guide
كەشتىچىلىك كۇرسانتلىرى شياڭشيۇ كەشتىچىلىكىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
711 قىتىم
     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن 2012-يىللىق كەشتىچىلىك تايانچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدىكى كۇرسانتلار 14-دېكابىردىن باشلاپ خۇنەن ئۆلكىسىدىكى ئۆگىنىش ۋە ئېكىسكۇرسىيە پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى. خۇنەننىڭ شياڭشيۇ كەشتىچىلىكى مەملىكەت ئىچى ۋە دۇنياغا داڭلىق بولۇپ، شياڭشيۇ كەشتىچىلىكىدە كەشتىلەنگەن ئەسەرلەر ئۆزىنىڭ كۆركەم نەپىسلىكى بىلەن داڭق چىقارغان. شىنجاڭنىڭ ﻫەر قايسى جايلىرىدىن تاللاپ كېلىنگەن 45 نەپەر كۇرسانت خۇنەن شاپىڭ كەشتىچىلىك تەتقىقاتخانىسى ۋە شياڭشيۇ كەشتىسى كۆرگەزمىخانىسى قاتارلىق جايلاردا شىياڭشيۇ كەشتىسىنىڭ تىكىلىش جەريانىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ۋە شۇ جايدىكى كەشتىچىلىك ئۇستىلىرى بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.
  
خۇنەن شاپىڭ كەشتىچىلىك تەتقىقاتخانىسى


    كۇرسانتلار كەشتىچىلىك تەتقىقاتخانىسىدا ئەستايىدىل لېكسىيە ئاڭلاپ خاتىرە قالدۇرماقتا
    
    كۇرسانتلار نەق مەيداندا شياڭشيۇۋ كەشتىچىلىك ئۇستىلىرىنىڭ ماﻫارىتىنى كۆرمەكتە

    مۇخبىرىمىز شېرىنگۈل توختى زىيارەت ئۈستىدە

    كۆرگەزمىگە قويۇلغان كەشتىچىلىك سايمانلىرى

    كۇرسانت گۈلنىسا (تۇرپان ۋىلايىتى) مۇخبىرىمىزغا ﻫېس-ﻫاياجانلىرىنى سۆزلەپ بەرمەكتە

    كۇرسانتلار ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرماقتا

    شياڭشيۇ كەشتىچىلىك بۇيۇملىرى (1)

شياڭشيۇ كەشتىچىلىك بۇيۇملىرى (2)
(تامام)