سامسۇڭ Tizen قاتارلىق سىستېمىلار Android قا ﻫۇجۇم باشلىدى
- يوللانغان ۋاقتى :
- 01-28
- كۆرۈلۈشى:
- 3212 قىتىم
بۇ يىلدىن باشلاپ كۆپلىگەن يانفون كارخانىلىرى ۋە ئەپ سودىگەرلىرى ئۆزىنىڭ يانفون سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، سامسۇڭ Tizen بىلەن مىكروسوفت WP باشچىلىقىدىكى كۈچلەر Android سىستېمىسىغا ئومۇميۈزلۈك ﻫۇجۇمنى باشلاپ،iOS سىستېمىسى بىلەن Android سىستېمىسىنىڭ مونۇپۇللۇق ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلىماقچى بولدى.

(IT دەۋر ژۇرنىلى يېڭى تاراتقۇ مەركىزى باﻫالىغۇچىسى لىن جىجۈن) يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بىرى يانفون سىستېما ساﻫەسىدە Android بىلەن iOS دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەت شەكىللەندى، باشقا مەشغۇلات سىستمىلىرى بىلەن ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى خېلىلا چوڭ بولۇپ كەلدى، ﻫەتتا مىكروسوفتنىڭ WP سىستېمىسىمۇ ﻫەم شۇنداق. بىراق بۇ يىلى بارلىق يانفون مەشغۇلات سىستىمىلىرىنىڭ ئەﻫۋالىدا ئازراق ئۆزگۈرۈش يۈز بەردى، ئېﻬتىمال بۇ خىل ئۆزگۈرۈش ئۈزۈن مۇددەتتە شەكىللەنگەن ۋەزىيەتكە ئېغىر زەربە بولىشى مۇمكىن.
ئۆتكەن يىلى، سامسۇڭ Intel بىلەن ﻫەمكارلىشىپ يېپيىڭى مەشغۇلات سىستمىسى ”Tizen“ نى ياساپ چىقتى، بەلكىم بۇ يىل شۇ سىستېمىدىكى ئۈسكۈنىلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن، يەنە كېلىپ بۇ يىلدىكى CES(ئېلىكتىر ئىستىمال كۆرگەزمىسى)دە سامسۇڭ WP8 گە ئوخشاپ قالىدىغان يانفون سىستېما كۆرۈنمە يۈزى“Magazine-UX“نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ”Tizen“ ئۈچۈن ئالدىنئالا تەييارلىق قىلىش مۇددىئاسىنى ئىپادىلىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە LG مۇ CES دە WebOS سىستېمىسىنى كۆرگەزمە قىلدى، مېيزۇمۇ Ubuntu سىستېمىسىدىكى يانفۇنلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ، Android نى چۆرۈۋىتىش نىيىتىنى ئىپادىلىدى.
CES دىكى بايقاشلاردىن باشقا، مەن يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلدىم، ئۇ بولسىمۇ مىكروسوفت ئىككى مىليارد 600 مىڭ دوللار مەبلەغ سېلىپ، سامسۇڭ، خۇاۋىي، سونىي، قاتارلىق يانفون سودىگەرلىرىنىڭ WP يانفونىنى تەتقىق قىلىپ ياسىشىغا ياردەم قىلدى. ئۇندىن باشقا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيسى بىلەن شاڭخەي لىيەنپىڭ شىركىتى ﻫەمكارلىشىپ جۇڭگو ئۆزى مۇستەققىل تەتقىق قىلىپ چىققان تېلېفون سىستېمىسى COS نى ياساپ چىقتى.
بۇ ئەﻫۋاللارنى كۆرۈپ مېنىڭ ﻫەقىقەتەن ئىچى پۇشتى، بۇنچە كۆپ تېلېفون شىركەتلىرى ياكى يۇمشاق دېتال سودىگەرلىرى نېمىشقا ئۆز ئالدىغا يانفون سىستېمىسى ياساپ چىقماقچى بولىدۇ؟ Google نىڭ Android سىستېمىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ﻫەقسىز، يەنە كېلىپ يانفون شىركەتلىرى بىلەن ﻫەمكارلىقى بىر ئوبدان ئىدىغۇ؟ نېمىشقا شۇنچە كۆپ يانفون كارخانىلىرى بىراقلا يۈز ئۆرۈپ Android دىن ۋاز كەچمەكچى بولىدۇ؟
ﻫەربىر ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ بىر سەۋەبى بولىدۇ، كۆپلىگەن يانفون ياساش شىركەتلىرىنىڭ Android نى تاشلىۋېتىشىمۇ مەلۇم ئەﻫۋالدىكى ئىلاجىسىزلىقتىن بولغان.
