قورۇما كۇمىلاچ (ليۇۋەنزى)
- يوللانغان ۋاقتى :
- 09-09
- كۆرۈلۈشى:
- 753 قىتىم
خۇرۇچلىرى: مايسىز كالا گۆشىدىن 175 گرام، توغرالغان تەرخەمەكتىن 25 گرام، ئالدىن قايناقسۇغا چىلاپ كۆپتۈرۈۋېلىنغان قېرىنقۇلاقتىن 15 گرام، تۇخۇمدىن بىر دانە، كراخمالدىن 25 گرام، كۈنجۈت مېيىدىن 25 گرام، سۇ مېيىدىن 500 گرام، سېرىق ﻫاراقتىن 10 گرام، جياڭيۇدىن 25 گرام، قەلەمچە قىلىپ توغرالغان غولپىيازدىن 15 گرام، ئۇششاق توغرالغان سامساقتىن 10 گرام، زەنجىۋىلدىن بەش گرام، تۇز، تېتىتقۇ، شورپىلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن كالا گۆشىنى چاناپ قىيما قىلىۋېلىپ، تۇخۇم، سېرىق ﻫاراق، جياڭيۇ، تۇز، تېتىتقۇ، كراخمال، ئۇششاق توغرالغان زەنجىۋىل، كۈنجۈت مېيى قاتارلىقلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋالىمىز. ئاندىن سېرىق ﻫاراق، جياڭيۇ، تېتىتقۇ، كراخمال، ئۇششاق توغرالغان زەنجىۋىل ۋە سامساق، قەلەمچە قىلىپ توغرالغان غولپىياز، شورپىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيام قىلىۋالىمىز. ئۈچىنچى قەدەمدە چانالغان قىيما گۆشنى كۇمىلاچ قىلىپ، مايدا سارغايغۇچە پىشۇرۇپ سۈزۈۋالىمىز. ئاخىرىدا ماي يۇقى قازاندا تەرخەمەك، قېرىنقۇلاقنى چالا قورۇپ، ئاندىن پىشقان كۇمىلاچ ۋە قاچىدىكى قىيامنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنجۈت مېيىنى ئۈستىگە سېپىمىز.