guide
ئالما مەستانىلىرى ئۈچۈن Typo iPhone مەخسۇس لاﻫىيەلەندى
يوللانغان ۋاقتى :
12-13
كۆرۈلۈشى:
2349 قىتىم
بۇ سىرتقى كونۇپكا تاختىلىق ئالما تېلېفون قىپىنىڭ بازار باﻫاسى 99 دوللار(تەخمىنەن 605 يۈەن) بولۇپ، كېلەر يىلى 1-ئايدىن باشلاپ چوڭ قۇرۇقلۇقتا بازارغا سېلىنىدۇ.

قاچاندىن باشلاندىكىن %80 كىشىلىرىمىز ئەقلىيفون ئىشلىتىپلا كېلىۋاتىمىز. يېقىندا ئالما شىركىتى چەكمە يۈزلۈك ئەقلىيفون بولغان ئالما تېلېفونلىرىنى ئىشلىتىشكە تازا كۆنەلمىگەن خىرىدارلىرى ئۈچۈن، بىر مىلىيونغا يېقىن مەبلەغ سېلىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، iOS سېستىمىسىغا تولۇق ماسلاشقان، تولىمۇ نەپىس لاﻫىيلەنگەن iPhone تاختا كۇنۇپكىلىق تېلېفۇن قىپىنى ياساپ چىققان. ناۋادا باشقا ئالاﻫىدە ئۆزگۈرۈش بولۇپ قالمىسا، بۇ مەﻫسۇلات كېلەر يىلى 1-ئايدا چوڭ قۇرۇقلۇقتا تەخمىنەن 605 يۈەندىن بازارغا سېلىنىدىكەن.