يانفون سىگنال ستونىدىكى E/3G/LTE دېگەنلەرنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
- يوللانغان ۋاقتى :
- 10-01
- كۆرۈلۈشى:
- 3305 قىتىم
كۈندىلىك تۇرمۇشتا يانفون ئىشلىتىش جەريانىدا بايقىشىمىز مۇمكىن، يانفوننىڭ سىگنال ستونىدا بەزىدە E بەلگىسى، بەزىدە بىر يۇمىلاق چەمبەر، بەزىدە H بەلگىسى چىقىپ قالىدۇ، ئۇنداقتا بۇ نەرسىلەرنىڭ نېمە مەنىسى بار؟ بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن مۇشۇ ئۇچۇرلارنى بىر تونۇپ چىقايلى.

ناۋادا G بولسا، ئۇنداقتا بۇ GPRS نى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، 2.5G تورىنى(iPhone دا كىچىك يۇمىلاق چەمبەر شەكلىدە) كۆرسىتىدۇ، بۇ چاغدا تور سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا بولىدۇ.

E بولسا EDGE تورى، يەنى 2.75G تورىغا تەۋە، تور سۈرئىتى GPRS تىن سەل تېز.
3G بولسا 3G تورىنى كۆرسىتىدۇ، تور سۈرئىتى سەل تېز، چۈشۈرۈش سۈرئىتى 2Mb قا يېتىدۇ.

T بولسا TD-SCDMA غا ۋەكىللىك قىلىدىغان بولىدىغان، 3G تورى ئىشلىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، H بولسا 3G نىڭ دەرىجە ئاشۇرۇلغان نەشىرى HSDPA تورىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، 3.5G تورىغا تەۋە، چۈشۈرۈش سۈرئىتى تېز، 14.4Mb قا يېتىدۇ.
H+ بولسا HSDPA نىڭ دەرىجە ئاشۇرۇلغان نەشىرى HSPA+ نى كۆرسىتىدۇ، 3.75G تورىغا تەۋە، چۈشۈرۈش سۈرئىتى 42Mb غا يېتىدۇ.
LTE بولسا LTE تورىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئادەتتە 3.9G تورى دەپ ئاتىلىدۇ. 2010-يىلى، خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقى LTE Advanced نى رەسمىي تۈردە 4G تورى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، چۈشۈرۈش سۈرئىتى 299.6Mb قا يېتىدۇ.

رەسىمدىكىسى بولسا ﻫەممەيلەن تونۇشلۇق WiFi تورىنىڭ بەلگىسى.
4G بولسا ئادەتتە 4G تورىنى بىلدۈرىدۇ، چۈشۈرۈش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغاندا 1Gb قا يېتىدۇ.
iPhone دا تور سۈرئىتىنى ئاستىدىن تېزغا قاراپ تىزغاندا مۇنداق بولىدۇ:
G < E < 3G < H plus < LTE < 4G
قانداق؟ كېلەر قېتىم مۇشۇنداق بەلگىلەرنى كۆرگەندە بىر قاراپلا پەرق قىلىشنى بىلىۋالدىڭىزمۇ؟ ئەلۋەتتە، LTE/4G دېگەن بەلگىلەر ئەتراپىمىزدا كۆپ ئۇچرىمايدۇ. بەلكىم يېقىن ئارىدا بۇ بەلگىلەرمۇ يانفونلارنى كەڭ قاپلىشى مۇمكىن.