قۇربان ﻫېيىت
- يوللانغان ۋاقتى :
- 10-01
- كۆرۈلۈشى:
- 1578 قىتىم
قۇربان ﻫېيىت ئىسلام دىنىدا روزا ﻫېيىت بىلەن قوشۇلۇپ ئىككى چوڭ ﻫېيىت – ئايەمنىڭ بىرى ﻫېسابلىنىدۇ.
قۇربان ﻫېيىت ئەرەبچە «ئەيد ئەزﻫا» دېيىلىدۇ، «ئەيىد قۇربان» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «قۇربان» سۆزى «قۇربانلىق قىلىش» مەنىسىدە بولۇپ ﻫەج قىلىشنىڭ مۇﻫىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى. قۇربان ﻫېيىت ﻫىجىرىيە بويىچە زۇلﻬەججە (12 – ئاي) نىڭ 10 – كۈنى، يەنى ﻫەج تاۋاپنىڭ ئاخىرقى كۈنى بولىدۇ. قۇربان ﻫېيىتتا قۇربانلىق قىلىش قەدىمىي پەيغەمبىرىمىز ئىبراﻫىم ئەلەيﻬىسسالام ﻫەققىدىكى رىۋايەتكە مۇناسىۋەتلىك. ئىبراﻫىم ئەلەيﻬىسسالام يالغۇز ئاللاﻫقىلا سۆيىنەتتى ۋە چەكسىز سادىق ئىدى. ئۇ دائىم ئاللاﻫقا ئاتاپ نۇرغۇن قوي، كالا، تۆگىلەرنى قۇربانلىق قىلاتتى. ئەمما كىشىلەر ئۇنىڭ خالىس قىلىۋاتقان بۇ ئىخلاسمەنلىكىنى تازا چۈشىنىپ كەتمەي ئەجەبلىنەتتى. شۇڭا ئىبراﻫىم ئەلەيﻬىسسالام جامائەت ئالدىدا: «ئەگەر ئاللاﻫتىن ئەمر چۈشسە ئامراق ئوغلۇم ئىسمائىلنى قۇربانلىق قىلىشقىمۇ تەييارمەن» دەپ دەبدەبىلىك جاكارلىغان ئىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئىبراﻫىم ئەلەيﻬىسسالام ياشىنىپ قالغان ئايالى سارەدىن بالا يۈزى كۆرمەي، ئاللاﻫ تائالادىن: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا بىر ياخشى پەرزەنىت ئاتا قىلغىن!» دەپ تىلىگەندە، ئاللاﻫنىڭ رەﻫمىتى بىلەن سارە ئۇنىڭغا ﻫاجەر دېگەن خىزمەتچىسىنى ئەمرىگە ئېلىشنى ئېيىتقان. ئىبراﻫىم ئەلەيﻬىسسالام ﻫاجەر دىن بىر پەرزەنىت كۆرگەن. بۇ ئىسمائىل ئەلەيﻬىسسالام بولۇپ، ئىبراﻫىم ئەلەيﻬىسسالام ياشانغاندا كۆرگەن بۇ پەرزەنتىگە تولىمۇ ئامراق ئىدى. ئاللاﻫ تائالا ئىبراﻫىم ئەلەيﻬىسسالامنىڭ ساداقىتىنى سىناش ئۈچۈن، ئىسمائىل ئىشقا يارىغۇدەك چوڭ بولغاندا ئىبراﻫىم ئەلەيﻬىسسالامغا: «بالاڭنى قۇربانلىق قىلغىن!» دېگەن بۇيرۇقنى چۈشۈرگەن ۋە ئۇنىڭ ۋەدىسىنى ئادا قىلىشنى نەچچە قېتىم ئۇنىڭ چۈشىگە سالغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئالدى بىلەن جانىجان ئوغلى ئىسمائىلغا بۇ ئەﻫۋاللارنى ئۇقتۇردى. ئىسمائىل قەتئىي نىيەت بىلەن: «ئىي ئاتا! نېمىگە بۇيرۇلغان بولساڭ، شۇنى ئىجىرا قىلغىن، خۇدا خالىسا ئۇنىڭغا مېنى سەۋىر قىلغۇچى تاپىسەن.» دېدى. [سۈرە «ساففات» ( 37 – سۈرە )، 102 – ئايەت]. شۇنىڭ بىلەن ئىبراﻫىم ئەلەيﻬىسسالام مەككە شەﻫرىنىڭ يېنىدىكى مىنا جىلغىسىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىق ئاللاﻫقا بولغان ساداقىتىنى ئىپادىلىمەكچى بولدى. يولدا، شەيتان ئىبلىس نەچچە قېتىم كېلىپ ئىسمائىلنى بۇ بۇيرۇققا قارشىلىق قىلىشقا ۋە قېچىپ كېتىشكە قۇتراتتى. ئىسمائىل شەيتاننىڭ ئازدۇرىشىنى رەت قىلىپ غەزەپ بىلەن قولىغا تاش ئېلىپ شەيتانغا تاش ئاتتى ۋە ئاخىرىردا ئىتائەتمەنلىك