ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىنىش ئادىتى ﻫەم زامانىۋىلىشىشى توغرىسىدا
- يوللانغان ۋاقتى :
- 05-20
- كۆرۈلۈشى:
- 1290 قىتىم
ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ﻫەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، تەبىئىي ئېﻬتىياج بىلەن ئېستېتىك قەدىمكى دەۋرلەردىلا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئۇنداقتا گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى تارىختىن بۇيان قانداق كىيىنگەن؟ بۇ توغرىسىدا مۇخبىر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى مىللەتشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور ﻫەسەنجان ئابلىېز ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.

مۇخبىر: ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسىڭىز؟
ﻫەسەنجان : ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى ئۇلار ياشاۋاتقان قۇملق-بوستانلىق-يايلاق بىر گەۋدىلەشكەن تەبىئىي مۇﻫىتنى مەنبە قىلغان بولۇپ، يىپەك يولىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى توغرىسىدا تەبىئىي مۇﻫىت بىلەن ئىجتىمائىي مۇﻫىتنىڭ ئۆز ئارا كېسىشىش نۇقتىسىدىن قايىل قىلارلىق جاۋابقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بىرىنچىدىن ، شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك تۈزۈلۈشى، كىلمات پەرقى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىنىش ئادىتىنىڭ مۇكەممەل، پەسىل پەرقى روشەن، ﻫاۋا كىلماتىغا ماسلاشقان گەۋدىلىك خاسلىقىنى بەلگىلىگەن، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇراقلىق ﻫەم يۈزلىنىشى بىردەك بولغان ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ پاسون-نۇسخىلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەزەلدىن ياشاپ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي مەدەنىيەت مۇﻫىتى مەيلى كۆپ مەنبەلىك، قانچە مۇرەككەپ بولسۇن ياكى كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالاقىسى قويۇق بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئۆز جايىنىڭ مۇﻫىتىغا ماسلاشتۇرۇپ تىككەن كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ پاسون-نۇسخىلىرى بۇنىڭلىق بىلەن تۈوتىن ئۆزگىرىپ كەتمىگەن. ئىككىنچىدىن، شىنجاڭ يېپەك يولىنىڭ مەدەنىيەت تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت مۇزېيى»دەپ ئاتالغان. ئۇيغۇر ئاياللىرى تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە تۈرلۈك كىيىم-كېچەك پاشونلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرۈش بىلەن بىللە، مۇﻫىت، ئۆرپ-ئادەت، ئەخلاق ﻫەم ئېستېتىك ئېﻬتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، ﻫەر قايسى دەۋرنىڭ ئاساسىي كىيىم-كېچەك يۈزلىنىشى بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىپ، ئېچىۋېتىش ئالاﻫىدىلىكىگە ئىگە كىيىنىش پىسخىكىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى كىيىنىش ئالاﻫىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن.
مۇخبىر : ئۇنداقتا بۇرۇنقى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىمىز قانداق كىيىنگەن؟
ﻫەسەنجان: ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مۇراسىم كىيىم-كېچەكلىرىدە باشتىن -ئاخىر بىرلىككە كەلگەن ئالاﻫىدىلىك ساقلاپ قېلىنغان. ئۇيغۇر ئاياللىرى ياش پەرقىگە قاراپ كىيىنىپ ئىجتىمائىي سالاﻫىيىتىنى ئىپادىلىگەن. يەنى كىيىنىشىگە قاراپ قىز، چوكان، جۇۋان ياكى مومايلىقىنى ئايرىغان. بويىغا يەتمىگە قىزلار چېچىنى 40 تال ئۆرۈپ، گېلەم دوپپا كىيىپ، ئۇچىسىغا رەڭدار، گۈللۈك كۆڭلەكلەرنى كىيىشكەن. بويىغا يەتكەن قىزلار يەتتە يالى توققۇز تال ئۆرۈلگەن چېچىغا ئەتىر گۈللۈك گىلەم دوپپا كىيىپ، قىزىل رەڭنى ئاساس قىلغان ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىشكەن.
مۇخبىر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ زامانىۋى كىيىم-كېچەك پاسونى قانداق ئالاﻫىدىلىكنى نامايەن قىلغان؟
ﻫەسەنجان: ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ﻫەم ئۇنىڭدا ۋارىسلىق قىلىنغان مىللىي خاسلىق بىلەن ئېچىۋېتىش ئامىلى زامانىۋى كىيىم-كېچەك پاسونلىرىدا گەۋدىلەنگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرى كىيىنىش جەﻫەتتە زامانىۋى ئېقىمغا ماسلىشىپ، مىللىي ئۇسلۇبنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مودا ئېڭىنى تولۇق نامايان قىلغان. زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مودا كىيىم-كېﻬەكلىرىگە نەزەر سالساق، ئۇلارنىڭ مودا ئېقىمىنى ئىنچىكە كۆزىتىش ، مودا ئامىلىنى نامايان قىلىشقا ماﻫىر بولۇش، مىللىي ئۇسلۇبقا جانلىق سىڭدۈرۈشتەك خاس تەپەككۇرىنى بىلىپ يېتەلەيمىز.
مۇخبىر: يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەك پاسونىنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق قارايسىز؟
ﻫەسەنجان: 21-ئەسردىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ قولايلىقلىشىشى ﻫەم پەن-تېخنىكىنىڭ ئومۇملىشىشى قاتارلىق ئالاﻫىدىلىكلەر ﻫەر بىر ئىنساندىن دەۋرگە ماس ئېچىۋېتىلگەن تەپەككۇر ئۇسۇلى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مىللىي خاسلىق بىلەن مودا، مۇۋاپىقلىق بىلەن دەۋر ئامىلىنى كىيىم-كېچەك پاسونلىرىمىزغا بىرلەشتۈرگەندىلا، دۇنياۋى مودا كىيىم-كېچەكلەر بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلغا ماﻫىر، خۇش چاقچاق، تەبىئەتنى سۆيىدىغان، قائىدە-يوسۇنلۇق، ئوچۇق-يورۇق، تەرەققىيپەرۋەر مىللىي خاسلىقىنى نامايان قىلالايمىز.
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى