خەلقىمىزنىڭ بوۋاقلارنى ئالتۇن سۈيىدە يۇيۇش ئادىتى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 902 قىتىم
ئادەم بۇ دۇنياغا پەقەت بوۋاقلىق ﻫالىتىدە كۆز ئاچىدۇ. بوۋاق ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا ﻫەر خىل تەبىئەت ﻫادىسىلىرى ۋە كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئامىللار بىلەن ئۇچرىشىش، كۈرەش قىلىش تارىخىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. ساق-سالامەت تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەﻫەتتىن نورمال تەرەققىي قىلالىشى ياكى بىرەر ئەزاسىدا مەلۇم كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇشى كۆپ ﻫاللاردا بوۋاقلىق دەۋرىدىكى بېقىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ﻫەر قانداق بىر بوۋاقنىڭ ئەقىل ۋە جىسمانىي جەﻫەتتە نورمال چوڭ بولۇپ، جەمئىيەتكە تۆﻫپە قوشۇشى شۇ بوۋاقنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈمىد-ئارزۇسى، خۇشاللىقى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر مىللەتنىڭ بەدەن سۈپىتى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش ﻫېسابلىنىدۇ. ﻫەر قانداق بىر مىللەتنىڭ بوۋاقلارنى، كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتە ئۆزىگە خاس ئۇسۇللىرى بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلارمۇ بالىلارنى ساغلام چوڭ قىلىش، بەدەن سۈپىتى، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، مۇئەييەن ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولغان ئۆرپ-ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن. بوۋاقلارنى ئالتۇن سۈيىدە يۇيۇش ئادىتى دەل خەلقىمىز بالىلارنى ساغلام بېقىپ ئۆلتۈرۈشتە يەكۈنلەپ چىققان ﻫەمدە بۇرۇنقى زامانلاردىن تارتىپ كەڭ دائىرىدە قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئادەتلەردىن بىرىدۇر. بوۋاقلارنى ئالتۇن سۈيىدە يۇيۇش ئادىتى ئۆزىگە خاس ئالاﻫىدىلىككە ۋە ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولۇپ، بۇ خىل ئادەت بوۋاقلارنى ساغلام پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرۈشتە مۇﻫىم ئەﻫمىيەتكە ئىگە.