بىلەن يەردە يېتىپ بېرىپ ئاللاﻫنىڭ ئەمرىگە ۋە ئاتىسىنىڭ خەيرىلىك ئىشىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئىبراﻫىم ئەلەيﻬىسسالام پىچاقنى كۆتۈرۈپ ئىسمائىلنى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن پىچاقنى سالغاندا پىچاق كەسمىگەن، قايتا – قايتا سالسىمۇ پىچاق زادى ئۆتمىگەن، دەل مۇشۇ چاغدا جەبرائىل پەرىشتە ئاللاﻫنىڭ ئەمرى بىلەن چۈشۈپ قارا باشلىق بىر قوچقارنى ئىسمائىلنىڭ ئورىنىدا قۇربانلىق قىلىشقا ئەكىلىپ بەرگەن، شۇنداقلا ئاللاﻫ تائالا: «ئىي ئىبراﻫىم! (ﻫېلىقى) چۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇڭ (يەنى چۈشۈڭدە بۇيرۇلغاننى بەجا كەلتۈردۈڭ). بىز ﻫەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز. بۇ ﻫەقىقەتەن روشەن سىناقتۇر. بىز ئۇنىڭ ئورىنىغا چوڭ بىر قۇربانلىقنى (يەنى جەننەتتىن چىققان قوچقارنى) بەردۇق» [ سۈرە «ساففات» ( 37 – سۈرە)، 104 _____107 – ئايەتلەر ] دەپ ۋەﻫىي قىلدى. قەدىمقى ئەرەبلەر مۇشۇ رىۋايەتكە ئاساسەن ﻫەر يىلى قۇربانلىق قىلىپ تۇرغان ئىدى.
مانا مۇشۇ ۋەقەنى خاتىرىلەش ۋە ئاللاﻫ تائالاغا شۈكىرى قىلىش ئۈچۈن، مۇﻫەممەد ئەلەيﻬىسسالام مۇشۇ ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، قۇربانلىق قىلىشنى ﻫەج ئەمەللىرىنىڭ بىرى قىلىپ بەلگىلىگەن. شەرىئەتتە بەلگىلىنىشىچە، ئومۇمەن ئىقتىسادى شارائىتى ياخشى بولغان مۇسۇلمانلار ﻫەر يىلى قۇربان ﻫېيىتتا قۇربانلىق قىلىشى كېرەك. ﻫاجىلار ﻫىجرىيە 12- ئاينىڭ (زۇلﻬەججە نىڭ) 10–كۈنى باشقا جايلاردىكى مۇسۇلمانلار 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن 12 – كۈنىگىچە ئۈچ كۈن ئىچىدە قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ، بۇ مۆﻫلەت ئۆتۈپ كەتكەندە قىلىنغان قۇربانلىق ئىناۋەتسىز بولىدۇ. مۇﻫەممەد ئەلەيﻬىسسالام مەككە مۇكەررەمەدە ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلاتقان چاغدا ئاللاﻫ تائالادىن: «بىز ساڭا ﻫەقىقەتەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق. پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقىغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن» [سۈرە « كەۋسەر» (108 – سۈرە)، 1 ، 2- ئايەتلەر ] دېگەن ۋەﻫىي نازىل بولغان ئىدى. مۇﻫەممەد ئەلەيﻬىسسالام ئاللاﻫنىڭ ئەمرىگە ئەمەل قىلىپ ، ئىبراﻫىم ئەلەيﻬىسسالامنىڭ قۇربانلىق قىلىش ئىبادىتىگە تەقلىد قىلىپ ﻫىجىرىيىنىڭ 2– يىلى (مىلادىيە 623 – يىلى) 12– ئاينىڭ 10 – كۈنىنى قۇربان ﻫېيىت قىلىپ بەلگىلىگەن، قۇربانلىق قىلىش ﻫەج قىلىشقا ئوخشاش ئەﻫمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئاللاﻫ تائالاغا يېقىنلىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ ۋە كىشىلەر ئاخىرەتتە مۇشۇ كۈندە قۇربانلىق قىلىنغان مالغا مىنىپ پىلسىرات كۆۋرىكىدىن ئۆتۈپ جەننەتكە كىرىدۇ دەپ قارىلىدۇ.