بىراق، ئاچكۆز Google يانفېن سىستېما ساﻫەسىگە قانائەت قىلماي، 2011-يىلى موتورولانى سېتىۋىلىپ يانفون قاتتىق دېتال ساﻫەسىگە قەدەم باستى، شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ ئۆزىنىڭ Google يانفونلىرىنى ئىشلەپ چىقىرالايدىغان بولدى.
Google نىڭ بۇ قىلمىشى سامسۇڭ، HTC ۋە LG قاتارلىق يانفون ياسىغۇچىلارغا قاتتىق ﻫار كەلدى. چۈنكى Google موتورولانى سىتىۋالغان شۇ كۈندىن باشلاپ، Google نىڭ سامسۇڭ قاتارلىق يانفون شىركەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ﻫەمكارلاشقۇچىدىن يېرىم رىقابەتچىگە ئۆزگەردى. ناۋادا بىر كۈنلەردە Motorola باشقا يانفون شىركەتلىرى بىلەن تەڭلىشەلمىسە ، Google پاتنېت دىگەن بۇ كوزۇرىنى چىقىرىپ باشقا يانفون كارخانىلىرىنى موللاق ئاتقۇزۇپ، موتورولانى يەنە قايتىدىن ئورنىدىن تۇرغۇزالايدۇ.
گەرچە Google ﻫازىرغا قەدەر بىرەر يانفون شىركىتىدىن مەشغۇلات سىستېمىسى پاتنېت ﻫەققى ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن Google نى بۇندىن كېيىنمۇ ﻫەق ئالمايدۇ دەپ كىم ﻫۆددە قىلالايدۇ؟ تېلېفون پاتنېت ﻫەققىگە ﻫېچقايسى بىر يانفون سودىگەرلىرى ئىلنىشىپ قېلىشنى خالىمايدۇ، HTC گە قارىسىلا قانداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشىنى بىلىپ يېتىدۇ. شۇڭلاشقا ﻫەرقايسى يانفونلارنىڭ ياسىغۇچىلىرى ئەگەر مادارى يەتسىلا Google نىڭ Android بىلەن تەڭ تۇرالىغۇدەك ئۆزىنىڭ يانفون مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئېچىشىنى زۆرۈر دەپ قاراشقان.
بىر يانفون كارخانىسىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى مۇخبىرغا مۇنۇلارنى ئاشكارلىغان: خېرىدارلار Android تېلېفونغا ئەپ قاچىلىغان ۋاقتىدا،ئەپ ئېچىلماسلىق ياكى قېتىۋىلىش ئەﻫۋالى كۆرۈلسە، ئىشلەتكۈچى Android سىستېمىسىدىن ئاغرىنماستىن ئەكىسچە بۇ خىل يانفون بەكلا ناچاركەن دەپ ﻫېس قىلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنلا، ئىشلەتكۈچى بۇ تېلېفوننى ئىشلەتمەي تاشلىۋىتىشى مۇمكىن، شۇڭا Android نىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىلەر يانفون كارخانىلىرىغا ئۇۋالچىلىق ئىلىپ كەلگەن.
گەرچە Google شىركىتى Android قا نىسبەتەن ئۈزلۈكسىز سىستېما يېڭىلاش ئېلىپ بېرىپ ﻫەرخىل يوچۇقلارنى رېمونت قىلغان بولسىمۇ، بىراق كۆپىنچە ئەپ ئاچقۇچىلار نەزىرىدە Android نىڭ ئاتالمىش يېڭىلاش دېگىنى «ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق» ﻫەرىكەتتىنلا ئىبارەت، ئۇ ﻫەرگىز نېگىزلىك مەسىلىنى ﻫەل قىلالمايدۇ. ئالايلۇق، ئىشلەتكۈچى تېلېفوننى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن ئىشلەتكەن ئەپلەر كۆپەيگەنسىرى تېلېفوندا ﻫەرخىل قېتىۋىلىش ئەﻫۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ﻫەتتا SAMSUNGنىڭ بايراقدار تېلفونلىرىدىمۇ ئوخشاش ئەﻫۋاللار مەۋجۇت.
ﻫازىر يانفون كارخانىلىرىنىڭ Android نىڭ قېتىش كېسىلىنى ئوڭشاشقا ئامالى قالمىدى، بىردىنبىر ﻫەل قىلىش چارىسى بولسا باشقا تېلېفون سىستېمىسىنى تاللاش ياكى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل سىستېمىسىنى ياساپ چىقىش. مۇشۇنداق بولغاندىلا، قېتىش ئەﻫۋاللىرىنى يىلتىزىدىن ﻫەل قىلغىلى بولىدۇ.
ئۇنداقتا، ئۆتكەن يىلدىكى سامسۇڭ Tizen دىن جۇڭگو مۇستەقىل ياساپ چىققان COS تېلېفون مەشغۇلات سىستىمىسىغىچە قايسى Android بىلەن ئېتىشالىغۇدەك بىڭسى بار، قايسى Android قا نىسبەتەن ئېغىر زەربە بېرەلەيدۇ؟ تۆۋەندە مۇخبىرنىڭ تەﻫلىلىنى كۆرۈپ باقايلى:
بىرىنجى، سامسۇڭنىڭ Tizen سىستېمىسى. بۇ سىستېما باشلىنىشىدىنلا ئادەتتىكىچە ئەمەس، Intel بىلەن سامسۇڭدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاتامان ﻫەمكارلىشىپ ياساپ چىققان. پەقەت سامسۇڭ تېلېفوننىڭ ئىچىدىكى سىستېمىنى تۇيدۇرماي Tizen سىستېمىسىغا ئالماشتۇرىۋەتسە، پەقەت خېرىدارلار ﻫىس قىلمىسىلا، سامسۇڭ ﻫازىرقى سېتىش مىقدارىغا تايىنىپ، Tizen سىستېمىسىنىڭ بازار ئۈلۈشىنى ئالدىنقى ئۇچكە ئېلىپ چىقالىشىدا گەپ يوق.
ئىككىنجى، مىكروسوفتنىڭ WP سىستېمىسى. بەزىلەر بەلكىم، مىكروسوفتنىڭ WP سىستېمىسى چىققىلىمۇ نەچچە يىل بولدى، ﻫېچ ئەﻫۋالىدا ياخشىلىنىش كۆرۈلمىدى، يەنىلا بولدى قىلغان ياخشى دېيىشى مۇمكىن. ئەگەر سىلەر راستىنلا مۇشۇنداق ئويلىغان بولساڭلار خاتالاشقان بولىسىلەر، چۈنكى مىكروسوفتنىڭ بۇ يىل ئاچچىغى ﻫەقىقەتەن يامان، ئۇلار بۇ يىل قاراپ تۇرۇپ زور مەبلەغ چىقىرىپ سامسۇڭ، HTC، خۇاۋىي قاتارلىق يانفون شىركەتلىرىنى WP سىستېمىسىنى قوللاشقا تەكلىپ قىلدى. ئەگەر بۇ ئۈچ شىركەتكە نوكىيا قوشۇلسا، WP سىستېمىسى خېلىلا زور بىر كۈچكە ئىگە سىستېمىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ چاغدا بازار ئۈلۈشىدە ئالدىنقى ئۈچىنجى رەتكە تىزىلىش ئاسانلا بىر ئىش بوپقالىدۇ.
باشقا WebOS سىستېمىسى، جۇڭگۇنىڭ COS سىستېمىسى، FirefoxOS سىستېمىسى قاتارلىقلاردا شەخسەن ئۆزۈمنىڭ قارىشىمچە ئۈمىد چوڭ ئەمەس، چۈنكى ﻫازىر بۇ سىستېمىلارنى قوللايدىغان كارخانىلار ئىنتايىن ئاز، داڭلىق تېلېفون سىستېمىسى بولۇشى مەنچە مۇمكىن ئەمەس.
