guide
دۈملەنگەن سوغىگۈل - قارائەتلىك توخۇ شورپىسى (بېيمۇۋېي ۋۇگۇجى)
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
777 قىتىم
  ماتېرىيالى: بىر دانە قاراسۆڭەكلىك توخۇ گۆشى، سوغىگۈل، تۇز، ئاقمۇچ، زەنجىۋىل، غولپىياز، سۇماي قاتارلىقلار ئېﻬتىياجىغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا.

  ئېتىش ئۇسۇلى:

  پاكىز تازىلانغان قاراسۆڭەكلىك توخۇ گۆشىنى ئۈچ–تۆت سانتىمېتىر چوڭلۇقتا چاناپ، قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ بىر قاينىتىپ، كۆپۈكىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، سۈزۈۋېلىپ سۇدا چايقىۋالىمىز. ئاندىن قازاننى پاكىزلاپ قايتا سۇ قۇيۇپ قاينىتىمىز.

  قازانغا ماي قۇيۇپ 6–دەرىجىدە قىزىتىپ، توخۇ گۆشىنى سېلىپ قورۇپ، سۈيى قاچقاندا قازاندىكى قايناق سۇغا تۆكۈپ بىردەم قاينىتىپ، ساپال قاچىغا يۆتكەپ، سوغىگۈل، غولپىياز، زەنجىۋىل ۋە تۇز سېلىپ، سۇس ئوتتا گۆشى يۇمشاق پىشقۇچە دۈملەپ، گۆش پىشقاندا تۇز تەمىنى تەڭشەپ قاچىلارغا ئۇسىمىز.

  ئالاﻫىدىلىكى: شورپىسى قىزغۇچ، تەمى مەززىلىك، گۆشى يۇمشاق، سەل قىرتاق بولۇپ، سوغاقتىن بولغان يۆتەل، زىققا كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ، قېرى، ئاجىز، كېسەلچان كىشىلەرگە قۇۋۋەت بولىدۇ.