قۇربان ﻫېيىت كۈنى مۇسۇلمانلار جامە مەسچىتلەرگە ياكى دالىغا يىغىلىپ ﻫېيىت نامىزى ئوقۇيدۇ . دۇنيانىڭ ﻫەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار بۇ كۈنى ناماز ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن تاماق يەيدۇ. ﻫەج قىلغۇچىلەر ﻫىجرىيە 12- ئاينىڭ 10 – كۈنى سەﻫەردە شەيتانغا تاش ئېتىپ بولۇپ، مىنا جىلغىسىدا قۇربانلىق قىلىدۇ (ﻫازىر ﻫاجىلار كۆپىرەك سەئۇدىي ئەرەبىستانىدىكى ئىشەنچىلىك بانكىلارغا قۇربانلىق پۇلىنى تاپشۇرۇپ، قۇربانلىق قىلىشنى ﻫاۋالە قىلىدىغان، بانكىلار مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئارقىلىق بۇ قۇربانلىقنى دۇنيانىڭ ﻫەرقايسى جايلىرىدىكى نامراتلارغا بۆلۈپ بېرىدىغان بولدى). دۇنيانىڭ ﻫەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ﻫېيىتنىڭ ئالدىدا قۇربانلىق مال تەييارلايدۇ. قۇربالىق مال قوي، كالا، تۆگە دىن ئىبارەت ئۈچ خىل ساغلام، تىمەن مال بولۇشى كېرەك، مال بەك ئورۇق، ناكا بولسا ﻫەتتا بىر پۇتى ياكى بىر كۆزى قۇلىقىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپىرەكى ناكا بولسىمۇ قۇربانلىق قىلىش دۇرۇس ئەمەس.
ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشىلار بىر ئادەمگە بىر قوي، يەتتە ئادەمگە بىر كالا ياكى بىر تۆگە قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ، يەتتە كىشى بىرلىشىپ كالا، تۆگە قۇربانلىق قىلغاندا، ﻫەممىسى بۇ قۇربانلىق ئارقىلىق ئاللاﻫ تائالاغا يېقىنلىشىنى نىيەت قىلىشى كېرەك، يەتتە كىشىنىڭ بىرەرسى مۇسۇلمان بولمىسا ياكى پەقەت گۆش يېيىشنىلا مەقسەت قىلسا، يەتتە كىشىنىڭ ﻫەممىسىنىڭ قۇربانلىق ئىبادىتى بىكار بولىدۇ. نامرات، يوقسۇللارغا، قۇربانلىق مال ﻫازىرلاشقا قۇدىرىتى يەتمەيدىغانلارغا قۇربانلىق قىلىش مەجبۇرىيىتى چۈشمەيدۇ. قۇربانلىق مالنىڭ گۆشى ئۈچكە تەقسىم قىلىنىپ بىر قىسمى ئۆزىگە قالدۇرىلىدۇ، بىر قىسمى ئۇرۇغ – تۇققان، دوست – يارەنلەرگە ئاتىلىدۇ، بىر قىسىمى نامراتلارغا سەدىقە قىلىنىدۇ. قۇربانلىق مالنى زەبىﻬ قىلغاندا ئاۋازلىق «ئاللاﻫۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيىتىش كېرەك. ئاندىن قۇربانلىق ﻫېسابلىنىدۇ، بولمىسا قۇربانلىق ﻫېسابلانمايدۇ . شۇنداقلا بوغۇزلىنىدىغان مالنى سىلاپ–سىپاپ، سىلىقلىق بىلەن يىقىتىپ ئىتتىك پىچاق بىلەن بوغۇزلاش لازىم، مالنى ئۇرۇپ – تېپىپ يىقىتىپ، گال پىچاق بىلەن بوغۇزلاپ جېنىنى قىيناش گۇناﻫ بولىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچىكىرى رايونلىرىدىكى خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر قۇربان ﻫېيىتنى «كىچىك ﻫېيىت» (ئەيىت سەغىر) ﻫېسابلايدۇ. (بەزى رايونلاردا مۇسۇلمانلار زۇلﻬەججە <12 – ئاي> نىڭ بىرىنچى كۈنىدىن 9 –كۈنىگىچە يەنى قۇربانلىق ﻫېيىتتىن ئىلگىركى 10 كۈندە روزا تۇتىدىغانلىقى، بۇ 10 كۈن رامىزان روزىسىدىن 20 كۈن ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن قۇربان ﻫېيىتنى كىچىك ﻫېيىت دەپ ﻫېسابلىغان). شۇڭا ئۇلار قۇربانلىق ﻫېيىتلىق پائالىيەتنى روزا ﻫېيتتىكىدەك داغدۇغىلىق ئۆتكۈزمەيدۇ. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا جۈملىدىن مەملىكىتىمىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەردە قۇربان ﻫېيت «چوڭ ﻫېيىت» (ﻫېيىت كەبىر) ﻫېسابلىنىپ ﻫېيىتلىق پائالىيەتلەر ناﻫايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىلىدۇ .
ئۇيغۇرلاردا روزا ﻫېيىت ۋە قۇربان ﻫېيىت، بولۇپمۇ قۇربان ﻫېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن، باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش مۇراسىم ۋە ئادەتلەردىن سىرىت، نۇرغۇن ئېسىل ئەنئەنە ۋە ياخشى ئادەتلەر شەكىللەنگەن: ﻫېيىتتىن بۇرۇن ﻫەممە ئائىلىلەر چوڭ تازلىق قىلىدۇ، ئۆينىڭ تام – تورۇسلىرىن تازلايدۇ، زۆرۆر تېپىلغاندا ئۆينى ئاقارتىدۇ، ﻫويلا – ئارامنى پاكىزلايدۇ، كىر – قات يۇيىدۇ، ئائىلە ئەزالىرى يۇيىنىپ تارىنىدۇ؛ ئائىلە ئەزالىرى ئىمكان بار بىرەر قۇردىن يېڭى كىيىم كىيىدۇ ياكى يېڭىراق كىيملەرنى يۇيۇپ ﻫېيىتلىق كىيىم قىلىدۇ، بولۇپمۇ كۆپىرەك كىچىكرەك بالىلارغا يېڭى كىيىم قىلىپ بېرىدۇ، ئۇلارنى چىرايلىق ياساندۇرۇپ قويىدۇ؛ ئاياللار ﻫېيىتلىق ساڭزا، قېيىقچە، باقالى ۋە تۈلۈك پىچىنە–پىرەنىك، قۇرۇق–ﻫۆل مېۋە–چېۋە قاتارلىقلارنى تەييارلايدۇ، يەنى ﻫېيىتلىق داستىخان ناﻫايىتى مول راسلىنىدۇ؛ ﻫېيىت نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن جامەگە ياكى ﻫېيىتگاﻫقا بارغۇچىلار غېرىب – غۇرۋالارغا ئالاﻫىدە سەدىقە ئاتايدۇ؛ ﻫېيت – ئايەم كۈنلىرى ئۆزئارا ﻫېيىتلىشىدۇ، بۇ ئۇزاققىچە كۆرۈشۈش، سىردىشىش، يوقلىشى پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغانلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى سالاملىشىپ سىردىشىش، ﻫېسىيات ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى ﻫېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئۇرۇغ–تۇققان، ئەل– ئاغىنە ۋە قۇلۇم–قوشنىلار ئارىسىدا ئازارلىشىپ يۈرگىچىلەر ﻫېيىت– ئايەم مۇناسىۋىتى بىلەن بىر–بىرىنىڭ ئۆيىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ﻫېيىتلاپ كىرىپ، ئوتتۇرىدىكى ئاداۋەتنى يۇيۇپ تاشلايدۇ ﻫەمدە ياخشىلىشىپ قالىدۇ، بۇ ﻫېيىت – ئايەمنىڭ ئەڭ ئېسىل خاسىيەتلىرىدىن ﻫېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا، ﻫېيىتلاپ كىرگۈچى يېقىنلار بولۇپمۇ ئۇرۇغ – تۇققانلار شۇ ئائىلىدىكى كىچىك بالىلارغا ﻫېيىتلىق تۇتقۇزۇپ قويىدۇ؛ ئادەتتە ئۈچ كۈن ﻫېيىتتا ئەرلەر ﻫېيىتلىشىپ ئاياللار مېﻬمان كۈتۈش بىلەن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۈچ كۈن ﻫېيىت تۈگىگەندىن كېيىن، ﻫېيىتنىڭ داۋامى سۈپىتىدە ئاياللارنىڭ ﻫېيىتلىشىشى جۈملىدىن ﻫېيىت چېيى باشلىنىپ تا ﻫېيىت ئاي تۈگىگىچە داۋاملىشىدۇ.
روزا ﻫېيىت ۋە قۇربان ﻫېيىت ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئەمما ﻫازىر بۇ ﻫېيىتلار مەملىكىتىمىزدىكى 10 مۇسۇلمان مىللەتنىڭ مىللىي بايرىمىغا ئايلىنىپ قالدى، شۇڭا ﻫېيىت كۈنلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ خۇشﻬال–خۇرام ﻫېيىت ئۆتكۈزىۋىلىشى ئۈچۈن ﻫېيىتلىق ئارامغا قويۇپ بېرىش قانۇنلۇق بولۇپ قالدى.
قۇربان ﻫېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇلى
بارلىق ﻫەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، رەببىمىز ئۇلۇغ ئاللاﻫ تائالاغا بولسۇن! ئىنسانىيەتنى توغرا يولغا باشلىغۇچى پەيغەمبىرىمىز مۇﻫەممەد ئەلەيﻬىسسالامغا، ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا، ساﻫابىلىرىغا ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن!