گەرچە بۇ يىل نۇرغۇنلىغان يانفون سىستېمىلىرى Android قا ﻫۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ، ﻫەقىقەتەن Android قا بېسىم ئىلىپ كېلەلەيدىغىنى يەنىلا Tizen بىلەن WP. ئۇ ئىككىسىنىڭ بازار ئىگەللىشى Android نىڭ بازار ئۈلۈشىگە يېقىنلىشالامدۇ يوق، بۇنىڭدا يەنىلا ئۇ ئىككىسىنىڭ بۇ يىلدىكى ئىپادىسىگە قارايمىز.
IT دەۋر ژۇرنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى.

(IT دەۋر ژۇرنىلى يېڭى تاراتقۇ مەركىزى باﻫالىغۇچىسى لىن جىجۈن) يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بىرى يانفون سىستېما ساﻫەسىدە Android بىلەن iOS دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ۋەزىيەت شەكىللەندى، باشقا مەشغۇلات سىستمىلىرى بىلەن ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى خېلىلا چوڭ بولۇپ كەلدى، ﻫەتتا مىكروسوفتنىڭ WP سىستېمىسىمۇ ﻫەم شۇنداق. بىراق بۇ يىلى بارلىق يانفون مەشغۇلات سىستىمىلىرىنىڭ ئەﻫۋالىدا ئازراق ئۆزگۈرۈش يۈز بەردى، ئېﻬتىمال بۇ خىل ئۆزگۈرۈش ئۈزۈن مۇددەتتە شەكىللەنگەن ۋەزىيەتكە ئېغىر زەربە بولىشى مۇمكىن.
ئۆتكەن يىلى، سامسۇڭ Intel بىلەن ﻫەمكارلىشىپ يېپيىڭى مەشغۇلات سىستمىسى ”Tizen“ نى ياساپ چىقتى، بەلكىم بۇ يىل شۇ سىستېمىدىكى ئۈسكۈنىلىرى ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن، يەنە كېلىپ بۇ يىلدىكى CES(ئېلىكتىر ئىستىمال كۆرگەزمىسى)دە سامسۇڭ WP8 گە ئوخشاپ قالىدىغان يانفون سىستېما كۆرۈنمە يۈزى“Magazine-UX“نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ”Tizen“ ئۈچۈن ئالدىنئالا تەييارلىق قىلىش مۇددىئاسىنى ئىپادىلىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە LG مۇ CES دە WebOS سىستېمىسىنى كۆرگەزمە قىلدى، مېيزۇمۇ Ubuntu سىستېمىسىدىكى يانفۇنلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ، Android نى چۆرۈۋىتىش نىيىتىنى ئىپادىلىدى.
CES دىكى بايقاشلاردىن باشقا، مەن يەنە شۇنىڭغا دىققەت قىلدىم، ئۇ بولسىمۇ مىكروسوفت ئىككى مىليارد 600 مىڭ دوللار مەبلەغ سېلىپ، سامسۇڭ، خۇاۋىي، سونىي، قاتارلىق يانفون سودىگەرلىرىنىڭ WP يانفونىنى تەتقىق قىلىپ ياسىشىغا ياردەم قىلدى. ئۇندىن باشقا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيسى بىلەن شاڭخەي لىيەنپىڭ شىركىتى ﻫەمكارلىشىپ جۇڭگو ئۆزى مۇستەققىل تەتقىق قىلىپ چىققان تېلېفون سىستېمىسى COS نى ياساپ چىقتى.
بۇ ئەﻫۋاللارنى كۆرۈپ مېنىڭ ﻫەقىقەتەن ئىچى پۇشتى، بۇنچە كۆپ تېلېفون شىركەتلىرى ياكى يۇمشاق دېتال سودىگەرلىرى نېمىشقا ئۆز ئالدىغا يانفون سىستېمىسى ياساپ چىقماقچى بولىدۇ؟ Google نىڭ Android سىستېمىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ﻫەقسىز، يەنە كېلىپ يانفون شىركەتلىرى بىلەن ﻫەمكارلىقى بىر ئوبدان ئىدىغۇ؟ نېمىشقا شۇنچە كۆپ يانفون كارخانىلىرى بىراقلا يۈز ئۆرۈپ Android دىن ۋاز كەچمەكچى بولىدۇ؟
ﻫەربىر ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ بىر سەۋەبى بولىدۇ، كۆپلىگەن يانفون ياساش شىركەتلىرىنىڭ Android نى تاشلىۋېتىشىمۇ مەلۇم ئەﻫۋالدىكى ئىلاجىسىزلىقتىن بولغان.
