2013-يىلىدىكى ئەڭ ياخشى 10 ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون
- يوللانغان ۋاقتى :
- 12-13
- كۆرۈلۈشى:
- 3352 قىتىم
2013-يىلى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرى گۈللەنگەن بىر يىل بولدى ، ياخشى يانفونلار كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى، تۆۋەندە 2013-يىلىدىكى ئەڭ ياخشى 10 ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى كۆرۈپ باقايلى :
10. سونى Xperia Z
پايدىلىنىش باﻫاسى :3600 يۈەن

سونى Xperia Z بولسا سۇدا ﻫۆل بولۇشتىن ساقلىنالايدىغان يانفون بولۇپ، بازاردا ئاز ئۇچرايدۇ . 5سۇڭلۇق 1080P لىق ئېكران ، تۆت يادرولۇق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ، 13 مىليون پېكسىللىق كامېرا سەپلەنگەن .
9. ئالما iPhone 5c
پايدىلىنىش باﻫاسى : 3600 يۈەن

iPhone 5c نى قاپ ئالماشتۇرغانiPhone بولىدۇ ، قاتتىق دېتال ئىقتىدارىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان ، 4سۇڭلۇق retina ئېكران ، A6 قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن ، بەش خىل رەڭگى بار .
8. LG Optimus G Pro
پايدىلىنىش باﻫاسى : 2350 يۈەن

LG Optimus G Pro نى LG نىڭ ئاساسىي ئېقىمىنىڭ ۋەكىللىك تىپى دېيىشكە بولىدۇ، 5.5سۇڭلۇق 1080P لىق ئېكران ، گاۋتوڭ Snapdragon APQ8064T تۆت يادرولۇق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە 13 مىليون پېكسىللىق كامېرا ئىشلىتىلگەن .
7. LG G2
پايدىلىنىش باﻫاسى : 3000 يۈەن

G2 بولسا LG نىڭ 2013-يىلى چىقارغان بايراقدار يانفۇنى ، 5سۇڭلۇق 1080P لىق ئېكران ، گاۋتوڭSnapdragon 800 مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە 13 مىليون پېكسىللىق ئوپتىكىلىق تىترەشتىن ساقلىنىدىغان كامېرا ئىشلىتىلگەن .
6. سامسۇڭ Galaxy Note 3
پايدىلىنىش باﻫاسى : 4100 يۈەن

Galaxy Note 3 بولسا سامسۇڭنىڭ 2013-يىلىدىكى بايراقدار يانفونى ، 1080P ئېكران ، گاۋتوڭSnapdragon 800 مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن ، يۇمشاق دېتال جەﻫەتتە S Pen قول قەلىمى مەشغۇلاتى كۈچەيتىلگەن، يەنە Galaxy Gear ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى قوللايدۇ .
5. سامسۇڭ Galaxy S4
پايدىلىنىش باﻫاسى : 3600 يۈەن

پۈتۈن دۇنيادا قارشى ئېلىنغان يانفون بولۇش سۈپىتى بىلەن Galaxy S4 دە سامسۇڭنىڭ تۈرلۈك بەلگە خاراكتىرلىك لايىﻬەلىرى قوللىنىلغان ، كۈچلۈك قاتتىق دېتال ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن سېستىمىسى ، ئەڭ يېڭى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كونترول قىلىش ئىقتىدارى بۇ يانفوننى قالتىس مەﻫسۇلاتقا ئايلاندۇرغان .
4. MOTO X
پايدىلىنىش باﻫاسى : 3500 يۈەن

MOTO X نى نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى Android ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنلىرىنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ ، گەرچە ﻫېچقانداق كۈچەيتىلگەن قاتتىق دېتال سەپلىمىسى بولمىسىمۇ، باشقا يانفونلاردا بولمىغان ئاكتىپ ئاۋاز ئارقىلىق كونترول قىلىش ئىقتىدارى 2013-يىلىدىكى يېڭى بىر خىل ئىقتىدار ﻫېسابلىنىدۇ .
3. HTC One
پايدىلىنىش باﻫاسى : 3400يۈەن

HTC One نى بىر خىل ئىنتايىن ياخشى بولغان ‹‹چولپان›› يانفون دېيىشكە بولىدۇ ، ئۇ HTC نىڭ ماركا قىممىتىنى بەلگىلىك مىقداردا يۇقىرى كۆتۈردى. ئۇنىڭدا نەپىس مېتال قاپ ، ياخشى بولغان ئېكران ئۈنۈمى ، سېترىئولۇق ئاۋاز ياڭراتقۇ ، پۈتۈنلەي يېڭى لايىﻬە قوللىنىلغان .
2. گۇگىل Nexus 5
پايدىلىنىش باﻫاسى : 2500 يۈەن

LG ۋاكالىتەن ياسىغان Nexus 5 بولسا Nexus 4 نىڭ ئورنىنى ئېلىپ بۇ يىلقى ئەڭ سېتىۋېلىشقا ئەرزىيدىغان Android ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونى بولۇپ قالدى . ئۇنىڭغا 5سۇڭلۇق 1080P لىق ئېكران ، گاۋتوڭSnapdragon 800 مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ قوللىنىلغان ، ئەڭ يېڭى Android 4.4 سېستىمىسى ئىشلىتىلگەن .
1. ئالما iPhone 5s
پايدىلىنىش باﻫاسى : 5200يۈەن

ﻫەممىگە مەلۇم ، iPhone 5s نۆۋەتتىكى كىشىنى ئەڭ جەلپ قىلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ﻫېسابلىنىدۇ . گەرچە ئېكراننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى جەﻫەتتە باشقا يانفونلارغا يەتمىسىمۇ بىراق Touch ID بارماق ئىزىنى تونۇش سېنزورى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ قوللىنىلىشى ۋە 64 بىتلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە iOS 7 سېستىمىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى بىلەن بۇ يانفون ﻫەممە ئادەم ياقتۇرىدىغان يانفونغا ئايلاندى .