قۇربان ﻫېيت نامىزى ﻫىجرىيەنىڭ بىرىنچى يىلى نەﻫر (قۇربانلىق قىلىدىغان) كۈنىدە يولغا قويۇلغان. ئۇ كۈن بولسا زۇلﻬەججە ئېيىنىڭ ئونىنچى كۈنىدۇر. قۇربان ﻫېيت نامىزى شەﻫەرلەردە ياكى چوڭ كەنتىلەردە ئولتۇراقلاشقان ۋە ئۇ شەﻫەر ۋە كەنتلەرگە كېلەلەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ۋاجىپتۇر.چۈنكى، پەيغەمبەرئەلەيﻬىسسالام قۇربان ﻫېيت نامىزىنى ئوقۇشنى ﻫاياتى بويىچە داۋام قىلدى ۋە كىشىلەرنى بۇ نامازغا چىقىشقا بۇيرىدى. بۇ ﻫەقتە ئۇممۇ ئەتىيە مۇنداق دەيدۇ: بىز ئىككى ﻫېيت كۈنلىرى (ناماز ئوقۇلىدىغان يەرگە) چىقىشقا بۇيرۇلدۇق. ﻫەتتا بىز قىزلارنى ئۇلار پۈركىنىپ تۇرىدىغان پەردىلەرنىڭ ئىچىدە ئېلىپ چىقاتتۇق ﻫەتتا ﻫەيزدار ئاياللارنىمۇ ئېلىپ چىقاتتۇق. ئۇلار ئۇ كۈننىڭ بەرىكىتىنى ۋە پاكلىقىنى ئۈمىد قىلىپ كىشىلەرنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ كىشىلەر ئېيتقان تەكبىرنى ئۇلار بىلەن بىللە ئېيتاتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە دۇئا قىلاتتى. [بۇ ﻫەدىسنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان]
ئەمما مۇساپىرغا، ئايال كىشىگە، كېسەل ئاجىز كىشىگە، قۇلغا ۋە تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن كىچىك بالىغا قۇربان ﻫېيت نامىزىنى ئوقۇش ۋاجىپ ئەمەس. قۇربان ﻫېيت نامىزى چاشكا نامىزىنىڭ ۋاقتىدا ئوقۇلىدۇ. قۇربان ﻫېيت نامىزىنىڭ ۋاقتى كۈن ئۇپۇقتىن نەيزە بويى كۆتۈرۈلىپ ئاقىرىشقا باشلىغاندىن تارتىپ تاكى قۇياش چىڭ چۈشتىن قايرىلغانغا قەدەر داۋام قىلىدۇ. ئەگەر قۇياش ناماز ئوقۇپ تۇرغان ۋاقىتتا قايرىلىپ قالسا، ناماز بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. قاتتىق يامغۇر ياغقانغا ياكى ئىمامنىڭ كەلمىگىنىگە ئوخشاش بىرەر ئۆزرىنىڭ سەۋەبىدىن ﻫېيت نامىزىنى ئوقۇشنى ئۈچ كۈنگە قەدەر كېچىكتۈرۈشكە بولىدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەرئەلەيﻬىسسالام مىنا كۈنلىرىنى: ”ﻫەقىقەتەت بۇ كۈنلەر ﻫېيت كۈنلىرىدۇر“ دېگەن. ئۇنى بىرەر ئۆزرە يوق تۇرۇپ ئۇنداق كېچىكتۈرۋېتىش مەكرۇﻫى تەﻫرىمە (ﻫارامغا يېقىن مەكرۇﻫ) دۇر.
ئىككى ﻫېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇلى
قۇربان ﻫېيت نامىزىمۇ جۈمە نامىزىغا ئوخشاش ئىككى رەكئەت بولۇپ جامائەت بىلەن ئوقۇلىدۇ. لېكىن، قۇربان ﻫېيت نامىزىدا ئەزان ۋە تەكبىر ئوقۇلمايدۇ. بۇ ﻫەقتە ئىبنى ئابباس ۋ جابىر (ئاللاﻫ ئۇلاردىن رازى بولسۇن!) مۇنداق دېدى: رۇزا ﻫېيت ۋە قۇربان ﻫېيت نامازلىرىغا ئەزان ئوقۇلمايتتى. [بۇ ئەسەرنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان]
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيﻬىسسالام ﻫېيت كۈنى چىقىپ ئەزان ۋە تەكبىر ئوقۇماستىن ﻫېيت نامىزىنى باشلاپ ئوقۇپ بەردى. [بۇ ﻫەدىسنى نەسەئىي رىۋايەت قىلغان]
قۇربان ﻫېيت نامىزىنى قازا قىلىۋەتكەن ئادەم ئۇنى ئۆزى يالغۇز ئوقۇمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا باشقا مەسچىتكە بېرىش مۇمكىن بولسا، نامازنى شۇ مەسچىتكە بېرىپ ئوقۇيدۇ. چۈنكى، ﻫېيت نامىزىنى ﻫەممە كىشىلەر بىر يەردىلا ئوقۇماي بىر نەچچە يەردە ئوقۇسىمۇ توغرا بولىۋېرىدۇ.
