guide
تاۋۇز شاپىقى قايناتمىسى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
638 قىتىم
  ماتېرىيالى: تەكىيە كاۋىسى پوستى 80 گرام، تاۋۇز شاپىقى 40گرام، قوناق ساقىلى 15 گرام، چىلان 20 گرام، شېكەر 50 گرام.

  تەييارلاش ئۇسۇلى: تاۋۇز شاپىقىنى توغراپ قوناق ساقىلى بىلەن بىللە 700 گرام سۇدا 10 مىنۇت قاينىتىپ سۈزۈۋېلىپ، سۈيىگە يالپاق توغرالغان تەكىيە كاۋىسى، چىلانلارنى سېلىپ پەس ئوتتا قاينىتىپ شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ قايناتما تەييارلايمىز. تەبىئىتى ﻫۆل ئىسسىق. ﻫەر كۈنى خالىغان ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىنىدۇ.