دارۋازلىق
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 841 قىتىم
دارۋازلىق – يەنە «دارغا چىقىش» مۇ دېيىلىدۇ. خەنزۇچىدا بۇشلۇقتا ئارغامچا دەسسەپ مېڭىش دېيىلىدۇ. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنەنىۋىي ماﻫارەت كۆرسىتىش مۇسابىقە تۈرى، ئۇنىڭ تارىخىي ئۇزۇن، خەنزۇچە تارىخىي كىتابلاردا ئۇنى «ئارغامچىدا مېڭىش»، «سىمدا مېڭىش»، «يۇمشاق سىمدا مېڭىش»، «سىم دەسسەش» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىغان.
ئۇيغۇر شائىرى قۇربان بارات ئۆزىنىڭ «ئاق روماللىق پەرىزات» دېگەن داستانىدا: ئۇيغۇرلارنىڭ تېخى شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان دەۋرىدىلا مول-ﻫوسۇلنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن سەنئەتكارلارنىڭ ئېگىزدارلارنى باغلاپ، ئۇنىڭغا رەڭگارەڭ لىنتىلارنى ئېسىپ، رېتىملىق، مۇزىكا ساداسى ئىچىدە بوشلۇقتا ئارغامچا ئۈستىدە تۈرلۈك خەتەرلىك ﻫەرىكەتلەرنى قىلىپ، كۆك تەڭرىگە بولغان ئېتىقاد، ﻫۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ داستاندا بۇ مەنزىرىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سەل يېراقتا – قارا شېغىل تۈزلەڭدە،
يۈكسەك قىلىپ دار باغلىدى دارۋازلار.
بىر ئويۇنچى قىل ئارغامچا ئۈستىدە،
قىلدى ﻫەرخىل ماﻫىرانە پەرۋازلار. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
لەپىلدەيتتى قىزىل، يېشىل ئەلەملەر،
ناغرا، دۇمباق تۇرار ئىدى گۈمبۈرلەپ.
ئويۇنچىغا ياغدى خوشال ئالقىشلار،
ئىگىزلىككە بارغان چاغدا ئۇ ئۆرلەپ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
چوقان سالار ئىدى پەستە شامانلار،
بۇ ئويۇننى چۈشەندۈرۈپ ﻫەممىگە.
بۇ ئاسمانغا ئىنتىلىشتىن بىر تىمسال،
گۈزەل روﻫنىڭ يۈكسىلىشى تەڭرىگە!....
شىنجاڭنىڭ باي ناﻫىيىسى ئەتراپىدىكى قىزىل مىڭ ئۆي تام رەسىملىرىدە، دارۋازلىق ئىپادىلەنگەن رەسىملەر ساقلانغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق موزېيىدىكى 7-، 8 –ئەسىرلەرگە توغرا كەلگەن ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان قونچاقلار ئىچىدە بىر جۈپ قولىغا لەڭگەر تۇتقان. پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرغان رەسىم چۈشۈرۈلگەن ساپال ئىدىش بولۇپ، رەسىمدىكى شەكىللەر ﻫازىرقى دارۋازلىق ئويۇنىغا ئوخشايدۇ. «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىمۇ «كىشىلەر كۆرسەتكەن دارۋازلىق ماﻫارىتى – ئارقان ئۈستىدە سېرىك ئوينىغانغا ئوخشاش» دەپ خاتىرىلەنگەن. ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەل ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن دارۋازلىققا ئائىت مۇنداق بىر رىۋايەت بار. قەدىمكى زاماندا، ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بىر شەﻫەر بولغان ئىكەن. شەﻫەردە بىر ئالۋاستى پەيدا بولۇپ، خالىغىنىچە ئەسكىلىك قىلىپ، دائىم كىشىلەرگە بالايى –ئاپەت كەلتۈرۈپ، پۈتۈن شەﻫەر خەلقىگە ئارام بەرمەپتۇ. كىشىلەر ئۇنى يوقاتماقچى بوپتۇ، ئەپسۇسكى، ئۇ ﻫاۋادا ئۇچۇپ يۈرۈپ، بوران چىقىرىپ، يامغۇر ياغدۇرىدىكەن، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوبۇل ئىسىملىك بىر يىگىت، بۇ ئالۋاستىنى يوقىتىپ، خەلق ئۈچۈن ئاپەتنى تۈگىتىش ئىرادىسىگە كېلىپتۇ. ئۇ، بۇلۇتقا تاقاشقىدەك يوغان تۈۋرۈكتىن بىر قانچىنى بېكىتىپ، تۈۋرۈكلەر ئارا توم زەنجىر تارتىپتۇ. ئالۋاستى شەﻫەر بوشلۇقىدا پەيدا بولغان ﻫامان، ئۇ جەبدەسلىك بىلەن زەنجىر ئۈستىگە چىقىپ، ئالۋاستى بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپتۇ. ئاخىرقى ﻫېسابتا ئالۋاستىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، ئەل ئۈچۈن زور بىر ئاپەتنى يوقىتىپتۇ. بۇ پائالىيەت شۇندىن باشلاپ تارقىلىپتۇ ﻫەم راۋاجلىنىپ، بۈگۈنگىچە كەپتۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
«دارۋازلىق» ﻫەم ئەل ئىچىدە ئوينىلىدىغان كامالەتكە يەتكەن سەنئەت، ﻫەم ئونىۋېرساللىققا ئىگە ستېرىئولۇق تەنﻬەرىكەت پائالىيىتى، ئۇنىڭ سايمانلارغا مۇئەييەن تەلىۋى بولىدۇ. پۈتكۈل ئويۇن يەردىكى، كۆكتىكى، چىغىرىقتىكى ﻫەرىكەت ۋە سەنئەت ئويۇنلىرى قاتارلىق بىرقانچە مەزمۇندىن تەركىب تاپىدۇ. ئۇنىڭ مەيدانىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز مېتر، كەڭلىكى ئاتمىش مېتر بولۇپ، ئاساسىي تۈۋرۈكنىڭ ئىگىزلىكى ئوتتۇز مېتر ئەتراپىدا، ئادەتتە ئون مېتردىن ئېگىز ئۈچ ئوق ياغاچتىن ئۇلىنىش بىلەن ئوتتۇز مېتردىن ئېگىز تەييارلىنىدۇ. دار ئۈستىگە تاختا پەردە ئورنىتىپ ئۈستىنى قىزىل شەلپەرەڭ بىلەن گۈمبەز شەكلىدە ياسايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچ بايرىقى بولىدۇ. تاختا پەردە ئاستىغا ئۈچ مېترلىق ياغاچ توغرىسىغا باغلىنىپ، ئىككى بېشىغا يالاڭ چىغىرىق ئۇچما چىغرىق بېكىتىلىدۇ. ئوڭ تەرەپكە ئىلەڭگۈچ شەكلىدە ئارغامچا تېڭىپ، ئىككى ئۇچىنى تاختاينىڭ ئىككى بېشىدىن چىگىپ قويىدۇ. سول تەرەپكە يەنە ئارغامچا چىگىپ دىئامېترى ئوتتۇز سانتېمېتر تۆمۈر ﻫالقا بېكىتىدۇ. دار ئارغامچىسى سەكسەن مېتر بولۇپ، ئوق ئارغامچا دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ بىر ئۇچى تاختا پەردىنىڭ ئاستىغا، تۆۋەن ئۇچىنى قىرىق بەش گىرادۇسلۇق قىلىپ، يەرگە قوزۇق قېقىپ باغلايدۇ. ئارغامچىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدىغان، ئىككى تەرەپكە تارتىپ تۇرىدىغان پەردە ئارغامچا بولىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئەنئەنىۋىي ئويۇن كۆرسىتىش يەر يۈزىدە ئويون كۆرسىتىش ۋە كۆكتە ئويون كۆرسىتىشتەك ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ئويۇن كۆرسەتكۈچى ئالدى بىلەن يەر يۈزىدە ماﻫارەت كۆرسىتىدۇ. كۆرسىتىدىغان ئويۇنلىرى ئاساسەن موللاق ئېتىش، قۇرۇق قول ئېلىشىش، سېرىك ئويۇنى، چىنە ئويۇنى، سىﻬىرگەرلىك قاتارلىقلار. دار ئۈستى ئويۇنى «دارۋازلىق» نىڭ ئەڭ قالتىس قىسمى. ئويۇن كۆرسەتكۈچى ئالتە مېتر ئۇزۇنلۇقتىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش خادىسىنى ئېلىپ، يالاڭ ئاياق يەردىن ئېگىزلىكتىكى دار ئۈستى ئارغامچىسىغا چىقىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
دار ئۈستى ماﻫارىتى ئارقان ئۈستىدە يالاڭ ئاياغ مېڭىش، ئولتۇرۇش قوپۇش، ئارقانغا مىنىش، ئارقاندا موللاق ئېتىش، كۆزىنى تېڭىپ مېڭىش، پۇتىغا تەخسە تېڭىپ مېڭىش، تاقلاپ مېڭىش، ياغاچ ئاياق بىلەن مېڭىش، داردىن سېرىلىپ چۈشۈش، بەلنى چىغرىقتا قويۇپ، ئۆزىنى تۆۋەنگە ئېتىش، چىغرىقتا قولتۇققا قىسىپ تۇرۇش، چىغرىقتا ئولتۇرۇپ ئۆزىنى ئارقىغا ئېتىش، چىغرىق ياغىچىغا پۇتىنىڭ ئۇچىنى ئېلىپ تۇرۇش، بىر پۇتتا چىغرىقتا تۇرۇش، بوشلۇققا شۇڭغۇش ﻫالىتىدە تۇرۇش، چىغرىق ﻫالقىسىغا بىر پۇتىنى بىر تەرىپىگە قويۇپ پىرقىراش، ئىككى ﻫالقىغا پۇتىنى سېلىپ ئۆزىنى تۆۋەنگە تاشلاش، ئۇنىڭدىكى ئاساسىي ﻫەرىكەتلەر ﻫازىرقى زامان گىمناستىكا ﻫەرىكىتى بىلەن ئوخشاش، «دارۋازلىق» دا ماﻫارەت كۆرسىتىش ئادەتتە بىر پەدە مۇزىكىنى بىر مەيدان باسقۇچى قىلىدۇ. داۋاملىق ماﻫارەت كۆرسەتسىمۇ بولىدۇ. ۋاقىت چەكلەنمەيدۇ. ماﻫارەت كۆرسەتكۈچى بوشلۇقتا ئارغامچىدا مېڭىپ ئويۇن كۆرسىتىدۇ. تۆۋەندە بولسا ناخشا- ئۇسسۇل، سۇناي، داپ، راۋاپ قاتارلىقلار بىلەن ئەلنەغمىچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئون ئىككى مۇقامىنى چالىدۇ. ئۇيغۇر قىزلىرى لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. «دارۋاز» دا ماﻫارەت كۆرسەتكۈچى مۇزىكا رېتىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ناﻫايىتى مۇرەككەپ، قېيىن ﻫەرىكەتلەرنى قىلىپ، بوشلۇقتىكى ﻫەرىكەت بىلەن يەردىكى نەغمە-ناۋا بىر-بىرىگە ﻫەمدەمدە بولۇپ، بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ. «دارۋازلىق» ئەجدادتىن-ئەجدادقا نەسەپ بولۇش شەكلىدە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشماقتا.
www.iz.la

ئىز تورى www.iz.la