يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفونغا iPhone air دەپ ئىسىم قويۇلىدىكەن
- يوللانغان ۋاقتى :
 - 12-24
 - كۆرۈلۈشى:
 - 2718 قىتىم
 

يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفوننىڭ ئېلان قىلىنىشى ﻫەر قېتىم دىگۈدەك نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ كەلدى، بولۇپمۇ توختىماي تارقالغان خەۋەرلەر ۋە مىش-مىش پاراڭلار ئۇنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈۋىتەتتى. يىقىندا ئالما شىركىتىنىڭ كېيىنكى بىر ئەۋلاد يانفونى بولغان iPhone 6 نىڭ كېلەر يىلى ئىككىنچى پەسىلدە رەسمىي تۈردە مال تەمىنلەشنى يولغا قويىدىغانلىقى ﻫەققىدە خەۋەر تارقالغاندىن كىيىن، ﻫەرقايسى مىكروبىلوگلاردا يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone 6 غا iPhone air ۋە iPhone 6C دەپ ئىسىم قويۇلىدىغانلىقى ئىچكى جەﻫەتتىن بېكىتىلىپ بولۇنغانلىقى ﻫەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان. ئۇچۇردا يەنە iPhone 6 نىڭ ﻫازىر سىناق باسقۇچىدا ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا iOS7.1 Sochi ناملىق يېڭى نەشىردىكى سىستېما قاچىلىنىدىغانلىقى شۇنداقلا يېڭى سىستېمىنىڭ نۆۋەتتە يانفون ئويۇنلىرى ۋە سىستېما ئەپلىرىگە بولغان قوللاش دەرىجىسىنىڭ سىناق قىلىنىۋاتقانلىقى قاتارلىقلار تىلغا ئىلىنغان.

