guide
ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئۆرپ - ئادەتلىرى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
811 قىتىم
ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئۆرپ–ئادەتلىرى ئىچىدە ﻫېيت–ئايەم ، توي–تۆكۈن ، مۇراسىملار ۋە سەيلە–باراۋەت يېمەك–ئىچمەكلىرى ئۆزىگە خاس ئالاﻫىدىلىككە ئىگە بولۇپ ، روشەن مىللىي تۈسكە ئىگە .
ﻫەربىر ﻫېيت–ئايەمنىڭ ئۆزىگە خاس ئەنئەنىۋىي تاماقلىرى بار . مەسىلەن ، "نورۇز" كۈنى بۇغداي يارمىسىدىن قىلىنغان مەخسۇس "نورۇز كۆجىسى" ئېتىپ ، كوللېكتىپ ئېغىز تەگكۈزىدۇ . دېﻬقانلار كالېندارى بويىچە ﻫوشۇر ئېيىدا مول ﻫوسۇل خاتىرىسى ۋە دىنىي ئەقىدە بويىچە كۆكۋاش يارمىسى بىلەن گۈلە ، جىگدە ، قاق ، گۆش ، ﻫەر خىل قۇرۇق گۈلە - قاق سېلىنغان "كۆجە" ئېتىدۇ ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياغ پۇرىتىپ يىت (پوشكال) سالىدۇ .

مەۋلۇت ئېيىدا ياغ پۇرىتىپ پولۇ ۋە باشقا تاماقلارنى ئېتىپ دۇئا–تەكبىر قىلىدۇ .
بارات ئېيتىدا ﻫەربىر ئائىلە ياغ پۇرىتىپ قۇيماق سالىدۇ ۋە باشقا ئېسىل تاماقلارنى ئېتىپ تۈنەيدۇ .
رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇش مۇناسىۋىتى بىلەن زولۇق ۋە ئىپتار ۋاقتىدا خىلمۇخىل ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ ، روزا تۇتىدۇ ، ئىپتار قىلىدۇ .
روزا ﻫېيت كۈنى ئەتىگەندە ﻫەرقانداق ئائىلە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماقلىرىنى ئېتىش بىلەن روزىنى ئۇزاتتۇق ، دېيىشىدۇ . يەنە روزا ﻫېيت ئۈچۈن ساڭزا ، پېچىنە - پىرەنىك ، پوشكال ، سامبۇسا ، قەنت - گېزەك ، ﻫۆل ، قۇرۇق يېمىشلەرنى تەييار قىلىدۇ . ئۆيمۇ ئۆي پەتىلەپ ، خىلمۇ خىل نازۇ نېمەتلەرگە ئېغىز تەگكۈزىدۇ . روزا ﻫېيتتا گەرچە قۇربانلىق قىلىنمىسىمۇ ، ﻫەربىر ئائىلە ئۆزىنىڭ ﻫالىغا يارىشا ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماقلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ .
قۇربان ﻫېيت ئالاﻫىدە بولۇپ ، قۇربى يەتكەن ئائىلىلەرنىڭ ﻫەممىسى قۇربانلىق قوي سويىدۇ . بۇ كۈندىكى تۇنجى تاماق قۇربانلىق قىلىنغان قوينىڭ دۈمبىجىگىرى بولۇپ ، ئاندىن پىشۇرۇلغان گۆش يېيىلىدۇ . قۇربانلىق قىلغان ئۆيلەرنىڭ ﻫەممىسىدە ئۆپكە – ﻫېسىپ قۇيۇلىدۇ . قۇربانلىق قىلىشقا قۇربى يەتمىگەن يوقسۇل ئائىلىلەر بولسا ﻫەرقايسى قوي سويغان ئائىلىلەر كىرگۈزگەن خامتالاش (خام تارقىتىلغان ) گۆشنى پىشۇرۇپ يەيدۇ . ﻫەرقانداق ئائىلە گۆشسىز قالمايدۇ .
بالىلارغا ئىسىم قويۇش (ئات) تويىدا ، ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن ئۈچۈن لەڭمەن قاتارلىق تاماق ئەتسە ، قىرىق تويىدا بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئاتىلا ئېتىپ كىچىك توقاچلار بىلەن بېرىدۇ .
سۈننەت تويىدا ، كۆپ مېﻬمان چاقىرىپ قوي ، كالا سويۇپ ئاش (پولۇ ) ئېتىشتىن تاشقىرى ، ئائىلىدە تۇخۇم يېيىش ئەنئەنىسىمۇ بار . قىز - يىگىت تويلىرىدا ئاساسىي تاماق پولۇ بولىدۇ . بىر لېگەن ئاش ئۈچ كىشىگە قويۇلىدۇ . توي داستىخىنى ﻫەر خىل نازۇ نېمەتلەر بىلەن تولىدۇ . ئاياللار داستىخىنى تېخىمۇ مولراق بولىدۇ . بەزى جايلار (جەنۇبىي شىنجاڭ)دا ئاياللارغا نىشالا قويۇش ، نان قورداق قىلىش ئادەتلىرىمۇ بار .
توي چېيى قاتارلىقلاردا پولۇ ۋە قورداق ئېتىلىدۇ . دېمەك ، ئۇيغۇرلارنىڭ ﻫېيت- ئايەم ، توي - تۆكۈن تاماقلىرى ئالاﻫىدە بولۇشتىن تاشقىرى ، يەنە مول بولىدۇ