خەلقىمىزدە قاسساپلىق مەدەنىيىتى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 931 قىتىم
خەلقىمىز قوي، كالا، تۆگە، ئۆچكە، ئات، قوتاز قاتارلىقلارنىڭ گۆشىنى ئىستېمال قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا ﻫايۋاناتلارنىڭ گۆشىنى يېمەيدۇ. بولۇپمۇ گۆشخور ﻫايۋاناتلارنىڭ گۆشىنى قەتئىي يېمەيدۇ. بۇنداق ئىستېمال ئېڭى ئۇزاق مۇددەتلىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتى، ئۆرپ – ئادەت، ئىدىيەۋى ئىشەنچ، تۈرلۈك تارىخىي شارائىت جەريانىدا شەكىللىنىپ مۇكەممەل ئادەت ۋە مەدەنىيەتكە ئايلانغان. قاسساپلىق مۇكەممەل تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان كەسىپ. خەلقىمىزدە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان، مۇشۇ كەسىپنىڭ كامالەتكە يەتكەن ئۇستىلىرى بار. قاسساپلىقنى ئۆگەنمەكچى بولغانلار ئاۋۋال ئۇستا قاسساپلارغا شاگىرتلىققا كىرىدۇ. ئۆزى چارۋىلارنى مۇستەقىل ئۆلتۈرۈپ، پاكىزلاپ، گۆشىنى تەكشى پارچىلىغۇدەك بولغاندا ئاندىن ئۆز ئالدىغا قاسساپلىق قىلىدۇ. قاسساپلىقتا چارۋىلارنى ئۆلتۈرۈپ، پاكىزلاشنىڭ تەپسىلىي جەريانلىرى مۇنداق: قوي، ئۆچكىلەرنىڭ تۇغۇلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقانلىرىنى، ئات، تۆگە، كالا، قوتاز قاتارلىقلارنىڭ تۇغۇلغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقانلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئۆلتۈرۈلمەكچى بولغان چارۋىنىڭ بېشى جەنۇب تەرەپكە، ئايىغى شىمال تەرەپكە، يۈزى غەرب تەرەپكە قارىتىپ ياتقۇزۇلۇپ پۇتلىرى پۇختا چۈشىلىپ بوغۇزلىنىپ، قان تولۇق ئېقىپ بولغاندىن كېيىن پۇتلىرىدىكى ئارغامچا يېشىۋېتىلىپ ئارقا پۇتىنىڭ بېغىشىدىن تۆشۈك ئېچىلىپ پۈفلەپ كۆپتۈرۈلىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ ئىككى خىل پايدىسى بار: بىرى تېرە بىلەن ئەتنىڭ ئوتتۇرىسى بوشاپ تېرىنى ئاجرىتىشقا ئاسانلىق تۇغۇلىدۇ. يەنە بىرى قان تومۇرلاردا توختاپ قالغان قانلار پاكىز ئېقىپ كېتىدۇ. تېرە سويۇۋېلىنغاندىن كېيىن چارۋىنىڭ ئىچ قارنىنى يېرىپ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ﻫەممىسى ئېلىۋېتىلىدۇ. گۆشنى پاكىزلاشتا يېيىشكە بولمايدىغان چوڭ ئۈچەي، بەز، ئۆت، بوغۇزلىغان ئورۇندىكى قان تومۇرلار پاكىز ئېلىۋېتىلىدۇ. ماﻫىر قاسساپلار قوي، ئۆچكىنى 20 مىنۇت، چوڭ چارۋىلارنى بىر سائەت ئەتراپىدا پاكىزلاپ بولىدۇ. ئۇلار چارۋىلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنىڭ قايسى ئورۇندىن ئاجرايدىغانلىقىنى ناﻫايىتى ئوبدان بىلىدۇ. ئەتنى ئۇستىخاندىن پاك – پاكىز ئاجرىتىۋالىدۇ.
بىزدە چېۋەر قاسساپلار كۆپ، چۈنكى نۇرغۇنلار ئائىلىلەردىمۇ ئۆزلىرىنىڭ چارۋىلىرىنى ئۆلتۈرۈپ گۆش ئىستېمال قىلىدۇ. ئەمما مەخسۇس كەسىپلەشكەن قاسساپلار چارۋىلارنى باشقىلاردىن سېتىۋېلىپ ئۆلتۈرۈپ مەخسۇس گۆش تىجارىتى قىلىدۇ. رېستوران، ئاشپۇزۇللارنى پاكىز گۆش بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا پارچە گۆش سېتىۋالىدىغانلارنى گۆش بىلەن تەمىنلەيدۇ. ﻫازىر كىچىك بازارلاردىن تارتىپ چوڭ شەﻫەرلەرگىچە بولغان ﻫەممىلا يەردە ئۇيغۇر قاسساپلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. قاسساپلارنىڭ كۆپىيىشى گۆش ئىستېمالىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، مەخسۇس قۇشخانىلار، گۆشنى كارانتىن قىلىدىغان ئورۇن ۋە خىزمەتچىلەر بارلىققا كەلدى. گۆشنىڭ سۈپىتى، تازىلىققا قويۇلىدىغان تەلەپمۇ ئاشماقتا. قاسساپلارمۇ چارۋا سېتىۋېلىش، چارۋا ئۆلتۈرۈش جەﻫەتتە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. ﻫازىر چارۋىلارنى باشقىلاردىن ئېلىپ ئۆلتۈرۈپ ساتىدىغان قاسساپلار، چارۋىلارنى توپ ئېلىپ ئائىلىدە بورداپ ئۆلتۈرۈپ ساتىدىغان قاسساپلار، گۆشنى باشقىلارغا توپ ئۆتكۈزىدىغان قاسساپلار، قاسساپلىق بىلەن كاۋاپچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن قاسساپلار، گۆشنى خام سېتىش بىلەن پىشۇرۇپ ساتىدىغان قاسساپلار، گۆش ۋاسىتىچىلىرى، قاسساپلىق شىركەتلىرى بارلىققا كەلدى. قاسساپلىق مەدەنىيىتىمىزنىڭ چېتىشلىق دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئۇ خەلقىمىزنىڭ ئىستېمال مەدەنىيىتى، يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، تۇرمۇش، ئۆرپ – ئادەت، ئىدىيەۋى ئېتىقاد، ساغلاملىق قاتارلىق كۆپ خىل مەدەنىيەت ئامىلىنى تەتقىق قىلىشتا مۇﻫىم تېما بولالايدۇ.