guide
توقسۇ خەلقىنىڭ داپ ياساش ﻫۈنىرى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
1008 قىتىم
توقسۇ ناﻫىيەسى قەدىمدە يىپەك يولىدىكى مۇﻫىم بىر بازار بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈرلۈك مەدەنىيەت-سەنئەت ئامىللىرى ئۆزئارا ئۇچراشقان ﻫەم شەكىللەنگەن. چالغۇ ئەسۋابلارنى ياساش ﻫۈنەر-سەنئىتى ئەنە شۇ مەدەنىيەتلەر ئىچىدىكى ئالاﻫىدە جۇلالىنىپ تۇرىدىغان قىممەتلىك بايلىقتۇر. سەنئەتخۇمار توقسۇ خەلقى ئۆز مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ رەڭدارلىققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك چالغۇ ئەسۋابلار ياساشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. داپ ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.
ئىز تورى بەك ياخشى

  داپ - سوقما مىللىي چالغۇ بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان، ئۇزۇن تارىخىي ئەنئەنىگە ئىگە خەلق چالغۇسى. ئۇ دۇمباق تىپىدىن تەرەققىي قىلغان، ئۆزى يۇمىلاق قەدىمىي چالغۇ. ئاۋازى جۇشقۇن، ئۆزى يەڭگىل، ئېلىپ يۈرۈشكە، چېلىشقا ئەپلىك بولۇشتەك ئالاﻫىدىلىككە ئىگە بولۇپ، قول ئالقىنى ۋە بارماقلار بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدىغان، ئۇيغۇر مۇزىكىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان چالغۇ ﻫېسابلىنىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
  داپنىڭ گەردىشى ئاساسەن ئۈجمە ياكى ياڭاق ياغىچىدا ياسىلىدۇ. يۈزلۈكى ئات، يىلان، ئۆچكە تېرىسىدىن ياسىلىدۇ. مەخسۇس يىلان تېرىسى ئىشلىتىلگەنلىرىنىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. داپ ئىشلىتىش ئورنىغا ئاساسەن، چوڭ-كىچىك بولىدۇ. ئادەتتە، گەردىشىنىڭ دىيامېتىرى 20 دىن 60 سانتىمىتېرغىچە، گەردىشىنىڭ قېلىنلىقى بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا، ئېگىزلىكى بەش-ئالتە سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ. گەردىشى ئىچىگە نۇرغۇنلىغان مىس ۋە تۆمۈردىن ئۇششاق ياسالغان ﻫالقىلار ئورنىتىلىدۇ. بۇ ﻫالقىلار مۇزىكا ئورۇنلىغاندا ئاجايىپ شىلدىرلاپ، قوشۇمچە ئاۋاز چىقىرىپ بېرىدۇ. داپ ئىشلىتىش ئورنىغا ئاساسەن، <<چوڭ داپ>>، <<نەغمە دېپى>>، <<مەشرەپ دېپى>> قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  داپ يەنە ئۇيغۇر ئوركىستېرلىرىدا ئىنتايىن مۇﻫىم چالغۇ بولۇپ، يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. داپنى يەككە چېلىشقا ﻫەم باشقا چالغۇلار بىلەن تەڭكەش قىلىپ چېلىشقا بۇلىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
  داپ يۇمىلاق شەكىللىك ياغاچتىن ئېگىپ، يۈزىگە تېرە كېرىپ ياسىلىدىغان چالغۇ بولۇپ، دەسلەپتە ئۇنى يۈزلۈكىگە قوي، ئات، ئېشەك تېرىسىنى كېرىپ ياسىغان، تەدرىجىي ئۇنىڭ نەملىكتىن ياكى سوغۇقتىن ئاۋازى ئاجىزلاپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈن ئېشەك، ئات، يىلان تېرىسىنى كېرىپ ياساش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ﻫەل قىلغان. گەردىشىنى ياساشتا دەسلەپتە قوتور تېرەك ياغىچىنى چەمبەرسىمان ئۇيۇپ ياسىغان. تەدرىجىي ئۈجمە ياكى ياڭاق ياغىچىنى تېخنىكىلىق ﻫالدا ئېگىپ ئۇلاپ، چەمبەر شەكلىگە كەلتۈرۈپ ياسىغان ﻫەم مۇشۇ ئۇسۇل ئومۇملاشقان. www.iz.la
  داپنىڭ گەردىشىگە يەنە باشقا سازلارغا ئوخشاش خاس ﻫالدا ئۇستىخان ياكى سۇلياۋدىن نەپس نەقىش، گۈللەر چىقىرىلىپ، داپنىڭ شەكىل جەﻫەتتىكى گۈزەللىكى ئاشۇرۇلغان. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
  داپ - سوقما مىللىي چالغۇ بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان، ئۇزۇن تارىخىي ئەنئەنىگە ئىگە خەلق چالغۇسى. ئۇ دۇمباق تىپىدىن تەرەققىي قىلغان، ئۆزى يۇمىلاق قەدىمىي چالغۇ. ئاۋازى جۇشقۇن، ئۆزى يەڭگىل، ئېلىپ يۈرۈشكە، چېلىشقا ئەپلىك بولۇشتەك ئالاﻫىدىلىككە ئىگە بولۇپ، قول ئالقىنى ۋە بارماقلار بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدىغان، ئۇيغۇر مۇزىكىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان چالغۇ ﻫېسابلىنىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

مەنبە: مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى