guide
ماش - نوقۇت ئۇمىچى
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
630 قىتىم
  ماتېرىيالى: چىلان 15 گرام، ماش ئۇنى 100 گرام، قوي گۆشى 100 گرام، نوقۇت 60 گرام، بىنەپشە يىلتىزى، قىزىل گۈلنىڭ ﻫەر قايسىسىدىن 10 گرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا.

  تەييارلاش ئۇسۇلى: قوي گۆشىنى ئۇششاق توغراپ باشقا خۇرۇچلار بىلەن قوشۇپ بىر كىلوگرام سۇدا 20 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ، سۇيۇق ئۇماچ تەييارلايمىز. تەبىئىتى ﻫۆل ئىسسىق.

  كۈندە ئەتىگەندە ناشتىلىقتا ئىستېمال قىلىنىدۇ.