ئۇيغۇرلاردىكى ئوغلاق تارتىشىش
- يوللانغان ۋاقتى :
- 12-13
- كۆرۈلۈشى:
- 1353 قىتىم
ئوغلاق تارتىشىش–ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى، تارىخىي ئۇزۇن، ئەنئەنىۋى ئات ئۈستى ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار كۆپ ﻫاللاردا ﻫېيت-بايرام ياكى توي-تۆكۈن قاتارلىق خوشاللىق كۈنلەردە ئۇيۇشتۇرۇپ شاتلىق تەنتەنىسىنىڭ كەپىياتىنى ئەۋجىگە چىقىرىدۇ. ئوغلاق تارتىشىشتا – ئۆزئارا تىركىشىش كۈچلۈك، تالىشىش جىددىي، كۈچ-ئىرادىنىڭ ئېلىشىشى ﻫەم ئەقىل-ئىدراكىنىڭ تالىشىشى بولىدۇ. چەۋەندازلار، ئات مىنىش ماﻫارىتى سېلىشتۇرىلىدۇ. مۇﻫىمى تەربىيىلەنگەن ئاتلارنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. شۇڭا ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەل ئىچىدە ئەزىمەت ياشلارنىڭ نەزىرىدىكى بىر تۈرلۈك ئويۇن بولۇپ، ئەزىمەتلەرنىڭ جاسارىتىنى نامايەندە قىلىدۇ.

ئوغلاق تارتىشىش باشلىنىشتىن بۇرۇن بوغۇزلىنىپ، ئالدىن تەييارلانغان ئوغلاقنىڭ كاللىسى ﻫەم ئارقا پۇتى ئېلىپ تاشلىنىپ، قىزىلئۆڭگەچ قىسمى بوغۇۋېتىلىدۇ. بەزى جايلار ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، تۇز سۈيىگە بىر، ئىككى سائەت چىلاپ قۇيىدۇ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇنداق ئوغلاقنىڭ تېرىسى بەكلا چىڭ بۇلارمىش، مۇسابىقە باشلانغاندا، تەشكىللىگۈچى ئوغلاقنى ئوتلاققا ياكى ئالدىن تەييارلانغان مەيدانغا تاشلاپ بېرىدۇ. ئارقىدىنلا چەۋەندازلار ئات چاپتۇرۇپ، قامچا ئوينىتىپ، يا ئوقىدەك ئوغلاققا ئېتىلىدۇ. ئوغلاقنى بۇرۇن ئېلىۋالغۇچى ، ئوغلاقنى يەردىن ئېلىپلا ئۆزەڭگە ئاستىغا ياكى تېقىمىغا بېسىۋېلىپ، نىشانغا قاراپ قويۇندەك چاپىدۇ. قارشى تەرەپتىكى چەۋەندازلار ئۇنى قوغلايدۇ، يېتىشىۋالغان چەۋەندازلار ئات ئۈستىدە تۇرۇپ، ئوغلاقنى تالىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان كەسكىن ئوغلاق تارتىشىش باشلىنىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا ئاتلار ئوڭ-سول تەپچىپ، كىشنەپ، ئۆز ئورنىدا پىقىراپ، ئادەملەرمۇ روﻫلىنىپ، جاسارەت ئىچىدە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئوغلاق تالىشىدۇ، تاماشىبىنلارمۇ قىقاس-سۈرەن ئىچىدە ئۇلارغا مەدەت بېرىدۇ. بىرئازدىن كېيىنلا، بىر مەيدان ئوغلاق تارتىشىش جېڭى باشلىنىدۇ. ئوغلاقچىلارنىڭ بىر قىسمى ئوغلاقنى ئېلىپ قېچىش يۆنىلىشىنى توسىدۇ. ئېتى كۈچلۈك، قاۋۇل چەۋەندازلار غۇژمەك بولۇۋېلىپ ئوغلاق تالىشىۋاتقان جەڭ سورۇنىغا بۆسۈپ كىرىپ ئوغلاقنى تارتىپ چىقىشقا، بەزىلىرى ﻫەرخىل ئامىللار بىلەن مۇﻫاسىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن مەيدان ئىچىدىكى كەيپىيات ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مەيدان سىرتىدىكى تاماشىبىنلار قاينام –تاشقىنلىققا چۆمىدۇ. بۇ جىددىي كەسكىن مەنزىرە كىشىنى ﻫەيران قالدۇرىدۇ. بۇ بىر مەيدان كەسكىن ئېلىشىش بىرەر سائەتتىن ئۇشۇقراق داۋاملاشقاندىن كېيىن، چەۋەندازلار ئىچىدە بەزىلىرى ﻫالىدىن كېتىپ، نەپسى بۇغۇلۇپ، ياكى ئات چىلىق-چىلىق تەرگە چۈشۈپ، سەپتىن تەبىئىي ﻫالدا چۈشۈپ قالىدۇ. سەپتىن چۈشۈپ قالمىغاندىمۇ، ئاتمۇ، ئادەممۇ ﻫالسىراپ كېتىدۇ. ئاخىرقى ﻫېسابتا ئېتى كۈچلۈك، قاۋۇل چەۋەنداز، ئات، ئادەم ئۆزئارا ماسلاشقان ﻫالدا، مۇﻫاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ، نىشانغا قاراپ ئات چاپتۇرىدۇ ۋە ئوغلاقنى ئالدىن بەلگىلەنگەن جايغا، ياكى مەﻫەللىدە مۇئەييەن ئابرويغا ئىگە ﻫەم ئوغلاق تارتىشىش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا قۇربى يەتكىدەك ئادەمنىڭ ﻫويلىسىغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن غەلبە قىلغان بولىدۇ، ئوغلاق تارتىشىشمۇ ئاخىرلىشىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا غەلبە قىلغان تەرەپ ئەزالىرى يىغىلىشىپ ئوغلاق گۆشىنى پىشۇرۇپ مەززە قىلىپ يىيىشىدۇ.