guide
بېلىق كاۋىپى (خوڭكاۋ يۈرۈ)
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
971 قىتىم
  ماتېرىيالى: پاكىز تازىلانغان بېلىق گۆشى،تۇز، ئۇن،سېرىق ﻫاراق،ئاقمۇچ، زىرە،ئۇۋاق مۇچ، غولپىياز،زەنجىۋىل قاتارلىقلار ئېﻬتىياجىغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا.

  پىشۇرۇش ئۇسۇلى: پاكىز تازىلانغان بېلىقنىڭ دۈمبىسىدىن يېرىپ تەڭ ئىككى پارچە قىلىپ، تېنىگە پىچاق ئۇرۇپ مودەنگۈل شەكلىدە گۈل چىقىرىپ،تۇز،سېرىق ﻫاراق ،زەنجىۋىل، غولپىيازبىلەن 20مىنۇت تەملەندۈرۈپ ئازراق قۇرۇق ئۇن سېپىپ،مايلانغان لېسقا سېلىپ،200گرادۇسلۇق دۇخوپكىدا تەكشى قىزارتىپ پىشۇرۇۋېلىپ تەخسىگە سېلىپ تۇز، زىرە، ئۇۋاق مۇچلاربىلەن قوشۇپ ئېلىپ چىقىمىز.

  ئالاﻫىدىلىكى: رەڭگى تەكشى قىزارغا، چۇرۇك، يېيىشلىك بولىدۇ