ﻫېيت نامىزىنىڭ تەكبىرلىرىنى ئېيتىش ۋاجىپتۇر. ئۇ تەكبىر ﻫەر بىر رەكئەتتە ئۈچ قېتىم ئېيتىلىدۇ. بىرىنچى رەكئەتتە ئىمام تەكبىرنى نامازنى باشلاپ ”سۇبﻬانەكەللاﻫۇممە“ نى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئايەت ئوقۇشنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئېيتىدۇ. ئىمامغا ئىقتىدا قىلغانلارمۇ ئىمامغا ئەگىشىپ تەكبىر ئېيتىدۇ. ﻫەر قېتىم تەكبىر ئېيتقاندا قوللىرىنى قۇلىقىنىڭ يۇمشۇقىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرىدۇ ۋە تەكبىرنى ئېيتىپ بولۇپ قوللىرىنى ئىككى يانغا تاشلاپ تۇرىدۇ. ئىمام ﻫەر ئىككى تەكبىرنىڭ ئارىلىقىدا ئىقتىدا قىلغان ئادەملەر تەكبىرنى ئېيتىپ بولغانغا قەدەر ساقلاپ تۇرىدۇ. ئىككى تەكبىرنىڭ ئارىلىقىدا: ”سۇبﻬانەللاﻫ ۋەلﻬەمدۇلىللاﻫ ۋە لا ئىلاﻫە ئىللەللاﻫۇ ۋەللاﻫۇ ئەكبەر“ دېيىش خاتا ئەمەستۇر.
ئىككىنچى رەكئەتتە سۈرە فاتىﻬە ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ بىر سۈرە ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن رۇكۇغا بېرىشتىن ئىلگىرى ئۈچ قېتىم تەكبىر ئېيتىلىدۇ. تەكبىرنى بىرىنچى رەكئەتتە ئايەتلەرنى ئوقۇشنى باشلاشتىن ئىلگىرى ۋە ئىككىنچى رەكئەتتە ئايەتلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئېيتىشنىڭ سەۋەبى بولسا، ئىككى رەكئەتتە ئوقۇلغان ئايەتلەرنىڭ ئارىسىغا بىر پاسىل چۈشمىسۇن دېگەنلىك ئۈچۈندۇر. ئەگەر تەكبىرنى ﻫەر بىر رەكئەتنىڭ بېشىدا ئېيتسىمۇ بولىدۇ. لېكىن، ئەڭ ياخشىسى يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەكىلدە ئېيتىش لازىم.
بۇ تەكبىرنى بىرىنچى رەكئەتتە ئۈچ قېتىم ۋە ئىككىنچى رەكئەتتە ئۈچ قېتىم بولۇپ جەمئىي ئالتە تەكبىر ئېيتىش بولسا ئىبنى مەسئۇد ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ ساندىكى ساﻫابىلارنىڭ (ئاللاﻫ ئۇلاردىن رازى بولسۇن!) تۇتقان يولىدۇر.
ئەگەر ئىمام بىرىنچى رەكئەتتە ئېسىدە يوق تەكبىرنى ئېيتماي ئايەتلەرنى باشلاپ كەتكەن ۋە ئايەتلەرنى ئوقۇپ بولۇشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ تەكبىرنى ئېيتمىغانلىقى ئىسىگە كەلگەن بولسا، تەكبىرنى ئېيتىدۇ. ئاندىن ئايەتلەرنى قايتا ئوقۇيدۇ. ئەمما تەكبىرنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى ئايەتلەرنىڭ ﻫەممىسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئىسىگە كەلگەن بولسا، تەكبىرنى ئېيتماستىن نامازنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۋېرىدۇ ۋە سەﻫۋە سەجدىسى قىلىدۇ.
ئەگەر بىر ئادەم بىرىنچى رەكئەتتە ئىمامغا، ئىمام تەكبىرلەرنى ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن يېتىشكەن بولسا، ئۇ ئادەم ئېيتىشقا تېگىشلىك تەكبىرلەرنى ئىمام ئايەتلەرنى ئوقۇشقا باشلاپ بولغان بولسىمۇ شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە ئېيتىدۇ. ئەگەر ئۇ ئادەم تەكبىرلەرنى ﻫەتتا ئىمام رۇكۇ قىلغانغا قەدەر ئېيتالمىغان بولسا، ئىمام بىلەن بىللە رۇكۇ قىلىدۇ ۋە تەكبىرلەرنى رۇكۇدا تۇرۇپ قوللىرىنى كۆتۈرمەستىن ئېيتىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم ﻫېيت نامىزىنىڭ بىر رەكئىتىگە ئۈلگۈرەلمىگەن بولسا، ئۇ ئادەم تەكبىرلەرنى ئۇ رەكئەتنىڭ قازاسىنى قىلىشقا تۇرغاندا ئايەتلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئېيتىدۇ.
