guide
MIUI سېستىمىسى ﻫەقسىز ئۇچۇر يوللاش ئۇسۇلى
يوللانغان ۋاقتى :
01-05
كۆرۈلۈشى:
2900 قىتىم
يانفون تەرەقىياتى ئۇچقانداق تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە « ئۈندىدار » يانفون ئالاقە قورالىنىڭ ئالدى بولۇپ قالدى. لىكىن يانفوننىڭ ئۆزىنىڭ ئۇچۇر ئىقتىدارىنى بىر يانغا قايرىپ قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى نۇرغۇن تېلفونخۇمار دوستلىرىمىز سىز ئامراق « ئۈندىدار » نى ﻫەر ۋاقىت ئۇچۇق قويۇشى ناتايىن، شۇنداق چاغدا بىز يەنە ئۇچۇر يوللىماي ئىلاجىمىز يوق.

未标题-1 副本.jpg

تۆۋەندە مەن مۇشۇ miui سېستىمىسى ئىشلىتىۋاتقان يانفونچى دوستلىرىمىزغا قانداق قىلىپ ﻫەقسىز ئۇچۇر يوللاشنى ئۆگىتىپ ئۆتمەكچىمەن. دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى دەرسلىكتە بولسۇن.

يانفوننىڭ « ئۇچۇر » نى ئېچىپ ، تىزىملىك كۇنۇپكىسىنى چىكىپ «设置» غا كىرىمىز.
كىرگەندىن كىيىن ئەڭ ئۈستىگە قارىسىڭىز « MIUI免费网络短信 » دىگەن تاللاش كۇنۇپكىسىنى كۆرەلەيسىز. شۇنى تاللاپ قويسىڭىز بولىدۇ.
2.png
1.png

مانا ئەمدى سىز ئۇچۇر يوللىماقچى بولغان ئادەمگە خالىغانچە ئۇچۇر يوللىسىڭىز بولىدۇ.
ئادەتتە ﻫەقسىز ئۇچۇرنىڭ تەگلىك رەڭگى كۆك رەڭلىك، نۇرمال ئۇچۇرنىڭ تەگلىك رەڭگى يېشىل رەڭلىك بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئايرىۋالسىڭىز بولىدۇ.
ﻫەقسىز ئۇچۇر يوللاش ئۈچۈن چوقۇم تېلفون ئېقىمى ياكى wifi ئۇچۇق بولىشى كىرەك. ئۇچۇر توردا يوللىنىدۇ ئەمەسمۇ. ئەگەر ﻫەقسىز ئۇچۇر يوللاش مەغلۇب بولسا ئۇچۇر ئاپتۇماتىك ئادەتتى ئۇچۇردا يوللىنىۋېتىدۇ. ﻫەرقانداق ۋاقىتتا قارشى تەرەپكە ئۇچۇر بارىدۇ. بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ.

دىققەت: ﻫەقسىز ئۇچۇر يوللاش چوقۇم ئىككى دانە miui سېستىمىسى ئىشلىتىۋاتقان يانفون ئوتتۇرسىدا بولۇش كىرەك.