guide
قوينىڭ قوۋۇرغا كاۋىپى (شېڭ كاۋياڭپەي)
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
983 قىتىم
  ماتېرىيالى: سېمىز پاقلاننىڭ قوۋۇرغا گۆشى ،تۇخۇم ،تۇز ،ئاقمۇچ ،زىرە سوقۇلمىلىرى،ئۇۋاق مۇچ ،ئۇن قاتارلىقلار ئېﻬتىياجىغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا.

  پىشۇرۇش ئۇسۇلى

  (1) پاقلاننىڭ قوۋۇرغا گۆشىنى بىر تال–بىرتالدىن كېسىپ (تاش پوستىغا يەتكۈزمەي)، ئاندىن قوۋۇرغا ئۇستىخىنىنى3–4سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا چاناپ، تۇز، ئاقمۇچ، زىرە، غولپىياز بىلەن تەڭشەلگەن سۇغا ئىككى سائەت چىلاپ تەملەندۇرىمىز، ئاندىن پاكىز داكا بىلەن سۈرتۈپ ،شامالدىتىپ قويىمىز.

  (2)تۇخۇمنى بىر قاچىغا چېقىپ ، ئۇن ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ تەييارلايمىز.

  (3) سۇسىزلاندۇرۇلغان قوۋۇرغا گۆشىگە تۇخۇم ئۇمىچىنى تەكشى مىلەپ، ماي سۈرتۈلگەن لېسقاسېلىپ ،220گرادۇسلۇق قىزىق دۇخوپكىدا گۆشنى تەكشى سارغايتىپ تولۇق سىڭدۈرۈپ پىشۇرىمىز . گۆشنىڭ يۇزقىسمىدىن قوۋۇرغا سۆڭىكىنى بويلاپ پىچاق ئۇرساق چوكىغا قىسقۇدەك كىچىك پارچىلىنىدۇ. ئۇستىگە تۇز، ئاقمۇچ،زىرە، ئۇۋاق مۇچ سېپىپ تەخسىگە ئالىمىز. قوۋۇرغىنى پارچىلاپ قاقلىسىمۇ بولىدۇ.

  ئالاﻫىدىلىكى: سىرتتىن قارىماققا گۆش پۈتۈن كۆرۈنىدۇ، لېكىن چوكا سالغان ﻫامان چوكىغا پارچىلىنىپ چىقىدۇ. رەڭگى تەكشى سارغايغان، يېيىشلىك بولىدۇ.