guide
كەلگۈسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار سەل چاغلاشقا بولمايدۇ
يوللانغان ۋاقتى :
10-14
كۆرۈلۈشى:
1924 قىتىم
يىقىندىن بۇيان مەيدانغا كىلىۋاتقان يېڭى نۇسخىدىكى بايراقدار يانفونلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ ئەڭ ياخشى ﻫالىتىنى نامايەن قىلىپ بىرىۋاتىدۇ،1080P لىق ئىكران، تۆت يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە ئالاﻫىدە يۇقىرى پىكسىللىق كامېرا قاتارلىقلار بىز ئۈچۈن ئانچە ناتونۇش ئەمەس. ئۇنداقتا، كىيىنكى بىر ئەۋلاد ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار، مەسىلەن، iPhone 6 ۋە Galaxy S5 قاتارلىقلاردا يەنە قانداق يېڭىلىقلار ئوتتۇرىغا چىقار؟
گاۋتوڭ شىركىتى يىقىندا ئۇيۇشتۇرغان Uplinq يىغىنىدا، شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش لېدىرى ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە يېڭى بىر ئەۋلاد ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ۋە پەدلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئالاﻫىدە بىر تەرەپ قىلغۇچ تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇ يەنە كۆپچىلىككە كەلگۈسىدىكى يانفونلاردا بولۇشى مۇمكىن بولغان بىر قىسىم ئالاﻫىدە ئىقتىدارلار ۋە ئالاﻫىدە ئەپلەر ﻫەققىدە چۈشەنچە بىرىپ، ئۇلارنى ﻫەيران قالدۇرغان. قېنى ئۇنداقتا، ﻫەممەيلەن بىرلىكتە كەلگۈسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلاردا قانداق يېڭىلىقلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.
1. 4K لىق ئىكران
1080P لىق ئىكران ﻫازىرقى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارغا سەپلىنىۋاتقان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىكرانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئادەتتە ئۇنىڭ چوڭلۇقى 5 ياكى 6 دىيۇم ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ. ئۇنداقتا، كەلگۈسىدىكى يانفونلارغا قانداق ئىكران سەپلىنىدۇ؟ شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇ دەل 4K ئالاﻫىدە سۈزۈك ئىكراندۇر. گاۋتوڭ شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 4K لىق ئالاﻫىدە سۈزۈك ئىكرانلار ﻫازىر ئاللىقاچان بىر قىسىم تاختا كومپىيۇتېرلارغا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، كەلگۈسىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارغىمۇ سەپلىنىدىكەن.
2.  4Kئېنىقلىقىدا سۈرەتكە تارتىش
بۇ يىل ئۆتكۈزۈلگەن IFA 2013 يىغىنىدا، خوڭجى شىركىتى ئوتتۇرىغا چىقارغان Liquid S2 گە 4K لىق ئالاﻫىدە سۈزۈك ﻫالەتتە سۈرەتكە ئىلىش ئىقتىدارى ﻫازىرلانغان بولۇپ، بۇ گاۋتوڭ Snapdragon 800 بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنىڭ ئالاﻫىدە ئىقتىدارىنىڭ ياردىمىدە ئەمەلگە ئاشىدىكەن. شۇنىسى ئېنىقكى، يىقىن كەلگۈسىدە بۇ خىل ئىقتىدار ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
3. 360 گرادۇسلۇق سۈرەتكە ئىلىش ئىقتىدارى
گاۋتوڭ شىركىتى كۆپچىلىككە نامايەن قىلغان Snapdragon EyeSee 360 ئۈسكۈنىسى 360 گرادۇسلۇق ﻫالەتتە سۈرەتكە ئىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، بىر دانە كامېرا ئارقىلىق ئوخشاش بىر ۋاقىت ئىچىدە ئالدى-كەينى ۋە ئوڭ-سول تەرەپلەردىكى مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە ئالالايدىكەن.
4. يېڭىچە كامېرا ئىقتىدارى
UbiFocus ئىقتىدارى بولسا گاۋتوڭ شىركىتى كىيىنكى ئەۋلاد ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقارغان ئالاﻫىدە سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى بولۇپ، بۇ خىل كامېرادا تارتىلغان سۈرەتلەردە سىز خالىغان بىر نۇقتىنى تاللاپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ﻫەرخىل ئۈنۈملەرنى قوشالايسىز.
5.كۆپ مىكرافون
گەرچە يانفوننىڭ سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى توختىماستىن يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق، ئۇنىڭ ئاۋاز سۈپىتى ئىزچىل ﻫالدا بىر قىيىن مەسىلە بولۇپ كەلگەنىدى.HTC شىركىتى يىقىندا سترىئولۇق ئۈنۈمدىكى قوش مىكرافون ئارقىلىق بىر قەدەر ياخشى بولغان ئاۋازغا ئىلىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكەن، گاۋتوڭ شىركىتى بولسا يانفون ئىچىگە تۆت دانە مىكرافون سەپلەپ، يانفون ئارقىلىق 5.1  لىق ئاۋاز چاستوتىسىغا ئوخشاپ قالىدىغان ئاۋاز ئىلىش ۋە قويۇش ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشانلىغان.
6. ئالاﻫىدە ئويۇن ئويناش تۇيغۇسى
گاۋتوڭ شىركىتى بۇ قېتىملىق يىغىندا يەنە بىر خىل يېڭىچە بولغان ئاۋاز چاستوتىسى تېخنىكىسىنى كۆپچىلىككە نامايەن قىلدى، بۇ خىل ئاۋاز تېخنىكىسى ئارقىلىق ئېلىكتىرونلۇق ئويۇن ئوينىغاندا خۇددى نەق مەيداندا بولۇۋاتقاندەك بىر خىل ئۈنۈم ﻫاسىل قىلغىلى بولىدىكەن، بۇنداق بولغاندا، ئېلىكتىرونلۇق ئويۇن ئوينىغۇچىلار ئۆزلىرى خۇددى ئويۇننىڭ ئىچىگە چۆكۈپ كىتىۋاتقاندەك ﻫېس قىلىدىكەن.
7.تېخىمۇ كۈچلۈك ئىقتىدار ۋە تېخىمۇ تۆۋەن بولغان ئېنىرگىيە سەرپىياتى
ئىقتىدار بولسا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار مەڭگۈ توختىماستىن قوغلىشىدىغان بىر نىشان، بىراق، ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يانفون باتارىيىسىنىڭ ئۆمرىنى قانداق قىلىپ ئۇزارتىش مەسىلىسىنى  ئۈنۈملۈك ﻫەل قىلىش زۆرۈر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئېنىرگىيە خوراش دەرىجىسىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تۆۋەنلىتىپ، باتارىيە قۇۋۋىتىنىڭ خوراش ۋاقىتىنى تېخىمۇ ئۇزارتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.