خوتەننىڭ گۆشگىردىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلد
- يوللانغان ۋاقتى :
- 12-27
- كۆرۈلۈشى:
- 2429 قىتىم





بۇ يىل نويابىرنىڭ ئاخىرى، مۇخبىر خوتەن شەﻫىرى يورۇڭقاش بازىرىدىكى بىر گۆشگىردىخانىنىڭ خېلى داڭلىقلىقىنى، يىراق-يېقىندىن بۇ يەرگە گۆشگىردە يېگىلى كېلىدىغان كىشلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغانلىقىنى، خوجايىننىڭمۇ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ تىپىك ۋارىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، بۇ گۆشگىردىخانىغا كەلدى. «ئەقىدەم» گۆشگىردىخانىسىنىڭ خوجايىنى مەمتىمىن تۇردى پەخىرلەنگەن ﻫالدا مۇخبىرغا گۆشگىردىسىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن چىقىدىغان ‹‹شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى›› قاتارىغا ئىلتىماس قىلىنغانلىقىنى، ئاللىقاچان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بىر يىل بۇرۇن ئۇ دۇكاننى كېڭەيتكەن بولۇپ، ﻫازىر ئالتە تونۇرى، 30 دىن ئارتۇق ياردەمچىسى بار ئىكەن، كۈندە 5000 دانە گۆشگىردە سېتىپ چىقىرىلىدىكەن. ئۇنىڭ گۆشگىردىلىرىگە مەخسۇس يەرلىك قوي-كالىلارنىڭ گۆشى ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا، ناﻫايىتى تەملىك ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ دۇكاندا گۆشنان، كۆمەچ، كاۋاپ، سامسىلارمۇ بار بولۇپ، مېﻬمانلارنىڭ تەلىپى بويىچە قېتىغا كەرەپشە، پەمىدۇر، كۆكمۇچ ئېلىنىپ يېقىپ بېرىلىدىكەن.