guide
يېڭىسار پىچىقى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
739 قىتىم
 
    10-ئاۋغۇست، ناﻫىيە بازىرىدىكى«شەمشەر» ماركىلىق يېڭىسار پىچاقلىرى دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ئابدۇۋاﻫىت ئابدۇخالىق خېرىدارلارغا پىچاقلىرىنى تونۇشتۇرماقتا
    * ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر راشىدىن خەۋىرى، فوتوسى: يېڭىسار ناﻫىيە «شەمشەر» پىچاقلىرى دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ئابدۇۋاﻫىت ئابدۇخالى بۇلتۇر يىل بېشىدىن بۇ يىل ئاۋغۇستنىڭ بېشىغىچە، 8000 دانىدىن ئارتۇق پىچاقنى سېتىپ چىقىرىپ، 110 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ساپ كىرىم قىلدى.
    ئىگىلىنىشىچە، يېڭىسار پىچىقى «دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەندىن بۇيان، بۇ ناﻫىيە ساياﻫەتچىلىك كەسپىلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭىسار پىچىقىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەسىرىنى زورايتقانلىقتىن، ناﻫىيە بويىچە پىچاقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي ئائىلە 400 گە، ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سالغان تۈرلۈك ماركىدىكى پىچاق نۇسخا تۈرلىرى 70 خىلدىن ئاشقان.(تامام)