قۇربان ﻫېيت نامىزىنىڭ خۇتبىسى
ﻫېيت نامىزىنىڭ كەينىدىن ئىمامنىڭ ئىككى خۇتبە ئوقۇشى سۈننەتتۇر. ئىمام ئىككى خۇتبىنىڭ ئارىلىقىدا بىر قېتىم قىسقا بىر ۋاقىت ئولتۇرۋالىدۇ. بۇ ﻫەقتە جابىر رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇ مۇنداق دېدى: ﻫەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيﻬىسسالام (ﻫېيت كۈنلىرى) ئەۋۋەل ناماز ئوقۇيتتى. ئاندىن كىشىلەرگە خۇتبە سۆزلەيتتى. پەيغەمبەرئەلەيﻬىسسالام خۇتبىنى سۆزلەپ بولۇپ مۇنبەردىن چۈشۈپ ئاياللارنىڭ قېشىغا كېلەتتى ۋە بىلال رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇنىڭ قولىغا تايىنىپ تۇرۇپ ئۇلارغا ۋەز - نەسىﻬەت قىلاتتى. بىلال رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇ ئېتىكىنى يېيىپ تۇراتتى. (شۇ چاغدىكى پېقىرلارغا سەدىقە قىلماقچى بولغان ئاياللار) سەدىقىسىنى ئۇنىڭ ئېتىكىگە تاشلايتتى. [بۇ ﻫەدىسنى ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان]
ئىمام مۇنبەرگە چىققان ۋاقتىدا خۇتبە ئوقۇماستىن ئولتۇرمايدۇ. چۈنكى، ئەسلىدە مۇنبەرگە چىققاندىن كېيىنلا مۇنبەردە ئولتۇرۇش مۇئەززىننىڭ ئەزان ئوقۇپ بولۇشىنى كۆتۈپ تۇرۇش ئۈچۈندۇر. ئەمما ﻫېيت نامازلىرىنىڭ خۇتبىسىدە ئەزان ئوقۇلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمام مۇنبەرگە چىقىپلا ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ. بىرىنچى خۇتبىدە خۇتبىنى باشلاشتىن ئىلگىرى توققۇز قېتىم ۋە ئىككىنچى خۇتبىنىڭ بېشىدا يەتتە قېتىم ئاخىرىدا ئون تۆت قېتىم تەكبىر ئېيتىش مۇستەﻫەبتۇر.
ﻫېيت كۈنلىرى قىلىش سۈننەت بولغان ئىشلار
قۇربان ﻫېيت كۈنىدە تاكى ﻫېيت نامىزى ئوقۇلۇپ بولغانغا قەدەر بىر نەرسە يېيىلمەيدۇ. ﻫېيت كۈنىدە يۇيۇنۇش، مىسۋاك قىلىش، خوش بوي نەرسە ئىشلىتىش، چىرايلىق كىيىم - كىچەك كېيىش، نامازغا كەلگىچە يولدا ئىچىدە تەكبىر ئېيتقاچ كېلىش ۋە خوش چىراي بولۇش سۈننەتتۇر.بۇ ﻫەقتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيﻬىسسالام ﻫېيت كۈنى قىزىل تون كىيەتتى. [بۇ ﻫەدىسنى تەبرانى رىۋايەت قىلغان]. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇ: پەيغەمبەرئەلەيﻬىسسالام ئىككى ﻫېيت كۈنلىرى ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كېيەتتى، دېدى. [بۇ ﻫەدىسنى بەيﻬەقىي رىۋايەت قىلغان]
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇنىڭ ئىككى ﻫېيت كۈنلىرى تاكى ناماز ئوقۇيدىغان يەرگە كەلگەنگە قەدەر يولدا تەكبىرنى ئاۋازلىق ئېيتىپ كېلىدىغانلىقى ۋە (ئۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىنمۇ) تاكى ئىمام كەلگەنگە قەدەر تەكبىر ئېيتىپ تۇرىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى. [بۇ ئەسەرنى دارى قۇتنىي ۋە بەيﻬەقىي رىۋايەت قىلغان]. ﻫېيت نامىزىنى ئوقۇشتىن ئىلگىرى ۋە ئۇنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تاكى ئۆيگە قايتىپ كەلگەنگە قەدەر نەپلە ناماز ئوقۇلمايدۇ. بۇ ﻫەقتە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيﻬىسسالام روزى ﻫېيت كۈنى ناماز ئوقۇيدىغان يەرگە چىقىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ بەردى. بۇ ئىككى رەكئەت نامازدىن ئىلگىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ﻫېچقانداق ناماز ئوقۇمىدى. پەيغەمبەرئەلەيﻬىسسالام بىلەن بىللە بىلالمۇ بار ئىدى. [بۇ ﻫەدىسنى ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان]
ﻫېيت كۈنى نامازغا بارغان ئادەم نامازغا بېرىشتا باشقا يول بىلەن، كېلىشتە باشقا يول بىلەن ماڭىدۇ. بۇ ﻫەقتە جابىر رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەرئەلەيﻬىسسالام روزا ﻫېيت كۈنىدە يولنى ئالماشتۇراتتى. (يەنى نامازغا بېرىشتا باشقا يول بىلەن، كېلىشتە باشقا يول بىلەن ماڭاتتى). [بۇ ﻫەدىسنى ئىمام بۇخارىى رىۋايەت قىلغان] . ﻫېيت نامىزىغا بارغىچە يولدا تەكبىرلەر ئاۋازلىق ئېيتىلىدۇ ۋە قۇربان ﻫېيت كۈنىدىن باشلاپ تاكى ئون ئۈچىنچى كۈنىنىڭ (يەنى زۇلﻬەججىنىڭ ئونىنچى كۈندىن ئون ئۈچىنچى كۈنىگىچە ئۈچ كۈن)ئەسىر نامىزىغا قەدەر ﻫەر پەرزنامازىنىڭ كەينىدىن تەكبىر ئېيتىش بالاغەتكە يەتكەن ﻫەر بىر كىشىگە ۋاجىپتۇر. بۇ تەكبىرلەرنى ئېيتىش ﻫەققىدە ئاللاﻫ تائالا مۇنداق دېدى: ”ساناقلىق كۈنلەردە (يەنى تەشرىق كۈنلىرىدە) ئاللاﻫنى ياد ئېتىڭلار (يەنى نامازلىرىڭلارنىڭ ئاخىرىدا تەكبىر ئېيتىڭلار) ”[سۈرە بەقەر 203 - ئايەتنىڭ بىرقىسمى]
[كىشىلەر ئۆزلىرىگە تېگىشلىك بولغان (دىنىي ۋە دۇنياۋىي) مەنپەئەتلەرنى كۆرسۇن، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە (يەنى قۇربانلىق كۈنلىرىدە) اللە ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى (يەنى تۆگە، قوي، ئۆچكىلەرنى اللەنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن) اللەنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلسۇن. سىلەر قۇربانلىقلارنىڭ گۆشىدىن يەڭلار، موﻫتاجقا، پېقىرغا بېرىڭلار](سۈرە ﻫەج 28 - ئايەت)
ئەلى رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇنىڭ (ﻫەر نامازنىڭ كەينىدىن ئېيتىلىدىغان) تەكبىرنى قۇربان ﻫېيت كۈنىنىڭ بامدات نامىزىنىڭ كەينىدىن باشلاپ تاكى ئون ئۈچۈنچى كۈنىنىڭ ئەسىر نامىزىنى ئوقۇپ بولغانغا قەدەر داۋام قىلىدىغانلىقى رىۋايەت قىلىندى. [بۇ ئەسەرنى ئىبنى ئەبۇشەيبە رىۋايەت قىلغان]
تەكبىر مۇنداق ئېيتىلىدۇ: ئەللاﻫۇ ئەكبەر. ئەللاﻫۇ ئەكبەر. لا ئىلاﻫە ئىللاللاﻫۇ ۋەللاﻫۇ ئەكبەر. ئەللاﻫۇ ئەكبەر ۋەلىللاﻫىل ﻫەمدۇ.
يەنى ئىككى قېتىم «ئەللاﻫۇ ئەكبەر» دەپ بولغاندىن كېيىن بىر قېتىم «لا ئىلاﻫە ئىللاللاﻫۇ» دېيىلىدۇ. ئاندىن يەنە ئىككى قېتىم «ئەللاﻫۇ ئەكبەر» دېيىلىدۇ. ئەڭ ئاخىردا «ۋە لىللاﻫىل ﻫەمدۇ» دېيىلىدۇ. بۇ تەكبىرنى جاراڭلىق ئېيتىش ۋاجىپتۇر. شۇنداق قىلىشنى سۈننەت دېگەن قاراشمۇ بار. ئەمما ئايال كىشى تەكبىرنى ئىچىدە ئېيتىدۇ. تەكبىرنى بۇ شەكىلدە ئېيتىش ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇدىن رىۋايەت قىلىنغاندۇر.