Google نىڭ موتورولانى سېتىۋېلىشى شېرىكلىرىنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق رەنجىتكەن.
Apple نىڭ iPhone نى كەڭ تورداشلارنىڭ ماختاپ كۆككە كۆتۈرىشىگە سازاۋەر بولغان دەملەردە، Android بىر قانچە چوڭ تېلېفون شىركەتلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىر پۈتۈن Android ئېكولوگىيىسىنى قۇرۇپ بىرلىكتە ئالمىغا تاقابىل تۇردى. بىر مەزگىل Android سىستېمىسى بىلەن iOS سىستېمىسى كۈچ باراۋەرلىك ﻫالىتى شەكىللەندى، سامسۇڭ بىلەن HTC مۇ Android قا تايىنىپ تېز سۈرەتتە قەد كۆتۈرۈپ چىقىپ Android تېلېفون بارىگاﻫىدىكى تۇنجى زەربىدار قوشۇنغا ئايلاندى.بىراق، ئاچكۆز Google يانفېن سىستېما ساﻫەسىگە قانائەت قىلماي، 2011-يىلى موتورولانى سېتىۋىلىپ يانفون قاتتىق دېتال ساﻫەسىگە قەدەم باستى، شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ ئۆزىنىڭ Google يانفونلىرىنى ئىشلەپ چىقىرالايدىغان بولدى.
Google نىڭ بۇ قىلمىشى سامسۇڭ، HTC ۋە LG قاتارلىق يانفون ياسىغۇچىلارغا قاتتىق ﻫار كەلدى. چۈنكى Google موتورولانى سىتىۋالغان شۇ كۈندىن باشلاپ، Google نىڭ سامسۇڭ قاتارلىق يانفون شىركەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ﻫەمكارلاشقۇچىدىن يېرىم رىقابەتچىگە ئۆزگەردى. ناۋادا بىر كۈنلەردە Motorola باشقا يانفون شىركەتلىرى بىلەن تەڭلىشەلمىسە ، Google پاتنېت دىگەن بۇ كوزۇرىنى چىقىرىپ باشقا يانفون كارخانىلىرىنى موللاق ئاتقۇزۇپ، موتورولانى يەنە قايتىدىن ئورنىدىن تۇرغۇزالايدۇ.
گەرچە Google ﻫازىرغا قەدەر بىرەر يانفون شىركىتىدىن مەشغۇلات سىستېمىسى پاتنېت ﻫەققى ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن Google نى بۇندىن كېيىنمۇ ﻫەق ئالمايدۇ دەپ كىم ﻫۆددە قىلالايدۇ؟ تېلېفون پاتنېت ﻫەققىگە ﻫېچقايسى بىر يانفون سودىگەرلىرى ئىلنىشىپ قېلىشنى خالىمايدۇ، HTC گە قارىسىلا قانداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولۇشىنى بىلىپ يېتىدۇ. شۇڭلاشقا ﻫەرقايسى يانفونلارنىڭ ياسىغۇچىلىرى ئەگەر مادارى يەتسىلا Google نىڭ Android بىلەن تەڭ تۇرالىغۇدەك ئۆزىنىڭ يانفون مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئېچىشىنى زۆرۈر دەپ قاراشقان.
