guide
شورپىسىز بېلىق قورۇمىسى (گەنشاۋيۈ)
يوللانغان ۋاقتى :
09-09
كۆرۈلۈشى:
1129 قىتىم
  ماتېرىيالى: 500 گرام ئەتراپىدىكى تىرىك بېلىق، قوي (كالا) گۆشى 100 گرام، تۇز، جياڭيۇ، ئاچچىقسۇ، تېتىتقۇ، شېكەر، غولپىياز، زەنجىۋىل، كراخمال، دۇبەنجاڭ (پۇرچاق مەلﻬىمى)، چاۋلاجياۋ (چىلىغان قىزىلمۇچ)، سۇماي قاتارلىقلار ئېﻬتىياجىغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا.

  قورۇش ئۇسۇلى:

  بېلىقنى پاكىز تازىلاپ يۇيۇپ، ئىككى بېقىنىغا مودەنگۈل شەكلىدە پىچاق بىلەن گۈل چىقىرىپ، تۇز، سېرىق ﻫاراق، زەنجىۋىل، غولپىياز بىلەن تەملەمدۈرىمىز، گۆشنى بۇغدايدەك ئۇششاق توغراپ تەييارلىۋالىمىز. ساپلىققا ماي قۇيۇپ 6-دەرىجىدە قىزىتىپ، بېلىقنى سېلىپ ئىككى تەرىپى تەكشى قىزارغاندا سۈزۈۋېلىپ ئارتۇق ماينى ئېلىۋېتىپ ئازراق مايغا چانالغان دۇبەنجاڭ، قىزىلمۇچلارنى سېلىپ قورۇپ تەمىنى چىقىرىۋالىمىز، ئاندىن ئۇلارنى ئېلىۋېلىپ، گۆشنى شۇ مايغا سېلىپ قىزارتىپ قورۇپ ئۈستىگە شورپا قۇيۇپ تۇز، جياڭيۇ، سېرىق ﻫاراق، شېكەر، ئاچچىقسۇ، زەنجىۋىل سېلىپ، ئاندىن بېلىقنى سېلىپ سۇس ئوتتا قاينىتىمىز. ئاخىرىدا ئالدىن قورۇۋالغان دۇبەنجاڭ، قىزىلمۇچلارنى سېلىپ بېلىق گۆشىنى ئۆرۈپ–چۆرۈپ تۇرىمىز. سۈيى قايناپ تۈگەپ، بېلىق گۆشى يۇمشاق پىشقاندا بېلىقنى تەخسىگە ئالىمىز.