان بىر خىل سېۋەت بولۇپ، ئېغىز ئايلانمىسىنىڭ ئەتراپىغا توخۇ، كەپتەرلەرنىڭ بېشى پاتقۇدەك تۆشۈكچىلەر قويۇلىدۇ. بۇ سېۋەتنى دۈم كۆمتۈرۈپ، توخۇ، كەپتەر قاتارلىق ئۆي قۇشلىرىنى بېقىشتا ئىشلىتىپ كەلگەن.
10. كۈۋۈك سېۋەت
بۇ خىلدىكى سېۋەت ئاياغلىق سېۋەتكە ئوخشاش، كىچىك ﻫەم پاكار، پەتنۇس شەكلىدە توقۇلىدىغان بولۇپ، مەخسۇس كەپتەرخانىلاردا كەپتەرلەرنىڭ ئۇۋا ياسىشى ئۈچۈن قويۇپ بېرىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەجدادلىرىمىز دەرەخنىڭ ئۇششاق غوللىرىدىن پايدىلىنىپ، زەمبىل، چويلا قاتارلىق نەرسىلەرنى توقۇپ تۇرمۇشتا ئىشلىتىپ كەلگەن بولۇپ، ﻫازىر جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل تۇرمۇش بۇيۇملىرىمىز ئاستا-ئاستا مودىدىن قالماقتا.(تامام)