Android سىسىتېمىسىنىڭ Bug (يوچۇق) لىرىمۇ كارخانىچىلارنى ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغان
Google نىڭ موتورولانى سېتىۋىلىش ئىشىدىن باشقا، Android نىڭ ئۆزىنىڭ بەزى مەسىلىلىرىمۇ كۆپلىگەن كارخانىچىلاردا Android دىن ۋاز كېچىش ئارزۇسىنى پەيدا قىلغان. چۈنكى Android سىستېمىسى پۈتۈنلەي ئوچۇق كودلۇق بولغانلىقتىن، كۆپلىگەن يانفون كارخانىلىرىنى قوللاش لازىم بولىدۇ، بىراق ﻫەر بىر كارخانىنىڭ ئوي-خىيالى ۋە ئىدىيىسى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، Android سىستېمىسى ﻫەر بىر كارخانىلارنىڭ ئېﻬتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇپ بولالمايدۇ. گەرچە ﻫازىر ﻫەر بىر كارخانا ئىپتىدائىي Android سىستېمىسى ئاساسىدا تۈزىتىش ئېلىپ بارىدىغان بولسىمۇ، Android سىستېمىسى يەنىلا تۈرلۈك مەسىلىلەردىن خالىي بولالمىغان، ئوخشىمىغان تېلېفون ئابونتلىرىنىڭ ﻫېس تۇيغۇسىدىكى پەرقلەرمۇ مۇشۇنىڭدىن باشلىنىپ زورايغان.بىر يانفون كارخانىسىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى مۇخبىرغا مۇنۇلارنى ئاشكارلىغان: خېرىدارلار Android تېلېفونغا ئەپ قاچىلىغان ۋاقتىدا،ئەپ ئېچىلماسلىق ياكى قېتىۋىلىش ئەﻫۋالى كۆرۈلسە، ئىشلەتكۈچى Android سىستېمىسىدىن ئاغرىنماستىن ئەكىسچە بۇ خىل يانفون بەكلا ناچاركەن دەپ ﻫېس قىلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنلا، ئىشلەتكۈچى بۇ تېلېفوننى ئىشلەتمەي تاشلىۋىتىشى مۇمكىن، شۇڭا Android نىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىلەر يانفون كارخانىلىرىغا ئۇۋالچىلىق ئىلىپ كەلگەن.
گەرچە Google شىركىتى Android قا نىسبەتەن ئۈزلۈكسىز سىستېما يېڭىلاش ئېلىپ بېرىپ ﻫەرخىل يوچۇقلارنى رېمونت قىلغان بولسىمۇ، بىراق كۆپىنچە ئەپ ئاچقۇچىلار نەزىرىدە Android نىڭ ئاتالمىش يېڭىلاش دېگىنى «ئېتى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق» ﻫەرىكەتتىنلا ئىبارەت، ئۇ ﻫەرگىز نېگىزلىك مەسىلىنى ﻫەل قىلالمايدۇ. ئالايلۇق، ئىشلەتكۈچى تېلېفوننى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن ئىشلەتكەن ئەپلەر كۆپەيگەنسىرى تېلېفوندا ﻫەرخىل قېتىۋىلىش ئەﻫۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، ﻫەتتا SAMSUNGنىڭ بايراقدار تېلفونلىرىدىمۇ ئوخشاش ئەﻫۋاللار مەۋجۇت.
ﻫازىر يانفون كارخانىلىرىنىڭ Android نىڭ قېتىش كېسىلىنى ئوڭشاشقا ئامالى قالمىدى، بىردىنبىر ﻫەل قىلىش چارىسى بولسا باشقا تېلېفون سىستېمىسىنى تاللاش ياكى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل سىستېمىسىنى ياساپ چىقىش. مۇشۇنداق بولغاندىلا، قېتىش ئەﻫۋاللىرىنى يىلتىزىدىن ﻫەل قىلغىلى بولىدۇ.
سامسۇڭ Tizen بىلەن مىكروسوفت WP بولسا Android نىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى
گەرچە ﻫازىر نۇرغۇن تېلېفون كارخانىلىرى Android قا نىسبەتەن نارازىلىقى تۈپەيلى ئۆزىنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ياساپ چىققان بولسىمۇ، بىراق بۇ يانفون سىستېمىلىرىنىڭ Android نىڭ ئورنىنى ئېلىشى ياكى Android بىلەن تەڭ تۇرالىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس. نوكىيانى خىيال قىلىپ باقايلى، ئۇلارمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ MeeGo سىستېمىسىنى ئاچقان بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا Android نىڭ ئورنىغا چىقالمىغان. Palm نىڭ WebOS سىستېمىسىمۇ ئوخشاش ئەﻫۋالغا دۇچ كېلىپ ئاخىرىدا HP غا سېتىپ بېرىپ بولدى قىلغان.ئۇنداقتا، ئۆتكەن يىلدىكى سامسۇڭ Tizen دىن جۇڭگو مۇستەقىل ياساپ چىققان COS تېلېفون مەشغۇلات سىستىمىسىغىچە قايسى Android بىلەن ئېتىشالىغۇدەك بىڭسى بار، قايسى Android قا نىسبەتەن ئېغىر زەربە بېرەلەيدۇ؟ تۆۋەندە مۇخبىرنىڭ تەﻫلىلىنى كۆرۈپ باقايلى: