4.7 ديۇملۇق تۆت يادرولۇق يېڭى يانفون نۇبىيا Z5S mini
- يوللانغان ۋاقتى :
- 12-13
- كۆرۈلۈشى:
- 2120 قىتىم
nubia Z5S mini غا 4.7 ديۇملۇق 720p ئېكران، باتۇر ئەجدىﻬا 600 تۆت يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، ئاساسىي چاستوتىسى 1.7GHz، قوشۇنچە 2GB RAM قوللىنىلغان، بۇ يانفون يەنىلا پۈتۈن تور 3G نى قوللايدۇ. سۈرئەتكە تارتىش جەﻫەتتىن، nubia Z5S mini غا ئالدىغا ئورنىتىلىدىغان بەش مىليون پىكسىللىق كامېرا كەينىگە ئورنىتىلىدىغان 13 مىليون پىكسىللىق ئويۇق شەكىللىك كامېرا قوللىنىلغان، يورۇقلۇق چەمبىرى f/2.2، كېچىلىك سۈرئەتكە تارتىش ئۈنۈمىمۇ ئاشۇرۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالايلۇق مۇستەقىل فوتومېتىرىيە، مۇستەقىل فوكۇس قاتارلىق ئىقتىدارلارمۇ داۋاملاشتۇرۇلغان، سۈرئەتكە تارتىشنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، ئىقتىدارى تېخىمۇ مول. جەمئىي قارا، ئاق، يېشىل، كۆك، سېرىق، قىزىل ئالتە خىل يانفون گەۋدىسىگە ماسلاشتۇرۇلغان رەڭنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

